ساغلاملىق

قايسى دورىنى يىگەندە سۇ ئىچمەسلىك، قايسىدا كۆپرەك سۇ ئىچىش كېرەك؟

بۇ دورىلارنى يەپ بولۇپ سۇ ئىچمەڭ
1. ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى ئاسراش دورىسى(胃黏膜保护剂)
ئاشقازان شىللىق پەردىسىنىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارىنى قوغداش ۋە كۈچەيتىشنى ئاساسىي ئۈنۈم قىلغان دورىلار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى قوغداش دورىسى دەپ ئاتىلىدۇ، مەسىلەن: مەيزىلىن (麦滋林)، ليۇتاڭلۈ (硫糖铝) قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاشقازان يارىسىنى داۋالايدىغان ئاساسلىق دورىلاردۇر.
بۇ خىل دورىلاردىن كۆپ ئۇچرايدىغانلىرى: لۈتەن سۈەنمېي (铝碳酸镁)، جياۋتى گوجياۋبى(胶体果胶铋)، گوۋيۈەن سۈەنبىجيا (枸橼酸铋钾) قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بۇ خىل دورىلار ئاشقازانغا كىرگەندىن كېيىن تېز پارچىلىنىپ، ئېرىمەيدىغان نۇرغۇن ئۇششاق دانچىلارغا ئايلىنىپ، ئاشقازان شىللىق پەردىسى ۋە كېسەلنىڭ سىرتقى يۈزىگە تېزدىن يېپىشىپ، بىر قەۋەت قوغداش خاراكتېرلىك نېپىز پەردە ھاسىل قىلىپ، ئاشقازان كىسلاتاسى، ھەزىم قىلىش ئېنزىمى، دورا قاتارلىقلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراتماي، ئايرىۋېتىش رولىنى ئوينايدۇ.

قايسى دورىنى يىگەندە سۇ ئىچمەسلىك، قايسىدا كۆپرەك سۇ ئىچىش كېرەك؟

بۇ خىل دورىنى ئىچكەندە، پەقەت بىر يۇتۇم سۇ بىلەن ئىچسىلا بولىدۇ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆپ مىقداردا سۇ ئىچمەسلىك، ئەمدىلا شەكىللەنگەن قوغداش پەردىسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. قوغداش توسۇقى بەرپا قىلىنىپ مەغلۇپ بولسا، دورىنىڭ ئۈنۈمى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.
ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى قوغدىغۇچى دورىلارنى تاماقتىن بۇرۇن ئىستېمال قىلىدىغان بولغاچقا، ئامال بار دورىنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرسىتىدىغان يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە، سۇ ئىچىپ تاماق يېمەسلىك ياكى سۇنى ئاز ئىچىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. قوغداش پەردىسى مۇقىملاشقاندا ياكى دورىنىڭ تەسىر كۆرسىتىش ۋاقتىغا يەتكەندە، ئاندىن مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىش كېرەك. شۇڭا، بۇ خىل دورىلارنى ئىچكەندىن كېيىن، 30 مىنۇت ئىچىدە ئەڭ ياخشىسى سۇ ئىچمەسلىك كېرەك.
2. يۆتەل توختىتىش قىيامى (止咳糖浆)
بۇ دورىلار بىر قەدەر يېپىشقاق بولۇپ، ئىچكەندىن كېيىن دورا يۇتقۇنچاققا چاپلىشىپ، كېسەللىك ئۆزگىرىش ئورنىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ياللۇغ قايتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.
ئەگەر سۇنى زىيادە كۆپ ئىچكەندە، يۇتقۇنچاقتىكى دورىنىڭ ئۈنۈملۈك تەركىبىنى ئېقىتىۋېتىپ، يەرلىك ئورۇندىكى دورىنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.

قايسى دورىنى يىگەندە سۇ ئىچمەسلىك، قايسىدا كۆپرەك سۇ ئىچىش كېرەك؟

ئەگەر يۆتەل توختىتىش قىيامىنى ئىچىپ بولغاندىن كېيىن دەرھال سۇ ئىچسە، قوغداش پەردىسى يۇيۇلۇپ كېتىدۇ، دورىنىڭ كېسەلگە گىرىپتار بولغان جايغا چاپلىشىش مىقدارى تۆۋەنلەپ، يۆتەل توختىتىش رولى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ. شۇڭا، يۆتەل توختىتىش قىيامىنى ئىچكەندىن كېيىن 10 مىنۇت ئىچىدە سۇ ئىچمەسلىك، يېرىم سائەتتىن كېيىن خالىغانچە سۇ ئىچمەسلىك كېرەك.
يۆتەل توختىتىش قىيامىدىن باشقا، كېكىردەكنى سىلىقلاش تابلىتكىسى(像润喉片)، ئېغىز بوشلۇقى يارىسىنى(治疗口腔溃疡) داۋالاش تابلىتكىسىنىڭ رولى پرىنسىپىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بولۇپ، ئىشلەتكەندىن كېيىنكى 10 مىنۇت ئىچىدە ئوخشاشلا سۇ ئىچىشكە بولمايدۇ.
3. ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش دورىسى(止泻药)
ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش دورىسىنىڭ ھەزىم قىلىش يولى شىللىق پەردىسىنى كۈچەيتىش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش، كۆپ خىل كېسەللىك قوزغاتقۇچى ۋە توكسىننى مۇقىملاشتۇرۇش، تازىلاش رولى بار. ئۇنىڭ ھەزىم قىلىش يولىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مېخانىزمى، ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى قوغداش دورىسىدىن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ.

قايسى دورىنى يىگەندە سۇ ئىچمەسلىك، قايسىدا كۆپرەك سۇ ئىچىش كېرەك؟

ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە ھەزىم قىلىش يولىدىكى گاز ۋە ھەر خىل بۇزغۇنچىلىق ماددىلارنى سۈمۈرۈۋېلىپ، ئۇنى ئۈچەي بوشلۇقىنىڭ سىرتقى يۈزىگە مۇقىملاشتۇرۇپ، كېسەل پەيدا قىلىش رولىنى يوقىتىدۇ، ئاندىن ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىگە ئەگىشىپ بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىدۇ. بۇ خىل دورىلارنى ئىچكەندە، ئاز مىقداردا سۇ بىلەن ئىچسە بولىدۇ، لېكىن دورا ئىچكەندىن كېيىنكى 30 مىنۇت ئىچىدە، ئامال بار سۇ ئىچمەسلىك كېرەك.
4. ئېغىز چايقاش دورىسى(含漱剂)
ئېغىز چايقاش دورىسى ئاساسلىقى يۇتقۇنچاق، ئېغىز بوشلۇقىنى تازىلاشقا ئىشلىتىلىدۇ، سېسىق پۇراقنى يوقىتىش، چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يىغىش ۋە ياللۇغ قايتۇرۇش رولى بار. چىش مىلىكى ياللۇغى، چىش ئەتراپى ياللۇغى قاتارلىق ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرىنى قوشۇمچە داۋالايدىغان دورا بولۇپ، بۇ دورىلارنى يۇتۇۋېتىشكە بولمايدۇ.

قايسى دورىنى يىگەندە سۇ ئىچمەسلىك، قايسىدا كۆپرەك سۇ ئىچىش كېرەك؟

شۇڭا، ئېغىزدىكى دورىنى پۈتۈنلەي پاكىز يۇيۇشتىن بۇرۇن، سۇ ئىچمەسلىك ۋە بىر نەرسە يېمەسلىك كېرەك.

بۇ دورىلارنى يېگەندە، كۆپرەك سۇ ئىچىپ بېرىش كېرەك
1. سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىدا تاش پەيدا بولۇش(泌尿系结石) خەۋپىنى ئاشۇرىدىغان دورىلار
بەزى دورىلار مېتابولىزمنىڭ كونكرېت سەۋەبى تۈپەيلىدىن سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىدا نىسبەتەن ئاسانلا تاش پەيدا بولىدۇ، مەسىلەن: كۆپچىلىككە تونۇشلۇق بولغان زوياڭفۇشاشىڭ (左氧氟沙星)، موشىشاشىڭ (莫西沙星) قاتارلىقلار، بولۇپمۇ كۆپ مىقداردا ئىشلەتكەندە، كۆپرەك سۇ ئىچىش سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىدا تاش پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق. ئادەتتە 200 مىللىلىتىردىن 250 مىللىلىتىرغىچە سۇ بىلەن ئىچىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ، دورا ئىچكەندىن كېيىن يەنە كۆپرەك سۇ ئىچىشكە دىققەت قىلىش كېرەك.

قايسى دورىنى يىگەندە سۇ ئىچمەسلىك، قايسىدا كۆپرەك سۇ ئىچىش كېرەك؟

2. قىزىلئۆڭگەچ شىللىق پەردىسىنى(食道黏膜) غىدىقلايدىغان دورىلار
بەزى دورىلار قىزىلۆڭگەچ شىللىق پەردىسىنى غىدىقلاپ، دورا مەنبەلىك قىزىلۆڭگەچ زەخىملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، مەسىلەن: تېتراتسىكلىن(四环素)، تېررامىتسىن(土霉素)، كلامىتسىن(克拉霉素)، ترىنىترازول(替硝唑)، كالىي خلورىد(氯化钾)، كۇينىدىڭ(奎尼丁 ) ۋە راكقا قارشى بەزى دورىلار. بۇ دورىلارغا قارىتا، بىر ئىستاكان سۇ بىلەن قوشۇپ ئىچىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دورا يەپ يېرىم سائەتتىن كېيىن تۈز يېتىشتىن ساقلىنىش، دورىنىڭ قىزىلۆڭگەچكە بولغان زىيىنىنى ئازايتىش تەكلىپىنى بېرىمىز.
3. قىزىتما قايتۇرۇپ ئاغرىق پەسەيتىش دورىسى
تۇرمۇشتا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان دورىلار قىزىتما قايتۇرۇپ ئاغرىق پەسەيتىش دورىسى، مەسىلەن: بروفىن(布洛芬)، ئاسپىرىن تابلېتى(阿司匹林泡腾片 )، ئاتسېتامىنوفېن(乙酰氨基酚 ) قاتارلىقلار. بۇ خىل دورىلار ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى ئاز ـ تولا غىدىقلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دورا ئىچكەندىن كېيىن بىمارلارنىڭ كۆپىنچىسى تەرلەپ، بەدەن سۇيۇقلۇقىنىڭ يوقاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، دورا ئىچكەندە ۋە ئىچكەندىن كېيىن، سۇ تولۇقلاشقا دىققەت قىلىش ناھايىتى مۇھىم.
4. بەزى ئۆت راۋانلاشتۇرۇش دورىلىرى
بەزى ئۆتكە پايدىلىق دورىلار، مەسىلەن: فېنىل پىروپىل ئالكوھول(苯丙醇)، گىدروكسى سېروتونىن(羟甲香豆素)، گىدروخولىك كىسلاتا(去氢胆酸)، ئۇرودېئوكسى خولىك كىسلاتا(熊去氧胆酸) قاتارلىق دورىلارغا نىسبەتەن، دورا يېگەندىن كېيىن ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ زىيادە ئاجرىلىپ چىقىشى ۋە ئىچى سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا كۆپرەك سۇ ئىچىشكىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك. ئەلۋەتتە، سۇنى كۆپ ئىچىشمۇ مەلۇم دەرىجىدە، بولۇپمۇ ئادەتتىكى نورمال ئادەملەرنىڭ يۈرەك زەئىپلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ قانچىلىك سۇ ئىچىشى كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن بېكىتىلىدۇ، سۇ ئىچىش سەۋەبىدىن يۈرەك ئىقتىدارى ناچارلىشىپ كەتسە بولمايدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى