ساغلاملىق

سوغۇق ھاۋادا بالىلاردىكى زىيادە سەزگۈرلۈك كېسىلىنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش كېرەك؟

قىش پەسلىدە ھاۋا سوغۇق، ئۆي ئىچىدىكى پار بەك ئىسسىق، ئۆي ئىچى بىلەن سىرتىنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، ھاۋامۇ بەك قۇرغاق، ئۇنىڭ ئۈستىگە دېرىزىلەرنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش ۋاقتى قىسقا، ئۆي ئىچىدەقە زەمبۇرۇغ، ئائىلىدە بېقىلغان ئەرمەك ھايۋانلارنىڭ تۈكى، كېپەك قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاسانلا بالىلاردىكى زىيادە سەزگۈرلۈكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا قىش پەسلى زىيادە سېزىمچان بۇرۇن ياللۇغى، زىيادە سېزىمچان يۆتىلىش ۋە كانايچە زىققىسى كۆپ يۈز بېرىدىغان پەسىل.

بالىنىڭ كېسەللىككە قارشى تۇرۇش كۈچى ئاجىز بولغاچقا، كۈندىلىك تۇرمۇشتا، ئەگەر پەرۋىش مۇۋاپىق بولمىسا زىيادە سېزىمچانلىق ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا كۈندىلىك پەرۋىشنى ياخشى قىلىش ئىنتايىن مۇھىم.

1. ئىسسىق ساقلاشقا دىققەت قىلىش: ئىسسىق ئۆيدىن چىقىپ كەتكەندە، تېمپېراتۇرا بىردىنلا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، شۇڭا ئىمكانقەدەر سوغۇقتىن ساقلىنىش، ئىسسىق ساقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ماسكا تاقاپ، سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشتىن، زۇكام بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

2. ئۆي ئىچى ھاۋاسى ساپ، تېمپېراتۇرىسى 22-24 گىرادۇس، نەملىك دەرىجىسى %50-%60 گىچە بولۇشى كېرەك، قەرەللىك ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھاۋانىڭ بۇلغىنىشىدىن يىراق تۇرۇش، تاماكا چەككۈچىلەر بىلەن ئۇچراشماسلىق، تاماكا چېكىشنى رەت قىلىش كېرەك.

3. كىيىم-كېچەك ۋە يوتقان-كۆرپىلەرنى پات-پات ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، توزانسىمان سالجا ۋە ئۇنىڭ مېتابولىزم مەھسۇلاتلىرىنى تازىلاش كېرەك. كىرلىك ۋە ئەدىيالنى ھەر ھەپتىدە ئىسسىق سۇ بىلەن يۇيۇش ھەمدە ئاپتاپتا قۇرۇتۇش لازىم.

4. بالىنى ئۇزۇن تىۋىتلىق ئويۇنچۇقنى قۇچاقلاپ ئۇخلاتماسلىق كېرەك. ياتاق ئۆيگە گىلەم ۋە ھايۋانات تېرىسى بۇيۇملىرى ئىشلەتمەسلىك كېرەك. ئامال بار ئەرمەك ھايۋانلارنى باقماسلىق كېرەك.

5. كېسەل بولۇپ قالغان بالىلارنىڭ زىيادە ھاياجانلىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك، چۈنكى قاتتىق يىغلىسا، قاتتىق كۈلسە دېمى سىقىلىدۇ، يۆتىلىشنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

6. يېمەك-ئىچمەككە دىققەت قىلىش، سوغۇق، خام، مايلىق، تاتلىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. راك، قىسقۇچپاقا، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق رېئاكسىيە ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

 

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى