ساغلاملىق

قايسى ۋاقىتتا قان بېسىمىنى ئۆلچىسە ئەڭ توغرا بولىدۇ؟

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئادىتى ۋە يېمەك-ئىچمەك ئادىتىدە زور ئۆزگىرىش بولدى، تۇرمۇش شارائىتىمۇ بەلگىلىك دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. گەرچە تۇرمۇش ياخشىلانغان بولسىمۇ، لېكىن بەزى يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى بارغانسېرى ئاشتى، بولۇپمۇ يۇقىرى قان بېسىم مەسىلىسى ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلار ئارىسىدا بارغانسېرى ئومۇملاشتى، ھەتتا ياشلىشىشقا يۈزلەندى. شۇڭا نۇرغۇن ئائىلىلەردە قان بېسىم ئۆلچىگۈچ بار بولۇپ، ۋاقتىدا تەكشۈرۈشكە قولايلىق.

ھەر كۈنى قانداق ۋاقىتتا قان بېسىمىنى ئۆلچىسە ئەڭ توغرا بولىدۇ؟

كۈندىلىك تۇرمۇشتا، گەرچە نۇرغۇن ئائىلىلەردە قان بېسىم ئۆلچىگۈچ بار بولسىمۇ، لېكىن بەزىدە ئۆيدە قان بېسىمىنىڭ ئۆرلەپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرۈتكەندە، قان بېسىمى نورمال چىقىدۇ، ھەتتا ئۆزىنىڭ قان بېسىم ئۆلچىگۈچىدە مەسىلە كۆرۈلدى، دەپ قارىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە قان بېسىمىنى ئۆلچەشنىڭ توغرا بولماسلىقى كۆپىنچە ئۆزىڭىزنىڭ مەسىلىسى، بەلكىم سىزنىڭ قان بېسىمىنى توغرا ئۆلچەش ۋاقتىنى تاللىمىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن.

1. سەھەردە ئورنىمىزدىن تۇرغاندا ئۆلچەش: ئەتىگەندە ئورنىمىزدىن تۇرغاندىن كېيىن، بەدىنىمىز سىرتقى مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان، بىر قەدەر مۇقىم ھالەتتە تۇرغان بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئۆلچىگەن قان بېسىم ئەڭ توغرا بولىدۇ.

2. ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئۆلچەش: كۈندىلىك تۇرمۇشتا، كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئۆلچەش كېرەك، بۇ ۋاقىتتا كەچلىك تاماق ۋاقتى بىلەن بولغان ئارىلىقى ناھايىتى ئۇزۇن بولىدۇ، بىر كۈنلۈك پائالىيەتمۇ ئاخىرلىشىدۇ، كەيپىياتمۇ بىر قەدەر ئازادە ھالەتتە تۇرىدۇ، بۇ ۋاقىتتا قان بېسىمىنى ئۆلچەش نىسبەتەن توغرا بولىدۇ.

3. قان بېسىمنى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلارنى ئىچكەندىن كېيىنكى 2~3 سائەت: يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى قان بېسىمنى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلارنى ئىچكەندىن كېيىن، ئىككى، ئۈچ سائەتتىن كېيىن ئۆزىنىڭ قان بېسىمىنى ئۆلچىسە، بىر قەدەر توغرا بولىدۇ.

قان بېسىمنى توغرا ئۆلچەش ئۈچۈن، بىز نېمىلەرگە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك؟

1.بىز قان بېسىمنى ئۆلچەشتىن بۇرۇن، يەپ-ئىچىشتىن ساقلىنىشىمىز كېرەك، چاي ۋە قەھۋە قاتارلىق تەركىبىدە كوففېئىن بولغان ئىچىملىكلەر قان بېسىمىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قان بېسىمىنى ئۆلچەشنىڭ مۇقىم بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاسانلا يۇقىرىراق بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. قان بېسىمىنى ئۆلچىگەندە، چوقۇم كۆپ قېتىم ئۆلچەش كېرەك، نۇرغۇن كىشىلەر قان بېسىمىنى بىر قېتىم ئۆلچىسىلا بولىدۇ، دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ خىل ئۇسۇل مۇۋاپىق ئەمەس. ھەر قېتىم قان بېسىمىنى ئۆلچىگەندە، بىر-ئىككى قېتىم كۆپرەك ئۆلچىگەندە، ئوتتۇرىچە قىممەت بەدەندىكى قان بېسىم سەۋىيەسىنى توغرا ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قان بېسىم ئۆلچىگۈچتە مەسىلە كۆرۈلۈشتىن كېلىپ چىقىدىغان خاتالىقتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ئادەتتە بىز قان بېسىمىنى ئۆلچىگەندە، بەدەن قىياپىتىمىزگە دىققەت قىلىشىمىز، ئەڭ ياخشىسى بىلىكىمىز بىلەن بىۋاستە تېگىشىشى كېرەك.

3. بىز ئادەتتە قان بېسىمنى ئۆلچىگەندە، بىلەك بىلەن يۈرەكنى نىسبەتەن يېقىن ئىگىزلىكتە ساقلىشىمىز كېرەك، ئەگەر پەرق بەك چوڭ بولۇپ كەتسە، ئۆلچەش نەتىجىسىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ.

خاتىمە: ماقالىدە دېيىلگەن بۇ سۆزلەر قان بېسىمىنى ئۆلچەشكە ئائىت بەزى بىلىملەر، كۆپچىلىك ئادەتتە قان بېسىمىنى ئۆلچىگەندە، يەنە كۆپرەك دىققەت قىلىپ، قان بېسىمىنى ئۆلچەشنىڭ توغرا بولماسلىقىغا دىققەت قىلىپ، سالامەتلىككە خاتا ھۆكۈم چىقىرىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئائىلىدە قان بېسىمىنى ئۆلچىگەندە، ئەگەر راستتىنلا قان بېسىمى ئۆرلەپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، توغرا ئۆلچىيەلمەسلىك ئېھتىماللىقى بولسىمۇ ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ بېقىش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى