يېمەك-ئىچمەك

كەچتە سۈت ئىچسە ئۇخلاشقا ياردىمى بولامدۇ؟

كەچتە سۈت ئىچسە ئۇخلاشقا ياردىمى بولامدۇ؟ بۇ ئۈچ خىل يېمەكلىك كەچلىك ئۇيقۇغا ياردەم بېرىدۇ.

كەچتە سۈت ئىچسە ئۇخلاشقا ياردىمى بولامدۇ؟

سۈت تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل ئوزۇقلۇق ئىچىملىكى بولۇپ، تەركىبىدە ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل ۋە كالتسىي ئېلېمېنتى مول، دائىم ئىچىپ بەرگەندە بەدەننى ساغلاملاشتۇرۇپ، بەدەننىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى تېزلىتىپ، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كۆپ ياردىمى بولىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر ئىستاكان سۈت ئىچسە گىپنوز قىلىش رولىنى ئوينايدۇ، بۇ ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ئۇخلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئۇيقۇنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ، ئۇنداقتا ئەمەلىيەت راستىنلا شۇنداقمۇ؟

سۈتنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ناھايىتى مول بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ساغلاملىقىغا ياردەم بېرىدىغان مۇھىم تەركىبلەر بار، بۇلار ئۇيقۇسىزلىقنىڭ مەلۇم دەرىجىدە ئالدىنى ئالىدۇ، مەسىلەن ئۇنىڭدىكى كالتسىي، ۋىتامىن B6 قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇيقۇسىزلىقنى ياخشىلايدۇ.

كەچتە سۈت ئىچسە ئۇخلاشقا ياردىمى بولامدۇ؟

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سۈتنىڭ قورساق تويغۇزۇش سېزىمى كۈچلۈك بولىدۇ، بىر ئىستاكان سۈت ئۇخلاش ۋاقتىدىكى ئاچلىق تۇيغۇسىنى پەسەيتىشكە ياردەم بېرىدۇ، بولۇپمۇ كەچتە ئورۇقلاش ئۈچۈن تاماقنى ناھايىتى ئاز يەيدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەگەر ئۇخلىغاندا ئاچ قالسا، ئۇ چاغدا ئۇخلىماق ناھايىتى تەس بولىدۇ. كالا سۈتىنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى ئانچە يۇقىرى ئەمەس، ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر ئىستاكان سۈت ئىچسە سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ، بۇمۇ بىر قەدەر ياخشى ئورۇقلاش ئۇسۇلى.

كەچتە سۈت ئىچسە ئۇخلاشقا ياردىمى بولامدۇ؟

بۇ جەھەتتىن ئېيتقاندا، كالا سۈتى ھەم ئۇيقۇنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ھەم ئاسان سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ، بۇ ناھايىتى ياخشى يېمەكلىك. ئەگەر ئۇيقۇسىزلىق ئېغىرراق بولسا، ئۇنداقتا سۈت ئىچىشنىڭ ئۇنداق ئۈنۈمى بولمايدۇ، يەنىلا كەسپىي خادىملارنىڭ يېتەكچىلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلىش كېرەك. كالا سۈتىنىڭ بەلگىلىك دەرىجىدە ئۇخلىتىش رولى بار، ئۇنداقتا ئەتىگەندە ئىچسە ئادەمنى مۈگدەك بېسىپ قالامدۇ؟

ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، بىر تەرەپتىن ئەتىگەندە تۇرغاندا بىزنىڭ روھىمىز بىر قەدەر ياخشى بولىدۇ، ئەگەر ئۇيقۇ يېتەرلىك بولسا، ئۇنداقتا ئۇ گىپنوز ماددىلىرىنىڭ ھېچقانداق تەسىرى بولمايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، بىز ئەتىگەندە سۈت ئىچكەندە دائىم باشقا ئاساسلىق يېمەكلىكلەر بىلەن بىللە ئىستېمال قىلىمىز، بۇنداق قىلغاندا ئەتىگەنلىك تاماقنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىنى ئاشۇرۇپلا قالماستىن، يەنە تاماقتىن كېيىنكى قان شېكىرىنىڭ ئۆرلىشىنى كېچىكتۈرىدۇ ھەمدە ئاچلىق سېزىمىنىڭ يېتىپ كېلىشىنى كېچىكتۈرىدۇ. شۇڭا ئەتىگەنلىك تاماقتا سۈت ئىچىش ناھايىتى ياخشى تاللاش.

كەچتە سۈت ئىچىپ ئۇيقۇنى ياخشىلىغاندىن باشقا، يەنە قانداق يېمەكلىكلەر ئۇيقۇنى ياخشىلاش رولىنى ئوينايدۇ؟ ئەمەلىيەتتە كۈندىلىك تۇرمۇشتا بۇ ئۈچ خىل يېمەكلىك ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ.

كەچتە سۈت ئىچسە ئۇخلاشقا ياردىمى بولامدۇ؟

1. ئۆرۈك مېغىزى

ئۆرۈك مېغىزى قاتتىق پوستلۇق مېۋە تۈرىدىكى يېمەكلىك بولۇپ، تەركىبىدە مول ئاقسىل ۋە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى، ۋىتامىن ۋە ماگنىي قاتارلىق مىكرو ئېلېمېنتلار بار.

ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ماگنىي ئېلېمېنتى مۇسكۇللارنى ئارام ئالدۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ، ئەگەر ئادەتتە ئازراق ئۆرۈك مېغىزى يېسە، جىددىيلەشكەن نېرۋىلارنى ياخشىلاپ، تەشۋىشلىنىش ھادىسىلىرىنى پەسەيتىشكە ياردەم بېرىپ، ئۇيقۇ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ. بۇنىڭ ئۇيقۇغا نىسبەتەن بىر قەدەر ياردىمى بار.

كەچتە سۈت ئىچسە ئۇخلاشقا ياردىمى بولامدۇ؟

2. بانان

باناننىڭ ئوزۇقلۇقىمۇ ناھايىتى مول بولۇپ، تەركىبىدە مۇرەككەپ ئامىن، ماگنىي قاتارلىقلار بار. بۇلار ئۇيقۇنى ياخشىلاشقا پايدىلىق. ئەگەر ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئازراق بانان يېسە، ئۇيقۇنى ياخشىلاشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى باناننىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى تۆۋەن بولۇپ، ئاسان سەمرىپ كەتمەيدۇ، شۇڭا ئۇ ياخشى بولغان ئۇخلاشقا ياردەم بېرىدىغان مېۋە.

كەچتە سۈت ئىچسە ئۇخلاشقا ياردىمى بولامدۇ؟

3. ھەسەل

تاتلىق يېمەكلىكلەر گەرچە ئادەمنى ھاياجانلاندۇرسىمۇ، لېكىن ئاز مىقداردىكى گىلۇكوزا ئادەمنى ئاسانلا ئۇيقۇغا كىرگۈزىدۇ. شۇڭا كەچتە سۈت ئىچكەندە ئاز مىقداردا ھەسەل قوشۇپ ئىچكەندە، ئۇيقۇ تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى