ساغلاملىق

ھەيز مەزگىلىدە نېمىشقا ئۇيۇپ قالغان قان پەيدا بولىدۇ؟

سىزگە ھەيز كەلگەن چاغدا قان ئۇيۇپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلەمدۇ؟ ئەمەلىيەتتە، بۇنداق ئەھۋال نۇرغۇن ئاياللاردا كۆرۈلىدۇ، نورمال ئەھۋالدا، ئاياللارنىڭ قېنى سۇس قىزىل رەڭدە بولىدۇ، ئۇيۇپ قالغان قان كۆرۈلمەيدۇ. ئەگەر دائىم قان ئۇيۇپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلسە كۆپرەك دىققەت قىلىش كېرەك. ھەيز مەزگىلىدە زادى نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلىدۇ؟

ھەيز مەزگىلىدە نېمىشقا ئۇيۇپ قالغان قان پەيدا بولىدۇ؟

1. ئولتۇرۇش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولغانلىقتىن كېلىپ چىققان.

ئەمەلىيەتتە بۇ خىل ئەھۋالنىڭ كۆرۈلۈشى ئاياللارنىڭ تۇرمۇش ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئۇ بولسىمۇ ئۇزۇن ئولتۇرۇش. بولۇپمۇ ھەيز مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇزاق ئولتۇرۇش زىيانلىق، ئاياللار ئۇزاق ۋاقىت مىدىرلىماي ئولتۇرغاندا، داس بوشلۇقىدىكى قان تەسىرگە ئۇچراپ، ياخشى ئايلىنالماي، ئاسانلا قاننىڭ ئۇيۇشۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ھەيز مەزگىلىدە نېمىشقا ئۇيۇپ قالغان قان پەيدا بولىدۇ؟

2.بالىياتقۇ سوۋۇپ كېتىش

بالىياتقۇ سوۋۇپ كەتسە، ھەيز قېنى ئاسانلا ئۇيۇپ قالىدۇ. بالىياتقۇ سوۋۇپ كەتسە دائىم ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

ھەيز مەزگىلىدە نېمىشقا ئۇيۇپ قالغان قان پەيدا بولىدۇ؟

3. ھەيز قېنىنىڭ ۋاقتىدا بەدەن سىرتىغا چىقالماسلىقتىن بولىدۇ.

ھەيز قېنى ئاساسلىقى بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىدىن كېلىدۇ، ئۇنىڭغا ئارتېرىيە قېنى ۋە ۋېنا قېنى ئارىلىشىپ كەتكەن بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئارتېرىيە قېنى %75 ئەتراپىدا بولىدۇ. شۇڭا ھەيز قېنى قارىماققا ئوچۇق قىزىل ئەمەس، بەلكى سەل – پەل تۇتۇق كۆرۈنىدۇ. ئەگەر ھەيز قېنى پەيدا بولغاندىن كېيىن ۋاقتىدا ئېقىپ چىقالماي، بالىياتقۇ بوشلۇقىغا يىغىلىپ قالسا، قان ئاستا-ئاستا ئۇيۇپ، رەڭگى ئاستا-ئاستا قېنىقلىشىپ، ئۇيۇپ قالغان قان شەكىللىنىدۇ، ئاندىن ئادەم ھەرىكەت قىلىشى بىلەنلا بۇ قارا رەڭلىك ئۇيۇپ قالغان قان ئېقىپ چىقىدۇ، بەزىدە بۇمۇ ھەيز ئاغرىتىپ كېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبتۇر.

ھەيز مەزگىلىدە نېمىشقا ئۇيۇپ قالغان قان پەيدا بولىدۇ؟

قىسقىسى، ھەيز مەزگىلى ئاياللارنىڭ ئىنتايىن ئاجىز مەزگىلى بولۇپ، بۇ مەزگىلدە ئاياللارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى بىر قەدەر ناچار بولىدۇ. شۇڭا ئاياللار مۇۋاپىق كۈتۈنۈشى، بەزى ناچار قىلمىشلاردىن ساقلىنىشى كېرەك. ئەگەردە قان ئۇيۇپ قېلىش ئەھۋالى ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشسا، چوقۇم ئەھمىيەت بېرىپ، دوختۇرلاردىن مەسلىھەت ئېلىپ ئىش كۆرۈشى كېرەك، سەل قاراشقا بولمايدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى