تەرمىلەر

بالىلارنىڭ يۈرەكنى ئىللىتىدىغان ئىشلىرى

بالىلارنىڭ يۈرەكنى ئىللىتىدىغان ئىشلىرى

بىر كۈنى كەچتە ئىشلىرىمنى تۈگىتىپ ياتاق ئۆيۈمگە كىرسەم تۆت ياشلىق ئوغلۇم مېنىڭ كارىۋىتىمدا يېتىۋاپتۇ. ئۇنىڭغا ئورنىغا چىقىپ يېتىشى كېرەكلىكىنى ئېيتاي دەپ تۇرۇشۇمغا ئوغلۇم ئاۋۋال ئېغىز ئاچتى: «ئاپا، يوتقىنىڭىزنى ئىسسىتىپ قويدۇم، ئۇخلىۋېلىڭ.»

ئاران تەسلىكتە ئېسىمنى يىغىپ چۈشەندىم. ئوغلۇم مېنىڭ سوغۇقتا ئۇخلىماي قېلىشىمدىن ئەنسىرەپ ئورنۇمنى ئىسسىتقاچ تۇرغانىكەن. ئاتا-ئانا بولغاندىن كېيىن ئادەم مۇشۇنداق بولۇپ قالىدىكەن. بەزىدە بالىلار خاپا قىلىپ ئادەمنىڭ مېڭىسىنى ئوچاق قىلىۋەتسىمۇ، شۇنداق بىر دەقىقىلەردە بالا سىزگە ئۇنىڭ ئۈچۈن قىلغانلىرىڭىزنىڭ ئەرزىيدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرىدىكەن. بالىلار كىچىك بولسىمۇ، خۇددى ئوت ئۇچقۇنىغا ئوخشاش مەلۇم بىر بۇلۇڭدا ئىللىقلىق ۋە نۇر تارقىتىپ تۇرىدىكەن.

بالىڭىزنىڭ پۇتىدا ياتقاندا بالىڭىزنىڭ قانداق ئىنكاستا بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟

بىر ئانا مۇشۇنداق قىلسا ئوغلىنىڭ ئۆزىنى ئىتتىرىۋېتىدىغان ياكى ئىتتىرىۋەتمەيدىغانلىقىنى بىلىپ باقماقچى بولغان.

بالىلارنىڭ يۈرەكنى ئىللىتىدىغان ئىشلىرى

ئويلىمىغان يەردىن بالىسى ئاۋۋال ئانىسىنىڭ يۈزىنى يېنىك سىلىغاندىن كېيىن ئېگىلىپ يۈزىنى ئاپىسىغا ياققان.

بالىلارنىڭ يۈرەكنى ئىللىتىدىغان ئىشلىرى

ئاخىرىدا ئانىسىنى سۆيۈپ قويغان.

مۇھەببەت دېگەن شۇ، ئېغىزنى تۇتۇۋالغان تەقدىردىمۇ كۆزدىن چىقىپ تۇرىدۇ.

«ئانا، سېنى سۆيۈپ قانمايدىغان تۇرسام، ئىتتىرىۋېتىشكە قانداقمۇ كۆڭلۈم ئۇنىسۇن.»

02

ئاكا سىڭىل ئىككىيلەن بىللە سىيرىلغۇچ ئويناۋاتاتتى. ئاكىسى ئاۋۋال سىيرىلىپ چۈشكەندىن كېيىن، چىقىش ئېغىزىدا ئولتۇردى. ئەسلىدە سىيرىلغۇچنىڭ ئاخىرىدا سوقۇلۇشنى پەسەيتىدىغان بۆلەك ياكى يۇمشاق تەگلىك يوق ئىكەن. سىڭلىسى ئۇدۇللا سىيرىلىپ چۈشكەندە قاتتىقلا يەردە ئولتۇرۇپ قالىدىكەن. شۇڭا سىڭلىسىغا شۇنچىلىك كۆيۈنىدىغان بۇ يىگىت سىڭلىسىغا يۇمشاق تەگلىك بولۇپ بەرمەكچى بولغان.

بالىلارنىڭ يۈرەكنى ئىللىتىدىغان ئىشلىرى

 

«سېنىڭ زەخىملىنىپ قېلىشىڭنى خالىمايمەن. ئۈن-تىنسىز قالقان بولۇپ بېرەي.»

ھالبۇكى ئاكىسىمۇ تېخى بىر بالا ئىدى.

03

ئانا جىنەندىكى نۇقتىلىق دوختۇرخانىدا ICU بۆلۈمىنىڭ سېستراسى ئىدى. بۇ يىل يىل بېشىدىكى يۇقۇم تۈپەيلى ئانا بىر قانچە كۈن ئۇدا ئۆيگە قايتالمىدى. تۆت ياشلىق بالا ئەزەلدىن ئانىسىدىن بۇنچە ئۇزۇن ئايرىلىپ تۇرۇپ باقمىغان بولغاچقا ئانىسىنى سېغىنىپ يىغلىدى.

بۇ چاغدا ئالتە ياشلىق ئاكىسى ئىنىسىغا بىرەر قۇر ئىدىيە خىزمىتى ئىشلەپ تەسەللىي بېرىشكە باشلىدى.

«نۇرغۇن ئادەم ئاغرىپ قاپتۇ، شۇڭا ئانىمىز بەك ئالدىراش.»

«دۇنيادا ئاناملا جاپاكەش ئەمەس، ھەممىلا ئادەم شۇنداق جاپالىق ئىشلەپ تۇرمۇش كەچۈرىدۇ.»

«يىغلاش بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ.»

…….

بالىلارنىڭ يۈرەكنى ئىللىتىدىغان ئىشلىرى

 

بۇنداق بالىلار ھەقىقەتەنمۇ ناھايىتى كۆپ. يۇقۇم مەزگىلىدە ئۇلار ئاتا-ئانىسىنىڭ قەھرىمانلاردىن ئىكەنلىكىنى، ئادەم قۇتقۇزىۋاتقانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ئىش ئۇقىدىغان بولۇپ ئۆزگەردى. ئۇلار ئاتا-ئانىسىغا ئۆزىدىنمۇ بەكرەك مۇھتاج كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى بىلگەنىدى.

«ئەمەلىيەتتە مەنمۇ ئانامنى بەكلا سېغىندىم.»

04

چاڭشادا ئىككى قىز بىردىن قەندالەت كۆتۈرۈۋالغان پېتى خۇشال كېتىۋاتاتتى.

بەدىنىنىڭ يېرىمى پالەچ بولغاچقا بىر قىز پەقەت بىر قولىنىلا ھەرىكەتلەندۈرەلەيتتى. قىزچاق قەندالەتنى ئېغىزىدا ئاچاي دەپ تۇرۇشىغا، دوستى قەندالەتنى قولىغا ئېلىپ ئېچىپ قىزچاقنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى. ئىككى قىزچاق بىر-بىرىگە قاراپ كۈلۈپ كېتىشتى.

بالىلارنىڭ يۈرەكنى ئىللىتىدىغان ئىشلىرى

«ياخشى دوست دېگەن شۇ بولسا كېرەك. دېمىسەڭمۇ ھەممىنى چۈشىنىمەن.»

05

ھېرىپ چارچاپ كەتكەن ئانا ئادەم لىققىدە توشۇپ كەتكەن مېترودا ئۇخلاپ قالغان. ئۇنىڭ ئالدىدىكى كىچىك يىگىت ئاپىسىنىڭ بېشىنى بەدىنى بىلەن يۆلىۋالدى. شۇنداق بولغاندا ئانىسى راھەترەك ئۇخلىيالايتتى. مەزمۇت تۇرالماسلىقىدىن ئەنسىرەپ تاپىنىنى كۆتۈرۈپ بېشىنىڭ ئۈستىدىكى تۇتقۇچنى تۇتۇۋالدى. ئەتراپىدىكىلەر ئۇنىڭ خېلى بەك كۈچەپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردى. بىراق بالا پەقەت قۇچىقىدىكى ئانىسىنىڭ ئويغىنىپ كېتىشىدىنلا ئەنسىرەيتتى.

بالىلارنىڭ يۈرەكنى ئىللىتىدىغان ئىشلىرى

«ئانا، مەن ئۈچۈن بوران-چاپقۇنلاردا بەرداشلىق بەرگىنىڭىزگە رەھمەت. ھازىر سىزگە يۆلەنچۈك بولغۇم بار.»

06

ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى يول ياقىسىدا تۇراتتى. ئۇدۇل تەرەپتىن سومكا ئېسىلۋالغان بىر توپ بالىلار كەلدى.

«تاغا، سىزنىڭ قولىڭىزنى تۇتسام بولامدۇ؟»

ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى ئاڭقىرىپ بولغۇچە بالىلار كىچىككىنە قوللىرىنى سوزدى. بالىلارنىڭ قوللىرى كىچىك بولغاچقا پەقەت بىر تال بارمىقىنى تۇتالايتتى. بالىلارنىڭ ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي «تاغا، تاغا» دېيىشلىرى ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئېرىتىۋېتەتتى.

بالىلارنىڭ يۈرەكنى ئىللىتىدىغان ئىشلىرى

«باتۇر ئەزىمەت، سىزنىڭ دۇنيانى قوغداپ قالغىنىڭىزغا رەھمەت. ھازىر مېنىڭ سىزنى قوغداپ قالغۇم بار.»

07

سىرتتا شىلدىرلاپ يامغۇر يېغىۋاتاتتى. بىر مۈشۈك يامغۇردىن دالدىلىنىپ ماشىنىنىڭ چاقىنىڭ كەينىگە مۆكۈۋالغانىدى.

بالىلارنىڭ يۈرەكنى ئىللىتىدىغان ئىشلىرى

قىزچاق مۈشۈكنى بايقىغاندىن كېيىن، ماشىنا ئىگىسىنىڭ دىققەت قىلماستىن مۈشۈكنى زەخىملەندۈرۈپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپ چاقنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۈشۈكنى قۇچاقلاپ چىقىرىۋالدى. يامغۇر سۈيى قىزچاقنىڭ يۈزىنى ھۆل قىلىۋەتكەنىدى. شۇنداقتىمۇ قىز يۈزىنى سۈرتۈۋېتىپ مۈشۈككە قولىنى سوزۇپ قۇچاقلىماقچى بولدى. دەسلەپتە قورققان مۈشۈك قىزچاقنىڭ ياخشى كۆڭلىنى چۈشەنگەن بولسا كېرەك، ئاستاغىنا قايتىپ چىقتى.

«بۇياققا چىققىن، بۇيەردە تۇرساڭ خەتەرلىك، مېنىڭ يېنىمغا كەلگىن.»

08

ئاچا ئۇكا ئىككىيلەن قول چىقىرىشىپ تاش-قايچا-رەخت ئويۇنى ئوينىدى. يېڭىلىپ قالغان كىشى بېشىغا داسنى كىيىپ تۇرسا، يېڭىۋالغان كىشى ئىستاكان بىلەن ئۇرىدىغان بولۇپ پۈتۈشكەنىدى. بىرىنچى قولدا ئاچىسى ئۇتىۋېلىپ ئىنىسىنى يېنىككىنە ئۇرۇپ قويدى. ئىككىنچى قولدا ئىنىسى يەڭدى. ئاچىسى داسنى بېشىغا تۇتۇپ تۇردى. ئىنىسى ئىستاكاننى كۆتۈرۈپ كۈچەپ بىرنى قويىدىغاندەك قىياپەتتە تۇرۇپ قويۇپ، مۇلايىملىق بىلەن يېنىككىنە بىرنى چېكىپ قويدى. ھەرىكىتى شۇنچىلىك سىلىق ئىدى.

بالىلارنىڭ يۈرەكنى ئىللىتىدىغان ئىشلىرى

 

«ئازراق كۈچىگەن تەقدىردىمۇ ئاغرىپ كەتمەيدىغانلىقىنى بىلىمەن. بىراق ساڭا قارىغىنىمدا قەتئىيلا كۆڭلۈم ئۇنىمايدىكەن.»

قېرىنداشلار دېگەن بىر-بىرىگە كۆيۈنۈشى كېرەك.

09

يامغۇرلۇق كۈندە بالا يامغۇرلۇق كىيىمىنى كىيىپ موتوسىكلىتتا ئولتۇرۇپ ئاپىسىنى ساقلاۋاتاتتى. يامغۇرنىڭ ئورۇندۇقنى ھۆل قىلىۋەتسە ئاپىسى ئولتۇرغاندىن كېيىن بىئارام بولۇشىدىن ئەنسىرىگەن بالا ئورۇندۇقنى دالدىسىغا ئېلىپ ئېڭىشىپ ئولتۇردى. ھېرىپ كەتسىمۇ ئازراق ھەرىكەت قىلىۋېلىپ داۋاملىق ئاپىسىنىڭ ئورنىنى قوغداپ ئولتۇراتتى.

بالىلارنىڭ يۈرەكنى ئىللىتىدىغان ئىشلىرى

 

«ئاپا، ئاۋايلاپ مېڭىڭ. ئالدىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئورنىڭىزغا ياخشى قارىدىم. پاكىز ئىسسىق ئولتۇرىسىز.»

بالىلارنىڭ يۈرەكنى ئىللىتىدىغان ئىشلىرى

بالىنىڭ مېھرىنىڭ قانچىلىك ئىللىق بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟

ئالدىنقى بىر مەزگىلدە كەيپىياتىم بەكلا ناچار ئىدى. بىر كۈنى بىنانىڭ ئالدىدا قوشنىمىزنىڭ قىزى ماڭا بىر تال كەمپۈت بەردى. مەن ھەيران قېلىپ تۇرۇپلا قالدىم. قىزچاق ماڭا: «ئاپام ماڭا كەمپۈت يېمەڭ دېگەنىدى. ھەدە سىز مېنىڭ ئورنۇمدا يەۋېتىڭ» دېدى. شۇ دەقىقىدە كۆڭلۈم يورۇپلا كەتتى.

ھەمىشە بالىلار تېخى كىچىك ھېچنېمىنى بىلمەيدۇ دەيمىز. ئەمەلىيەتتە بالىلار ئەمەس، بىز چوڭلار بالىلارنى چۈشەنمەيمىز.

ھەربىر بالىنىڭ ياخشىلىق ئىچىدە خۇشال-خۇرام ئۆسۈپ يېتىلىشىى تىلەيمەن.

 

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى