ساغلاملىق

كەچتە ئالما يېسە ئاشقازانغا زىيان قىلامدۇ؟

كەچتە ئالما يېسە ئاشقازانغا زىيان قىلامدۇ؟

ئاشقازاننىڭ ئەڭ ئاساسلىق فۇنكسىيىسى لۆمۈلدەش ۋە يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىش بولۇپ، يېمەكلىك ئاشقازان سۇيۇقلۇقى بىلەن تولۇق بىرىكىپ، ئۇنىڭدىكى ئوزۇقلۇقلارنى قوبۇل قىلىپ، ئادەم بەدىنىنى ئېھتىياجلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئاشقازاننىڭ رولى ئىنتايىن چوڭ، لېكىن ئاشقازان ناھايىتى ئاسان زەخىملىنىدۇ، شۇڭا ئۇنى ئىنتايىن ئاجىز دېيىشكە بولىدۇ. سەللا بىخەستەلىك قىلسا ئاشقازان، ئۈچەي زىيانغا ئۇچرايدۇ، كىشىلەرنى ئاشقازان ئاغرىش، ئاشقازان كۆپۈش، مەيدە ئېچىشىش قاتارلىق نۇرغۇن قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ.

كەچتە ئالما يېسە ئاشقازانغا زىيان قىلامدۇ؟

ئەمەلىيەتتە ئەگەر ئاشقازىنىڭىزنى راھەت ھېس قىلدۇرماقچى بولسىڭىز، يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە كۆپرەك كۈچ سەرپ قىلىشىڭىز، بولۇپمۇ كەچتە تاماق يېگەندە دىققەت قىلىشىڭىز لازىم.

ئىلگىرى باشقىلاردىن ئاڭلىشىمچە، «كەچتە ئالما يېسە بولمايدۇ» دەيدىغان گەپ بار ئىكەن، ئەتىگەندە ئالما يېسە ئالتۇن ئالما، چۈشتە كۈمۈش ئالما، كەچتە سېسىق ئالما بولدىكەن، ئالمىدىن باشقا يەنە باشقىلارنىڭ دېيىشىچە كەچتە بانان يېسە بولمايدىكەن. بۇنىڭ سەۋەبى، بۇ ئىككى خىل مېۋە ئاشقازان، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشى ۋە ھەزىم قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، بەدەندىكى زەھەرلىك ماددىلارنى توپلايدىكەن. لېكىن بۇنداق قاراش ئانچە ئىشەنچىلىك ئەمەس.

ئەگەر مېۋە يېسە زەھەر پەيدا قىلىدۇ دېيىلسە، ئۇنداقتا ھەرقانداق ۋاقىتتا مېۋە يېگەندە زەھەر پەيدا بولىدۇ، نوقۇل ھالدا كېچىدە يېگەندە زەھەر پەيدا بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، شۇڭا بۇنداق دېيىش پۈتۈنلەي تۇتۇرۇقسىز گەپ. شۇڭا كەچتە ئالما، بانان، باشقا مېۋىلەرنى يىسىمۇ بولىدۇ، ئەمما كەچتە مېۋە يىمەكچى بولسا، ئامال بار ئىسسىقلىق ئېنىرگىيىسى تۆۋەن مېۋىلەرنى تاللاش كېرەك.

كەچتە ئالما يېسە ئاشقازانغا زىيان قىلامدۇ؟

كەچتە ئالما يېسە ئاشقازانغا زىيان قىلامدۇ؟ بۇ ئىككى خىل يېمەكلىكنى راستتىنلا كەچتە يېيىشكە ماس كەلمەيدۇ.

1. ئۈچ يۇقىرى يېمەكلىك

گەرچە كەچتە مېۋە-چېۋە يېيىشتە مەسىلە يوق دېيىلسىمۇ، لېكىن بەزى يېمەكلىكلەر ھەقىقەتەن كۆپچىلىكنىڭ يېيىشىنى تەۋسىيە قىلمايمىز، مەسىلەن، ئۈچ يۇقىرى يېمەكلىك ئايرىم-ئايرىم ھالدا يۇقىرى ماي، يۇقىرى تۇز، يۇقىرى قەنتتىن ئىبارەت، دېيىشكە بولىدىغان دائىرە ناھايىتى كەڭ، لېكىن ئۆزىنىڭ سالامەتلېكىنى كۆزدە تۇتقاندا، يەنىلا كۆپرەك دىققەت قىلىش كېرەك، ھەرگىز ئاۋارىچىلىك ھېس قىلماسلىق، تېخىمۇ مۇھىمى قورسىقى ئېچىش سەۋەبىدىن چوڭ يەپ، چوڭ ئىچمەسلىكى كېرەك.

بولۇپمۇ نۇرغۇن كىشىلەر كەچلىك تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن يەنە بىر ۋاق كېچىلىك تاماق يەيدۇ، كېچىلىك تاماقتا ئادەتتە ساماۋار شورپىسى، كاۋاپ، غەربچە تاماق، ھامبۇرگ بولكىسى، تېز تاماق قاتارلىقلارنى تاللايدۇ، بۇ يېمەكلىكلەرنىڭ ساغلاملىق كۆرسەتكۈچى ھەقىقەتەن كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ…

بۇ يېمەكلىكلەرنى كۈندۈزى يېگەن تەقدىردىمۇ، بەدەنگە ئېغىر بېسىم پەيدا قىلىدۇ، كەچتە ھەرقايسى ئەزالار ئارام ئېلىشقا تەييارلىق قىلغاندا، ئاشقازان، ئۈچەينىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىپلا قالماي، يەنە كەچتە ئۇخلاش سۈپىتىگىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا كۈندە ئۈچ ۋاق تاماقنى نورمال يەپ بولغاندىن كېيىن كېچىلىك تاماق يېمەسلىك كېرەك، ئەگەر قورساق بەك ئېچىپ كەتسە، ئامال بار ئىسسىقلىق مىقدارى بىر قەدەر تۆۋەن بولغان ئالما ياكى پەمىدۇر، تەرخەمەك قاتارلىقلارنى تاللاش كېرەك.

كەچتە ئالما يېسە ئاشقازانغا زىيان قىلامدۇ؟

2. ئاچچىق، غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەر

نۇرغۇن كىشىلەر ئاچچىق، غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەرنى ياخشى كۆرىدۇ، چۈنكى ئۇنى يېسە بەك راھەت ۋە پۇخادىن چىقىدۇ. ئەمما، ئاچچىق يېمەكلىكلەر ئاشقازان، ئۈچەيگە بەلگىلىك دەرىجىدە زىيان يەتكۈزىدۇ، نېمىلا دېگەن بىلەن زىيادە غىدىقلىنىپ، ئاشقازان، ئۈچەي ئېغىر يۈككە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.

بولۇپمۇ كەچتە ئاشقازان ۋە ئۈچەي ئارام ئالىدۇ، يەنە ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى يېسە، خىزمەت يۈكىنى ئېغىرلىتىپلا قالماستىن، يەنە ناھايىتى زور غىدىقلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاسانلا ئىسسىقى ئېشىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كېچىسى ئۇخلىيالماسلىق، سوغۇق تەرلەش قاتارلىق ئەھۋاللارمۇ كېلىپ چىقىدۇ.

كەچتە ئالما يېسە ئاشقازانغا زىيان قىلامدۇ؟

ئۇنداقتا كەچتە نېمە يېيىش كېرەك؟

كەچلىك تاماقنى تاللاشتىمۇ بەلگىلىك دىققەت قىلىدىغان ئىشلار بار، مەسىلەن، ئازراق مايسىزراق يېمەكلىكلەرنى تاللىسىڭىز بولىدۇ، مەسىلەن، بانان، قارا ئاشلىق ئۇمىچى ياكى قارا ئاشلىق قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن باشقا، كەچتە ئەڭ ياخشىسى يەتتە ~ سەككىز مىنۇت قورساق تويغۇزۇش، كەچلىك تاماق ئاخىرلىشىپ يېرىم سائەتتىن كېيىن ئاندىن سىرتقا چىقىپ سەيلە قىلىش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى