سىز ئامراق بەرەڭگە قەلەمچىسى تەييارلاشنى ئۆگىنىۋېلىڭ
بۈگۈن كۆپچىلىك بىلەن بالىلارمۇ، چوڭلارمۇ ياقتۇرۇپ يەيدىغان بەرەڭگە قەلەمچىسىنىڭ ئېتىلىش ئۇسۇلى توغرىسىدا ئورتاقلاشماقچى:
يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى تەييارلاش: بەرەنگىدىن ئىككى تال، پەمىدۇر قىيامىدىن مۇۋاپىق مىقداردا، تەم خۇرۇچلاردىن تۇزدىن ئازراق، كىراخمال مۇۋاپىق مىقداردا، يېمەكلىك مېيىدىن مۇۋاپىق مىقداردا.
بىرىنچى قەدەم: ئىككى تال بەرەنگىنى ئېلىپ (بەرەڭگە سەل تۈزرەك، توم ـ ئىنچىكىلىكى تەكشى)، ئاندىن پوستىنى ئېلىۋېتىپ پاكىز يۇيىمىز. بەرەنگىنىڭ چوڭ ـ كىچىكلىكى بەرەڭگە قەلەمچىسىنىڭ ئۇزۇن ـ قىسقىلىقىنى بەلگىلەيدۇ، چوڭ ـ كىچىك بەرەنگىنىڭ ھەممىسى بولىدۇ، ئەمما توم ـ ئىنچىكلىكى تەكشى، تۈزرەك بەرەنگىنى تاللىغاندا ئاسان توغرىغىلى بولىدۇ.
ئىككىنچى قەدەم: بەرەنگىنى 0.5 سانتىمېتىر قېلىنلىقتا ئۇزۇن قەلەمچە قىلىپ توغراپ (بەك قېلىن توغرالسا پىشۇرۇشقا ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ، ياغدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر ئاسان ھەزىم بولمايدۇ) تەييارلاپ قويىمىز.
ئۈچىنچى قەدەم: توغراپ بولغان بەرەنگىنى سۇغا چىلاپ، ئۇۋىلاپ يۇيىمىز، بۇنداق بولغاندا بەرەڭگە قارىداپ قالمايدۇ، مايدا پىشۇرغاندىمۇ ئاسان چاپلىشىپ قالمايدۇ.
تۆتىنچى قەدەم: قازاندا سۇ قاينىتىپ، بەرەڭگە قەلەمچىسىنى قايناقسۇغا بېسىپ، بەرەڭگە قەلەمچىسىنىڭ سىرتقى يۈزى ئازراق سۈزۈك بولغاندا (سىرتقى يۈزى نۇر ئۆتكۈزۈشى ئادەتتىكىچە، ئىچى يەنىلا قاتتىق) سۈزۈۋېلىپ، دەرھال سوغۇق سۇدا چايقايمىز. ئاندىن ئۈستىدىكى سۇنى پاكىز سىرغىتىپ قۇرۇتىمىز.
سۇ قايناتقاندا قازانغا ئازراق تۇز سېلىپ، بەرەنگىنىڭ قارىداپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ سۇ قانچە سوغۇق بولسا مايدا چۈچۈتكەندە ئاسان ئۈزۈلۈپ كەتمەيدۇ، رەڭگىمۇ چىرايلىق چىقىدۇ.
بەشىنچى قەدەم: بەرەنگىنىڭ سىرتقى يۈزى يەنىلا نەم بولسا، بىردەم يېيىتىپ قۇرۇتساق بولىدۇ، بەرەڭگە قەلەمچىسنىڭ سىرتقى يۈزى قۇرۇغاندىن كېيىن مۇۋاپىق مىقداردە كىراخمال سالىمىز.
ئالتىنچى قەدەم: چوكا بىلەن كىراخمالنى ئارىلاشتۇرۇپ، ھەر بىر بەرەڭگە قەلەمچىسىنىڭ ئۈستىگە كىراخمالنىڭ تەكشى چاپلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز، ئاندىن يېڭى ساقلاش خالتىسىغا قاچىلاپ، توڭلاتقۇنىڭ توڭلىتىش بۆلۈمچىسىگە قويۇپ ئىككى سائەت توڭلىتىمىز. توڭلاتقۇغا سېلىپ توڭلاتقان بەرەڭگە قەلەمچىسىنى ياغدا پىشۇرغاندا سىرتقى كۆرۈنۈشى چۈرۈك، ئىچى يۇمشاق بولىدۇ.
يەتتىنچى قەدەم: 2 سائەتتىن كېيىن بەرەنگە قەلەمچىسىنى ئېلىۋېتىپ، قولىمىز بىلەن بەرەنگە قەلەمچىسىنى ئايرىپ چاپلىشىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىمىز، چۈچۈتكەندە چاپلىشىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىمىز.
سەككىزىنچى قەدەم: قازاندىكى ماي ئالتە ئۈلۈش (ماي تېمپېراتۇرىسىنى چوكىنى سانجىپ سىناپ باقساق بولىدۇ، چوكىنىڭ تۆت ئەتراپىدىن نۇرغۇن كۆپۈك چىقسا سالساق بولىدۇ) قىزىغاندا بەرەنگە قەلەمچىسىنى سېلىپ (چوكا ياكى قوشۇق بىلەن ئايرىپ، يېپىشىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىمىز) ئوتتۇراھال ئوت ئىشلەتسەك بولىدۇ.
توققۇزىنچى قەدەم: بەرەڭگە قەلەمچىسىنىڭ سىرتقى يۈزى ئازراق سارغايغاندا، ئۇنى ئۇسىۋېلىپ قازاندىكى ماينىڭ تېمپېراتۇرىسى ئۆزگەرگەندىن كېيىن، بەرەڭگە قەلەمچىسىنى قايتا پىشۇرىمىز، بۇنىڭدا بەرەڭگە قەلەمچىسىنىڭ سىرتقى قەۋىتى چۈرۈك، ئىچى يۇمشاق بولىدۇ.
پىشقان بەرەڭگە قەلەمچىسىگە پەمىدۇر قىيامىنى سۈركەپ يېسەك بەك يېيىشلىك بولىدۇ. قېنى ئۆگىنىۋالغان بولسىڭىز، ئۆز قولىڭىز بىلەن ياساپ بېقىڭ.