ساغلاملىق

تاجسىمان يۈرەك كېسىلى دېگەن قانداق كېسەل؟

تاجسىمان يۈرەك كېسىلى دېگەن قانداق كېسەل؟

كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئۆمرىنىڭ ئۇزىرىشى ۋە تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، تاجسىمان يۈرەك كېسەللېكىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى بارغانسېرى يۇقىرىلاشقا باشلىدى، تاجسىمان يۈرەك كېسەللىكى بىمارلىرى يىلمۇيىل كۆپىيىشكە باشلىدى. تاجسىمان يۈرەك ئارتېرىيەسىگە تىرىگۈچ قويۇپ داۋالاش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، تاجسىمان يۈرەك كېسەللېكىنىڭ ئۇقۇمى، كېسەللىك پەيدا بولۇش مېخانىزمى، خەتەرلىك ئامىللار ۋە ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى مۇناسىۋەتلىك سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلىملىرىنى ئىگىلەش ھەم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە كونترول قىلىش ئىنتايىن زۆرۈر، چۈنكى پەقەت مۇشۇنداق قىلغاندىلا، تاجسىمان ئارتېرىيىدىكى يېڭى كېسەللىك ئۆزگىرىشىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تىرىگۈچ ئىچىدە قايتا تارىيىشنىڭ، ھەتتا توسۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ياكى ئۇنى كېچىكتۈرۈپ، تاجسىمان يۈرەك ئارتېرىيەسىگە تىرىگۈچ سېلىش ئوپېراتسىيەسىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك داۋالاش ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

1. يۈرەكنىڭ زادى قانداق رولى بار؟

يۈرەك ئىچى كاۋاك مۇسكۇل خاراكتېرلىك ئەزا بولۇپ، ئۆزىمىزنىڭ مۇشتۇمىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى بىلەن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ، سىرتقى شەكلى دۈم كۆمتۈرۈلگەن نەشپۈتكە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ خىزمىتى «ناسوس»غا ئوخشايدۇ، ئۇ قان ئايلىنىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ مەنبەسى بولۇپ، ئىچىدە تۆت بوشلۇق بار، ئۇلار ئورنىغا ئاساسەن سول يۈرەك دالانچىسى، سول يۈرەك قېرىنچىسى، ئوڭ يۈرەك دالانچىسى، ئوڭ يۈرەك قېرىنچىسى (ئىككى يۈرەك قېرىنچىسى) دەپ ئايرىلىدۇ؛ ئوڭ-سول يۈرەك دالانچىسى، يۈرەك قېرىنچىسى ئارىلىقى دالانچە ئارىلىق پاسىلى، قېرىنچە ئارىلىق پاسىلى ئارقىلىق ئايرىلىدۇ، يۈرەك دالانچىسى بىلەن يۈرەك قېرىنچىسى ئارىسىدا كىلاپان بار بولۇپ، بۇ كىلاپان يۈرەكنىڭ ئىشىكىگە ئوخشايدۇ، بۇنىڭ بىلەن قان يۈرەك دالانچىسىدىن يۈرەك قېرىنچىسىغا ئېقىپ كىرىپ، كەينىگە يانمايدۇ، قاننىڭ يەككە يۆنىلىشتە ئېقىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. يۈرەكنىڭ قانۇنىيەتلىك، دەۋرىي ھالدا قىسقىرىش ۋە كېڭىيىش ھەرىكىتى، يەنى ئاتالمىش «يۈرەك سوقۇش» ئارقىلىق تەركىبىدە ئوكسىگېن ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلار مول بولغان قاننى بەدەننىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.

تاجسىمان يۈرەك كېسىلى دېگەن قانداق كېسەل؟

2. تاجسىمان يۈرەك كېسەللىكى دېگەن نېمە؟

ئادەم ھايات تۇرۇشى ئۈچۈن، يۈرەك سوقۇشى كېرەك، مەيلى خىزمەت قىلىڭ، تاماق يەڭ، ھەرىكەت قىلىڭ، ئۇخلاڭ،يۈرەكنىڭ خىزمەت مىقدارى ناھايىتى كۆپ، ئەلۋەتتە يۈرەكنىڭ يۈرەك مۇسكۇل ھۈجەيرىلىرىمۇ ئوكسىگېن ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلارغا ئېھتىياجلىق بولۇپ، ئۇنىڭ ھاياتى ۋە خىزمىتىنى قامدايدۇ. قاننى يۈرەك مۇسكۇلىغا يەتكۈزۈپ بېرىدىغان ئارتېرىيە قان تومۇرى تاجسىمان ئارتېرىيە دېيىلىدۇ، بۇ ئارتېرىيەلەر يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ سىرتقى يۈزىگە تارقالغان بولۇپ، ئۇششاق شاخچىلار يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ ئىچكى قىسمىغا بۆلۈنۈپ، يۈرەك مۇسكۇلىنى يېتەرلىك ئوكسىگېن ۋە ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەپ، يۈرەكنىڭ نورمال خىزمىتىنى قامدايدۇ. ئەگەر يۈرەكنى بىر پومپىغا ئوخشاتساق، ئۇنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارى قاننى سىقىپ چىقىرىپ، قاننىڭ پۈتۈن بەدەندە ئېقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت، تاجسىمان ئارتېرىيە بولسا بۇ پومپىغا يېقىلغۇ يەتكۈزۈپ بېرىدىغان تۇرۇبىدىن ئىبارەت. تاجسىمان ئارتېرىيەنىڭ ئىككى تارمىقى بار بولۇپ، يۈرەكنىڭ ئوڭ-سول ئىككى تەرىپىدىكى يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ سىرتقى يۈزىگە تارقالغان بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا سول تاجىسىمان ئارتېرىيە ۋە ئوڭ تاجسىمان ئارتېرىيە دەپ ئاتىلىدۇ؛ سول تاجسىمان ئارتېرىيە تارقالغاندىن كېيىن ناھايىتى تېزلا ئىككى مۇستەقىل تارماققا، يەنى سول ئالدى تۆۋەنلىگەن تارماق ۋە سول ئايلانما تارماققا بۆلۈنىدۇ.

خولېستېرول ۋە باشقا ياغ تۈرىدىكى ماددىلار پۈتۈن بەدەننىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىدىكى ئارتېرىيە دىۋارى ئىچىدە يىغىلىپ قېلىپ، بارا-بارا داغ پارچىلىرىنى ھاسىل قىلىپ، ئارتېرىيەنى داتلاشقان سۇ تۇرۇبىسىغا ئوخشاش، ئىچكى دىيامېتىرىنى كېسەللىك ئۆزگىرىشىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ بارغانسېرى تارايتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن مۇسكۇلغا ئاقىدىغان قان ئېقىمى تەدرىجىي ئازىيىدۇ. بۇ خىل كېسەللىك ئۆزگىرىشى چوڭ ئارتېرىيە ۋە ئوتتۇرا ئارتېرىيەگە تەسىر قىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە يۈرەك، مېڭە، بۆرەك ۋە پۇت-قول قاتارلىق ئورۇنلاردا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدۇ. ئارتېرىيە ئىچكى پەردىسى يىغىلىپ قالغان ياغ ماددىسىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى سېرىق رەڭلىك بولۇپ، قان تومۇرنىڭ ئېلاستىكلىقىنى تۆۋەنلىتىپ، قېتىش دەرىجىسىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، شۇڭا ئۇ ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىش دەپ ئاتىلىدۇ. ئارتېرىيەنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشى تاجسىمان ئارتېرىيەدە يۈز بەرگەندە، يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراشتىن كېلىپ چىققان يۈرەك كېسىلى بولۇپ، ئومۇملاشتۇرۇلۇپ تاجسىمان ئارتېرىيەنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىش خاراكتېرلىك يۈرەك كېسىلى دەپ ئاتىلىدۇ، قىسقارتىلىپ «تاجسىمان يۈرەك كېسىلى» (冠心病) دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ كېسەللىكنى كىلىنىكىلىق ئىپادىسىگە ئاساسەن نۇرغۇن ئوخشاش بولمىغان تىپلارغا ئايرىشقا بولىدۇ، ئاساسلىق ئىپادىسى مۇقىم يۈرەك سانجىقى، تۇراقسىز يۈرەك سانجىقى ۋە جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

تاجسىمان يۈرەك كېسىلى دېگەن قانداق كېسەل؟

3. قانداق كىشىلەر ئاسانلا «تاجسىمان يۈرەك كېسىلى»گە گىرىپتار بولىدۇ؟

تاجسىمان يۈرەك كېسەللىكى كۆپ خىل ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىك بولۇپ، تاجسىمان يۈرەك كېسەللېكىنىڭ قوزغىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان خەتەرلىك ئامىللار كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا مەۋجۇت بولۇپ، تۇرمۇش ئۇسۇلى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، بىز چوقۇم بۇ خەتەرلىك ئامىللارنى چۈشىنىشىمىز ۋە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئازايتىشىمىز، تاجسىمان ئارتېرىيەنىڭ تارىيىشىنىڭ يۈز بېرىشىنى كېچىكتۈرۈشىمىز، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئازايتىشىمىز كېرەك.

(1) ئىرسىيەت ئامىلى

تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، تاجسىمان يۈرەك كېسەللېكىنىڭ يۈز بېرىشىدە جەمەتنىڭ توپلىنىش خاھىشى بولىدۇ، يەنى ئائىلە ئەزالىرى ياكى قانداشلىق مۇناسىۋىتى بار تۇغقانلار ئىچىدە، ئەگەر بەزىلەر 60 ياشتىن ئىلگىرى يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى يۈز بەرسە، ئۇنداقتا باشقا ئائىلە ئەزالىرىدىمۇ ئاسانلا يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى بولىدۇ. بۇ ئىرسىيەت كېسەللىكى بىلەن ئوخشاش بىر ئۇقۇم ئەمەس، ئاتا-ئانىلاردا تاجسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكى بار دېگەنلىك، پەرزەنتلىرىدە چوقۇم تاجسىمان يۈرەك كېسەللىكى بولىدۇ دېگەنلىك ئەمەس. ئىرسىيەت ئامىلىنى بىز ئۆزگەرتەلمەيمىز، لېكىن بىز باشقا خەتەرلىك ئامىللارنى كونترول قىلىش ئارقىلىق يۈرەك كېسىلى بولۇش پۇرسىتىنى ئازايتالايمىز.

(2) يېشى، جىنسى

تاجسىمان يۈرەك كېسەللىكى 45 ياشتىن يۇقىرى ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ، 60 ياشتىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ كۆرۈلىدۇ، لېكىن بەزى ياشلار ھەتتا بالىلارنىڭ جەسىتىنى تەكشۈرگەندە، ئۇلارنىڭ ئارتېرىيەسىدە دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئارتېرىيەنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشىدىن بولغان كېسەللىك ئۆزگىرىشى بايقالغان بولۇپ، بۇ كېسەللىك ئۆزگىرىشىنىڭ باشلانغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۇرمۇش شارائىتى بارغانسېرى ياخشىلاندى، ساغلام بولمىغان تۇرمۇش ئۇسۇلى، يېمەك-ئىچمەك قۇرۇلمىسى كېسەللىك پەيدا بولۇش يېشىنىڭ يىلمۇ يىل ياشلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

ئەرلەرنى ئاياللارغا سېلىشتۇرغاندا، ئاياللارنىڭ كېسەل بولۇش نىسبىتى بىر قەدەر تۆۋەن بولىدۇ، لېكىن كىلىماكتېرىيە دەۋرىدىن كېيىن، ئاياللارنىڭ كېسەل بولۇش نىسبىتى تەدرىجىي ئاشىدۇ، تەخمىنەن كىلىماكتېرىيە دەۋرىدىن كېيىنكى 10 يىلدا ئەر-ئاياللارنىڭ كېسەل بولۇش نىسبىتى ئاساسەن ئوخشاش بولىدۇ، بۇ بەلكىم ئانىلىق ھورمۇن بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.

3. تاماكا چېكىش

تاماكا چەكمەيدىغانلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ تاجسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى ۋە ئۆلۈش نىسبىتى 2 ~ 6 ھەسسە يۇقىرى بولۇپ، ھەر كۈنى تاماكا چېكىش مىقدارى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ. شۇڭا يۈرەككە تىرىگۈچ سېلىپ بولغاندىن كېيىن تاماكا تاشلاش كېرەك، بۇ تاماكا ئىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تۇرمۇش مۇھىتى ۋە خىزمەت مۇھىتىدا تاماكا چېكىشتىن ساقلىنىش كېرەك. تاماكا چېكىشنىڭ ئورگانىزمغا نىسبەتەن نۇرغۇن ئەكس تەسىرلىرى بار، بۇ ئەكس تەسىرلەر تاماكا ئىسى تەركىبىدىكى نىكوتىن، كاربون چالا ئوكسىدى قاتارلىقلاردىن كېلىپ چىقىدۇ. تاماكا چېكىش سالامەتلىككە زىيانلىق، يۈرەك كېسەللىكىدە ئىپادىلىنىپلا قالماستىن، يەنە نەپەس كېسەللىكلىرى، ھەزىم قىلىش كېسەللىكلىرى، ئۆسمە قاتارلىقلاردىمۇ ئىپادىلىنىدۇ.

4. يۇقىرى قان بېسىم

يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرىنىڭ تاجسىمان يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى قان بېسىمى نورمال كىشىلەرنىڭكىدىن 3 ~ 4 ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ. قىسقىرىش بېسىمى ۋە كېڭىيىش بېسىمىنىڭ ئېشىشى بۇ كېسەللىك بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. تىرىگۈچ سېلىش ئوپېراتسىيەسىدىن كېيىن قان بېسىمىنى 140/90mmHg دىن تۆۋەن ھالەتتە كونترول قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ، باشقا خەتەرلىك ئامىللار قوشۇلۇپ كەلگەندە، يۇقىرى قان بېسىم ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىش ۋە يۈرەك زەئىپلىشىشنى تېزلىتىدىغان مۇھىم ئامىل دەپ قارىلىدۇ، ئەگەر بىرلا ۋاقىتتا دىيابېت ياكى ئاستا خاراكتېرلىك بۆرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولسا، قان بېسىمىنى كونترول قىلىش تېخىمۇ قاتتىق بولىدۇ. قان بېسىمىنى نورمال دائىرىدە تۆۋەنلەتكەندە، تاجسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلغىلى بولىدۇ. قان بېسىمىنى قەرەللىك ئۆلچەپ تۇرۇش ھەمدە دوختۇر بېكىتكەن داۋالاش لايىھەسى بويىچە داۋالاش ئىنتايىن ئاقىلانىلىك ۋە ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ.

5. دىئابېت كېسىلى

دىيابېت بىمارلىرىنىڭ ئاساسلىق كېسەللىك سەۋەبى ئاشقازان ئاستى بېزى ئارالچىلىرىنىڭ ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى بولۇپ، يېتەرلىك مىقداردا ئىنسۇلىن ئىشلەپچىقىرالماي، قاندىكى قان شېكىرىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قىسمەن سېمىز بىمارلارنىڭ ئىنسۇلىن سەۋىيەسى تۆۋەن بولمايدۇ، بۇ ئوخشاشلا قان شېكىرىنىڭ بىنورمال ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، دىيابېت كېسەللېكىنى پەيدا قىلىدۇ. نۆۋەتتە، ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن بىمارلار بارغانسېرى كۆپىيىپ، ئىنسۇلىن بىلەن قارشىلىشىش نىسبىتى بارغانسېرى يۇقىرىلاپ، بارغانسېرى ئىككى تىپلىق دىيابېت كېسەللېكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق ئامىلغا ئايلانماقتا. بىمارنىڭ قېنىدىكى شېكەر مىقدارىنىڭ ئېشىپ كېتىشى خولېستېرىننىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تاجسىمان يۈرەك كېسەللېكىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا، بىمارنىڭ قان شېكىرىنى كونترول قىلىش ئىنتايىن مۇھىم. بىمار يېمەك-ئىچمەكنى تەڭشەش، بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاش، ھەرىكەتنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق قان شېكىرىنى كونترول قىلىش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ.

باشقا ئامىللار

ئۇزاق مۇددەت روھىي جىددىيلىك قان بېسىمىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، لېكىن روھىي جىددىيلىكنىڭ خەتەرلىك ئامىل سۈپىتىدە قانداق رول ئوينايدىغانلىقى ئانچە ئېنىق ئەمەس. ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش پۈتكۈل بەدەنگە زىيانلىق، بىر ئادەمنىڭ ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتسە، يۈرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋېتىدۇ، چۈنكى يۈرەك چوقۇم ئارتۇقچە خىزمەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، تېخىمۇ كۆپ قان بىلەن ئارتۇقچە توقۇلمىلارنى تەمىنلىشى كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن ئادەمدە ئاسانلا قاندا ماي كۆپىيىپ كېتىش، دىيابېت، يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكى كۆرۈلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياخشى كونترول قىلغىلى بولمايدۇ. چېنىقىش كەمچىل بولۇشمۇ تاجسىمان يۈرەك كېسەللېكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولۇپ، قانۇنىيەتلىك ھالدا تۆۋەندىكى ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىش كېرەك: سەيلە قىلىش، ئاستا يۈگۈرۈش ياكى سۇ ئۈزۈش، ھەر ھەپتىدە ئۈچ قېتىم چېنىقىشنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. ھەرىكەت قىلغاندا بەدەندىكى ئارتۇق ماي ۋە ئىسسىقلىق كالورىيەسىنى كۆيدۈرۈپ، قان بېسىمنى كونترول قىلىش، يۈرەكنىڭ خىزمەت ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇشقا ياردەم بېرىپ، يۈرەكنى بىرقەدەر كۈچلۈك ھەرىكەتكە بەرداشلىق بېرىش ھەم يۈرەكنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. نۆۋەتتە، يۇقىرى ئوخشاش تىپلىق سىستېئىن قان كېسىلى، يۇقىرى ئورىيالىق قان كېسىلىمۇ تاجسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ خەتەرلىك ئامىلى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى