توربەت كۆرۈنۈشىنى ھەرخىل زىيارەت ئۈسكىنىلىرىدە زىيارەت قىلىش

سالام دوستلار :
بۈگۈن سىلەرگە ئېلىپ كەلگىنىم بىكەت باشلىقلىرى ئۈچۈن ياخشى بىر سوغا ئىسمىدىنلا كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ بەلكىم بىلىپ بولدۇڭلارغۇ دەيمەن… (سۈرەت ئۈنىمى يۇقۇردىكىدەك)
بىرنەچچە كۈننىڭ ئالدىدا بىر دوستۇم بىلوگىمنىڭ ھەرخىل ئۈسكىنىلەردىكى كۆرۈنۈش تەسۋىرلەنگەن سۈرەتتىن بىرنى ئەۋەتىپتۇ ، مەن تېخى ئۇنىڭغا فوتوشوپ (PHOTOSHOP) قا نېمانچىۋالا ئۇستا بولۇپ كەتتىڭىز دېسەم ياقەي بىر بىكەت بار ئىكەن مۇشۇنداق قىلىدىكەن دەپ بىر ئۇلىنىشنى ئەۋەتىپ بەردى قارىسام بەك قولايلىق ئىكەن . شۇڭا بۇنى ياخشى نەرسە مەخپىي قالمىسۇن دەپ سىلەرگىمۇ ئالغاچ كەلدىم. ئارتۇق سۆزلەپ چۈشەندۈرگەندىن زىيارەت قىلىپ كۆرۈپ باقسىڭىزلا بولىدۇ .
بەتنى ئېچىپ ئەڭ ئاستىدىكى رامكىغا توربىكەت مەنزىلىڭىزنى كىرگۈزسىڭىزلا ئىش پۈتىدۇ….
زىيارەت مەنزىلى : قېنى بۇيەرنى كۈچەپ بېسىڭ
كومپىيۇتېر، تاختا پەد، تېلڧۇن قاتارلىق ئۈسكۈنىلەردە توربىكەت كۆرۈنۈشنىڭ ھەم كۆچمە ئۈسكۈنىلەردە ماسلاشتۇرۇلغان ھالىتىنى كۆرەلەيدىكەنمىز!
شۇنداق بىكەتنىڭ ھەرخىل زىيارەت ئۈسكىنىلىرىدىكى كۆرۈنۈش ھالىتىنى تولۇق كۆرگىلى بولىدىكەن !