HTML5ۋوردپرەس

ۋوردپرەسكە قارشى ئېلىش كودى قوشۇش

سالام دوستلار !

بۈگۈن تور ئارلاۋېتىپ قارسام نۇرغۇن بىلوگلاردا (ئاساسلىقى ئۈستى تەرەپتە) قارشى ئېلىش سۆزلىرى بىر-بىرىدىن گۈزەل ئىكەن ! شۇ سەۋەپ مەنمۇ بىلوگقا قوشۇشنى ئويلىدىم ، ھەمدە باشقا بىلوگداشلىرىم بىلەن ئورتاقلاشقىم كەلدى شۇنىڭ بىلەن توردىن ئاختۇرۇپ يۈرۈپ بىرمۇنچە قالايمىقان كودلارنى تاپتىم …

لېكىن مېنىڭ مەقسىتىم ھەرقانداق بىر بىلوگېر ئاسانلا ئىشلىتەلەيدىغان قىلىش كېرەك ئىدى ، شۇڭا كودنى قايتىدىن رەتلەپ چىقتىم ! بىلوگىمغا كىرسىڭىز ئۈستىدىكى قارشى ئېلىش سۆزى شۇ … 

ئەمىسە سىلەرنىمۇ تەققاززا قىلماي نەق گەپنى باشلايلى !

تۆۋەندىكى كودقا دىققەت قىلىڭ بۇنى HTML شەكىلدە تەييارلىدىم سەۋەبىنى يۇقىرىدا دەپ بولدۇمغۇ دەيمەن ھە….

 

دەل مۇشۇ كود شۇ….

بۇنى مۇنداق ئىشلىتىڭ بىلوگىڭىزنىڭ باشقۇرۇش سۇپىسىغا كىرگەندىن كېيىن

كۆرۈنۈش←كىچىك قوراللار 

بۇلارغا كىرىپ بولغاندىن كېيىن ھەرقانداق بىر ئۇسلۇپنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن كىچىك قورال قوشۇش ئورۇنلىرى بولىدۇ .سىز ئۇ يەردىن باش قىسىمغا كىچىك قورال قوشۇشنى تاللاڭ ئۇنى ئېنگىلىسچە Header دەيدۇ (مەن ماۋزۇ ئاستىغا دېگەننى تاللاپ شۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇردۇم ! ئۆزىڭىز نەدە كۆرسىتىشنى ئويلىسىڭىز شۇ يەرگە قويسىڭىزمۇ بولىدۇ)شۇ يەرنى تاللاپ ئىچىگە كىرسىڭىز مۇنداق بەلگە بار :

+كىچىك قورال قوشۇش

شۇنى باسسىڭىز قوشۇشقا بولىدىغان بىرمۇنچە كىچىك قوراللار چىقىدۇ شۇنىڭ ئارىسىدىن ماۋۇ بەلگىنى بېسىڭ :

+ئۆزلەشتۈرمە HTML

نى باسقاندىن كېيىن ئىككى ئىستون چىقىدۇ بىرى تېما يەنە بىرى مەزمۇن دەپ تېما دېگەنگە: خۇشكەلدىڭىز ! دەپ يېزىڭ (ئەلۋەتتە بۇ سۆزنى ئېھتىياجىڭىزغا ئاساسەن ئۆزگەرتسىڭىزمۇ بولىدۇ ) مەزمۇن دېگەنگە يۇقىرىدىكى كودنى ئۆز ئەينى بىلەن كۆچۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ئۈستى سول تەرەپتىكى ئېلان قىلىش دېگەننى بېسىۋەتسىڭىزلا ئىش پۈتىدۇ ! قانداق ئاسانمىكەن ! ئەگەر قىلالمىسىڭىز بۇ يەرگە سۆز قالدۇرۇڭ ھەممەيلەن تەڭ ھەل قىلىمىز !!!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

بىر باھا

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى