ئالەم

تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى مارسقا قانداق قونىدۇ؟

ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى (NASA) نىڭ قەتئىي ئىرادە ناملىق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى يەنە 57 كۈندىن كېيىن مارس ئوربىتىسىغا يېتىپ بارىدۇ ھەمدە مارس يۈزىگە قونۇشنى سىناق قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېلىمىزنىڭ تيەنۋېن 1-نومۇرلۇق مارس تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىمۇ ئوخشاش بىر ۋاقىتتا مارسقا يېتىپ بارىدۇ ھەمدە مۇۋاپىق پەيتنى تاللاپ مارسقا قونىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرمۇ مارستا خىزمەت قىلىۋاتقان قىزىقىش ناملىق ۋە كۆزىتىش ناملىق مارس تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىنى قوشقاندا، ۋاقتى كەلگەندە مارس تارىختىكى ئەڭ ئالدىراش مەزگىلنى كۈتۈۋالىدۇ، تۆت «تىرىك» تەكشۈرۈش ئەسۋابى مارس يۈزىدە بىرلا ۋاقىتتا خىزمەت قىلىدۇ.

تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى مارسقا قانداق قونىدۇ؟

ئەمما قەتئىي ئىرادە ناملىق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى مارسقا مۇۋەپپەقىيەتلىك قونۇش ئۈچۈن يەنە ئەڭ خەتەرلىك سەپەرنى تاماملىشى كېرەك، بولۇپمۇ «قورقۇنچلۇق يەتتە مىنۇت» دەپ ئاتالغان ئەڭ ئاخىرقى قونۇش باسقۇچىنى مىڭ ئۆلۈپ بىر تىرىلىش دېيىشكە بولىدۇ.

تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى مارسقا قانداق قونىدۇ؟

ئىلگىرى مارسقا ئۇڭۇشلۇق قونغان يەتتە كۆچمە ئۈسكۈنىنى قوشقاندا، قەتئىي ئىرادە ناملىق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى تارىختىكى مارسقا مۇۋەپپەقىيەتلىك قونغان سەككىزىنچى كۆچمە تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى بولۇپ قالىدۇ، ئېلىمىزنىڭ تيەنۋېن 1-نومۇرلۇق مارس تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى قەتئىي ئىرادە ناملىق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىدىن كېيىن مارسقا قونىدۇ. ئەڭ بۇرۇن قونۇشنى سىناپ باققىنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مارس 2-نومۇرلۇق مارس تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى بولۇپ، 1971-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى مارس يۈزىگە چۈشۈپ كەتكەن، ئەمما بەش كۈندىن كېيىن مارس 3-نومۇرلۇق مارس تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك قونۇپ، مارس يۈزىگە قونغان تۇنجى كۆچمە ئۈسكۈنىگە ئايلانغان، بىراق 14 سېكۈنت ئىشلەپلا ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان، ھەتتا بىر پارچە سۈرەت ئەۋەتىشكىمۇ ئۈلگۈرەلمىگەن.

تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى مارسقا قانداق قونىدۇ؟

شۇنىڭدىن كېيىن، 1997-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى ئامېرىكىنىڭ يول چارلىغۇچى ناملىق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى مارسقا قونۇپ، ئاران 11.5 كىلوگرام كېلىدىغان ساياھەتچى ناملىق مارس ماشىنىسىنى قويۇپ بەرگەن، ئۈچ ئايغا يېقىن ۋاقىتتا تەخمىنەن 100 مېتىر يول يۈرگەن، ئاخىرىدا يول چارلىغۇچى ناملىق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىنىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كىچىك تايغان 2-نومۇرلۇق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى 2003-يىلى مارسقا مۇۋەپپەقىيەتلىك قونغان، ئۇنىڭغا سېكۈنتىغا 20 مىللىمېتىر يۆتكىلەلەيدىغان كۆچمە تەكشۈرۈش ئەسۋابى «قارىغۇ چاشقان» قاچىلانغان بولۇپ، ئەپسۇسلىنارلىقى ئۇنىڭ قۇياش ئېنېرگىيە باتارېيە تاختىسى تولۇق ئېچىلماي، ئاستىدىكى ئانتېننانى توسۇۋالغاچقا، ئالاقە پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قېلىپ ھېچقانداق خىزمەتنى قانات يايدۇرالمىغان.

بۇ تەكشۈرۈش ئەسۋابلىرى مارسقا قونغاندا، كۆپىنچە كونۇسسىمان سۈرئەت ئاستىلىتىش قاپقىقى، پاراشوت، سۈرئەت ئاستىلىتىش راكېتاسى ۋە بىخەتەرلىك يەل خالتىسى قاتارلىقلار ئىشلىتىلگەن، ئەمما قىزىقىش ناملىق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىدە ئاسمان كرانى بىخەتەرلىك يەل خالتىسىنىڭ ئورنىنى ئالغان، ئىرادە ناملىق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىدىمۇ ئوخشاش ئۇسۇل قوللىنىلغان. ئېلىمىزنىڭ تيەنۋېن 1-نومۇرلۇق مارس تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىدە پاراشۇت سۈرئەتنى ئاستىلاتقاندىن كېيىن، تەتۈر ئىتتىرىش راكېتاسى ئارقىلىق قونۇش سۇپىسىنى مارسنىڭ يەر يۈزىگە قوندۇرىدى، ئاندىن مارس ماشىنىسى ئۆز ئالدىغا قونۇش سۇپىسىدىن چۈشىدۇ.

تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى مارسقا قانداق قونىدۇ؟

كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان قورقۇنچلۇق يەتتە مىنۇت

قەتئىي ئىرادە ناملىق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى قىزىقىش ناملىق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى ئوخشىشىپ كېتىدىغان سىرتقى كۆرۈنۈشكە ئىگە، ئەمما قەتئىي ئىرادە ناملىق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى %17 ئېغىر بولۇپ، 1.05 توننىغا يېتىدۇ، شۇڭا قونغان ۋاقىتتا تېخىمۇ زور رىقابەت كۈچىگە ئىگە بولىدۇ. ئەگەر مەغلۇپ بولسا ئىككى مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ۋە ئىنژېنېرلارنىڭ قان-تەرى كۆپۈككە ئايلىنىدۇ، شۇڭا قورقۇنچلۇق يەتتە مىنۇت ئىنتايىن مۇھىم ئاچقۇچلۇق ھالقىغا ئايلانغان.

قەتئىي ئىرادە ناملىق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى مارس ئاتموسفېرا قاتلىمىغا يېقىنلاشقاندا، كىچىك تىپتىكى راكېتا يۆنىلىشنى تەڭشەپ، ئىسسىقلىق ئايرىش قاپقىقىنىڭ ئالدى تەرەپكە يۈزلىنىپ توغرا بۇلۇڭ ھاسىل قىلىپ كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ، ئازراقلا پەرق بولسا قونۇش بۆلىكى تېمپېراتۇرا بەك يۇقىرى بولۇش سەۋەبىدىن بىر ئاقار يۇلتۇزغا ئايلىنىپ كۆيۈپ كېتىشى ياكى مارس ئاتموسفېرا قاتلىمىدىن قاڭقىپ چىقىپ مارس ئوربىتىسىدىكى ئالەم بوشلۇقى ئەخلىتىگە ئايلىنىپ كېتىشى مۇمكىن.

تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى مارسقا قانداق قونىدۇ؟

بۇ باسقۇچتا قەتئىي ئىرادە ناملىق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىنىڭ سائەتلىك سۈرئىتى 19 مىڭ 312 كىلومېتىرغا يېتىدۇ ھەمدە مارس ئاتموسفېرا قاتلىمىدا تەدرىجىي ئاستىلاپ 1609 كىلومېتىرغا يەتكەندە، ئاۋازدىن تېز سۈرئەتلىك پاراشوت ئېچىلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا قەتئىي ئىرادە ناملىق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىنىڭ مارس ئاتموسفېرا قاتلىمىغا كىرىشىگە تەخمىنەن تۆت مىنۇت كېتىدۇ. بۇ چاغدا ئىسسىقلىق توسۇش قاپقىقى چۈشۈپ كېتىدۇ، قەتئىي ئىرادە ناملىق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى مارس ئاتموسفېرا قاتلىمىدا پەيدا بولىدۇ ھەمدە بىخەتەر قونۇش ئورنىنى ئۆز ئالدىغا تاللايدۇ.

پاراشوت ئەڭ كۆپ بولغاندا قەتئىي ئىرادە ناملىق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىنىڭ سائەتلىك سۈرئىتىنى 322 كىلومېتىرغا ئاستىلىتالايدۇ، بۇ تەخمىنەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدىكى سۈرئىتىمىزنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، ئەگەر بۇ خىل سۈرئەت بىلەن مارس يۈزىگە سوقۇلسا بىر دۆۋە كېرەكسىز تۆمۈرگە ئايلىنىپ قالىدۇ. بۇ چاغدا قەتئىي ئىرادە ناملىق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى مارس يەر يۈزىدىن 2100 مېتىر يىراقلىقتا بولۇپ، تەتۈر ئىتتىرىش راكېتاسى قوزغىلىپ، سائەتلىك سۈرئىتىنى 3.2 كىلومېتىردىنمۇ تۆۋەنلىتىدۇ، ئاندىن ئاسمان كرانى 6.4 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئارقان بىلەن قەتئىي ئىرادە ناملىق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىنى يەر يۈزىگە سىلىق قويىدۇ ھەمدە ئارقاننى ئاپتوماتىك ئۈزۈۋېتىپ، باشقا جايغا چۈشۈپ كېتىدۇ.

دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، قەتئىي ئىرادە ناملىق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى 1.8 كىلوگرام كېلىدىغان كىچىك زېرەك ناملىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئېلىپ يۈرگەن بولۇپ، ئۇ قۇياش ئېنېرگىيەسى ئارقىلىق زەرەتلىنىدىكەن، بۇ ئىنسانلار ئۇچقۇسىنىڭ تۇنجى قېتىم تاشقى پىلانىتىدا ئۇچۇشى بولۇپ قالىدۇ.

تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى مارسقا قانداق قونىدۇ؟

تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى مارسقا قانداق قونىدۇ؟

تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى مارسقا قانداق قونىدۇ؟

تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى مارسقا قانداق قونىدۇ؟

تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى مارسقا قانداق قونىدۇ؟

تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى مارسقا قانداق قونىدۇ؟

تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى مارسقا قانداق قونىدۇ؟

تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى مارسقا قانداق قونىدۇ؟

ئېلىمىزنىڭ تيەنۋېن 1-نومۇرلۇق مارس تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى بىلەن قەتئىي ئىرادە ناملىق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىنىڭ پەرقى شۇكى، قەتئىي ئىرادە ناملىق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىنىڭ قونۇش سۇپىسى مارس ماشىنىسىنىڭ ئۈستىدە بولۇپ، ئېسىپ قونۇش ئۇسۇلى بىلەن مارس ماشىنىسىنى قويۇپ بېرىدۇ، يەرگە قونۇش سۇپىسى چۈشۈپ كېتىدۇ؛ تيەنۋېن 1-نومۇرلۇق مارس تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىنىڭ قونۇش سۇپىسى مارس ماشىنىسىنىڭ ئاستىدا بولۇپ، بۇففېر پۇتىغا تايىنىپ قونىدۇ، ئاندىن مارس ماشىنىسى سۇپىدىن چۈشىدۇ. ھەر ئىككىلىسى پاراشوتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، تەتۈر ئىتتىرىش راكېتاسىغا تايىنىپ سۈرئىتى بىخەتەر سۈرئەتكە ئاستىلىغاندىن كېيىن ئاستا-ئاستا قونىدۇ، بۇنى ئىنتايىن خەتەرلىك دېيىشكە بولىدۇ، مىنۇت-سېكۈنتتا قىلچە خاتالىق كۆرۈلسە بولمايدۇ.

تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى مارسقا قانداق قونىدۇ؟

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى