يېمەك-ئىچمەك

كەپتەر گۆشىنىڭ ئادەم بەدىنىگە قانداق پايدىسى بار؟

كەپتەر گۆشىنىڭ ئادەم بەدىنىگە قانداق پايدىسى بار؟

ھەممە ئادەم كەپتەر گۆشىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىنى يۇقىرى دېيىشىدۇ، لېكىن كىشىلەردىن قانداق ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ بارلىقىنى سورىساق، بەلكىم كۆپچىلىك راستتىنلا دېيەلمەسلىكى مۇمكىن. كەپتەر ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدىغان قۇش بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كەڭ كۆلەمدە بېقىلىدۇ، كەپتەر پاختەك ۋە كەپتەر ئائىلىسىدىكى نەچچە يۈز خىل قۇشنىڭ ئومۇمىي نامى. بىز ئادەتتە دەۋاتقان كەپتەر پەقەت كەپتەر ئۇرۇقدىشىنىڭ بىر تۈرى، يەنە كېلىپ ئۆي كەپتىرى، ئۆي كەپتىرى ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغىنى پوچتا كەپتىرى بولۇپ، ئاساسلىقى خەۋەرلىشىش ۋە بەسلىشىشكە ئىشلىتىلىدۇ. بېشى كەڭ ھەم تۈز، گەۋدىسى چوڭ ھەم كەڭ، تۇمشۇقىدىن قۇيرۇقىغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 6.3-5.3 سانتىمېتىرغىچە بولىدۇ، كۆكرەك ئايلانمىسى 3.84 سانتىمېتىر بولىدۇ، تۇمشۇقى ئۇزۇن ھەم سەل ئېگىلگەن بولىدۇ. يېتىلگەن كەپتەر كۆزىنىڭ ھالقىسى قىزىل ياكى گۆشى قىزىل، ياش كەپتەر كۆزىنىڭ ھالقىسى ھال رەڭ بولىدۇ.

كەپتەر گۆشىنىڭ ئادەم بەدىنىگە قانداق پايدىسى بار؟

كەپتەر گۆشىنىڭ ئادەم بەدىنىگە قانداق پايدىسى بار؟

1. كەپتەر گۆشىنىڭ ئاقسىل مىقدارى يۇقىرى، كەپتەر گۆشىنىڭ ھەزىم بولۇش نىسبىتىمۇ يۇقىرى، ياغ مىقدارى بىر قەدەر تۆۋەن بولۇپ، ھايۋانات ۋە ئۆي قۇشلىرىنىڭ گۆشىدە ئىنسانلارنىڭ يېيىشىگە ئەڭ ماس كېلىدۇ.

2. كەپتەر گۆشى تەركىبىدىكى كالتسىي، تۆمۈر، مىس قاتارلىق ئېلېمېنتلار ۋە ۋىتامىن A، B تۈردىكى ۋىتامىنلار، ۋىتامىن E قاتارلىقلارنىڭ مىقدارى توخو، بېلىق، كالا، قوي گۆشىنىڭكىدىن يۇقىرى.

3. كەپتەر گۆشى تەركىبىدە يەنە مول پانتوتېنىك كىسلاتا بار بولۇپ، چاچ چۈشۈش، ئاق چاچ چىقىش ۋە بالدۇر قېرىش قاتارلىقلارغا ناھايىتى ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.

4. باچكىنىڭ سۆڭىكىدە مول يۇمشاق سۆڭەك ماددىسى بولۇپ، يۇمران بۇغا مۈڭگۈزى ئىچىدىكى كۆمۈرچەك بىلەن بەسلىشەلەيدۇ، دائىم ئىستېمال قىلىپ بەرسە، تېرە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھاياتى كۈچىنى ياخشىلايدۇ، تېرىنىڭ ئېلاستىكلىقىنى ئاشۇرىدۇ، قان ئايلىنىشنى ياخشىلايدۇ.

5. باچكا تەركىبىدە بىر قەدەر كۆپ بولغان تارماق زەنجىرلىك ئامىنو كىسلاتاسى ۋە ئارگىنىن كىسلاتاسى بار بولۇپ، بەدەندىكى ئاقسىلنىڭ بىرىكىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جاراھەتنىڭ ساقىيىشىنى تېزلىتىدۇ.

6. كەپتەر جىگىرى ئادەم بەدىنىنىڭ خولېستېرىندىن ياخشى پايدىلىنىشىغا ياردەم بېرىپ، ئارتېرىيە قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. 7. ئەل ئىچىدە كەپتەرنى «تاتلىق قانلىق ھايۋان» دەپ ئاتايدۇ، قان ئازلىق كېسىلى بارلار ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن سالامەتلېكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە پايدىلىق.

8. ئەقلىي ئەمگەكچىلەر، ئۇزاق مۇددەت دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خىزمەتچىلەر ۋە كېچىلىك ئىسمېنا خادىملىرى دائىم دۈملەپ پىشۇرۇلغان كەپتەر يەپ بەرسە، بەدەن قۇۋۋىتى، ئەقلىي ئىقتىدارى ۋە ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ھارغىنلىقنى تۈگىتىپ، تولۇپ تاشقان زېھنىي كۈچى ۋە ياخشى روھىي ھالىتىنى ساقلايدۇ. كەپتەر گۆشى تەركىبىدە مول ھېموگلوبىن، تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى ۋە ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان ھەر خىل ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلار بولغاچقا، كەپتەر گۆشىنى دائىم ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، ھۈجەيرىنىڭ قېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ياشلىق باھارىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.

9. ئاياللار كېسىلىنىڭ ياخشى دورىسى بولغان كەپتەر ئىسسىق قانلىق ھايۋان بولۇپ، كەپتەرنىڭ نورمال بەدەن تېمپېراتۇرىسى 40.5 ~ 42.5 گىرادۇس ئەتراپىدا بولىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ قېنى قاننى جانلاندۇرۇش، مۇئەننەس ۋە مۇزەككەرنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش رولىغا ئىگە بولۇپ، ئاياللاردىكى ھەيز قالايمىقانلىشىش، ئاق خۇن كېلىش، جىنسىي ئەزاسى قىچىشىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى تۈگىتىدۇ؛ ھامىلىدار ئاياللارنىڭ بويىدىن ئاجراپ كېتىش، بالدۇر تۇغۇپ قويۇش قاتارلىق ئاياللار كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئاياللارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىنى ياخشىلاپ، كۆزنى روشەنلەشتۈرىدۇ.

10. بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ، قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇش. كەپتەرنىڭ بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ، قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇش ۋە زەھەرنى قايتۇرۇش رولى بار، قۇۋۋەت تولۇقلاش قىممىتى بىر قەدەر يۇقىرى، قان ئازلىق كېسىلى ۋە كۆزى چارچىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن، كەپتەر تۇخۇمىنى ئىستېمال قىلسا، ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. نېرۋا ئاجىزلىق، ئۇنتۇغاقلىق، ئۇيقۇسىزلىققا مۇئەييەن داۋالاش ئۈنۈمى بولىدۇ.

كەپتەر گۆشىنىڭ ئادەم بەدىنىگە قانداق پايدىسى بار؟

كەپتەر گۆشىنىڭ شۇنچە كۆپ ئۈنۈمى بار، ئۇنداقتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار بارمۇ؟

ئىستېمال قىلىشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار: ئىسسىق يېمەكلىكلەرنى بىرلا ۋاقىتتا ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ. كەپتەر شورپىسىنىڭ ئىسسىقلىق خۇسۇسىيىتى بىر قەدەر كۈچلۈك بولۇپ، ئاسان ئىسسىق كېلىدىغان ياكى سوغۇقتىن، ئىسسىقتىن قورقىدىغان، دائىم يۈزى قىزىرىدىغان، كۆپ تەرلەيدىغان كىشىلەر ئەڭ ياخشىسى يېمەسلىكى كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، كەپتەر شورپىسىنىمۇ كالا، قوي گۆشى قاتارلىق ئىسسىق يېمەكلىكلەر بىلەن تەڭ ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ، ھامىلىدارلىقنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدىكى، قىزىپ قالغان، قۇرۇق ئىسسىق كىشىلەر ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ. ھەزىم قىلىشى ياخشى بولمىغان ۋە ئاشقازىنىنى ئىسسىق ئېلىپ كەتكەنلەر ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ. يۇقىرى قان بېسىم ۋە گېموروي بارلار ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ.

كەپتەر گۆشىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولسىمۇ، لېكىن پەقەتلا قۇۋۋەتلەندۈرۈش رولى بولۇپ، تېبابەتتە كېسەللىكنى داۋالاش رولىنى ئوينىيالمايدۇ، پەقەت قوشۇمچە داۋالاش رولىنى ئوينايدۇ. ھالبۇكى، كەپتەرمۇ قۇشلارغا تەۋە بولۇپ، نۇرغۇن تۈرلىرىنى ئىنسانلار يەپ نەسلى قۇرۇپ كېتەيلا دەپ قالدى، شۇڭا كەپتەر گۆشىنى ئىستېمال قىلىشتا چوقۇم پەسىلگە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى