يېمەك-ئىچمەك

قىشتا قارا ئاشلىقنى مۇنداق يېسە، سەمرىمەيدۇ ھەم قۇۋۋەتلىك بولىدۇ

قىش پەسلىدە كىشىنىڭ ئاسانلا ئىشتىھاسى ئېچىلىپ كېتىدۇ، شۇڭا بەزى كىشىلەر ھەمىشە قورسىقى ئاچقاندەك ھېس قىلىدۇ. ھەقىقەتەن، قىشتا ئوزۇقلۇققا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەدەن شەكلىنىمۇ ساقلاش كېرەك، ئۇنداقتا، بۇ ئىككىسى ئارىسىدىكى زىددىيەتنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ قارا ئاشلىقنى بىر قىسىم ئاساسلىق يېمەكلىكلەرنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇش كېرەك.

ئەمەلىيەتتە، تەڭ مىقداردىكى قارا ئاشلىق بىلەن ئاق ئاشلىقنىڭ تەركىبىدىكى ئېنېرگىيە مىقدارى ئوخشاش بولىدۇ. لېكىن قارا ئاشلىقنىڭ ئەۋزەللىكى شۇكى، يېمەكلىك تالالىرىنىڭ مىقدارى يۇقىرى، قارا ئاشلىق يېگەندە ئاسانلا تويۇش تۇيغۇسى شەكىللىنىدۇ، بەزىلەر بىر كۈندە بەش سەر ئاق ئاشلىق يېيىشى مۇمكىن، ئەمما قارا ئاشلىقنى ئىككى سەر يېسىلا كۇپايە قىلىدۇ.

قارا ئاشلىق يېيىشنىڭ بىر خىل ئاددىي ئۇسۇلى قارا ئاشلىق ئۇمىچى ئىچىش. كۆپ خىل قارا ئاشلىقنى ئارىلاشتۇرۇپ ئۇماچ قىلىشقا بولىدۇ. مەسىلەن، كۆممىقوناق سۇلۇ ئۇمىچى. كۆممىقوناق تەركىبىدە راكقا قارشى تۇرغۇچى بىر خىل فاكتور _گىلۇتاتىئون بار، ئۇ راك پەيدا قىلغۇچى ماددىنى كونترول قىلىپ، زەھەرنى تازىلاپ، ھەزىم قىلىش يولى ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىدۇ. كۆممىقوناق تەركىبىدە يەنە سېلېن ۋە كالتسىي بار، سېلېن بەدەندىكى ئوكسىدلارنىڭ پارچىلىنىشىنى تېزلىتىپ، راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈشىنى تىزگىنلەيدۇ. سۇلۇ تەركىبىدە يېمەكلىك تالاسى مول بولۇپ، سۇدا ئېرىيدىغان ئېرىشچان تالامۇ، سۇدا ئېرىمەيدىغان ئېرىمەس تالامۇ بار. ئېرىشچان تالا ئادەم بەدىنىنىڭ سىرتتىن قوبۇل قىلىدىغان خولېستېرىن، ياغ ۋە شېكەرنى ئازايتىشىغا ياردەم بېرىدۇ. ئېرىمەيدىغان تالالار ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى تېزلىتىپ، چوڭ تەرەتنى شەكىلگە كەلتۈرۈپ، ئاسانلا تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ. قەۋزىيەت، ئۈچەي يولى ياللۇغى ھەتتا ئۈچەي راكىنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئازايتىدۇ. ئۇماچ قايناتقاندا 25 گىرام كۆممىقوناق يارمىسى بىلەن 25 گىرام سۇلۇ يارمىسىنى قوشۇپ قاينىتىشقا بولىدۇ. ئەلۋەتتە، ئۆزىنىڭ قىزىقىشى بويىچە، نىسبەتنى تەڭشىسىمۇ بولىدۇ.

ئەگەر دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولسىڭىز، مۇمكىنقەدەر نوقۇل ھالدا ئۇماچ ئىچمەڭ، ئاۋۋال باشقا ئاساسلىق يېمەكلىكلەرنى يەپ، ئاندىن يېرىم قاچا ئۇماچ ئىچسىڭىز بولىدۇ. تاماق يېگەندە قۇرغاق، سۇيۇقنى ماسلاشتۇرۇش، شۇنداقلا «قۇرغاق»نى ئالدىدا يېيىش كېرەك.

(بېيجىڭ شيېخې دوختۇرخانىسىنىڭ مۇدىر ۋىراچى يۈ كاڭ)

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى