تارىختىن بۇرۇنقى «دېڭىز ئەجدىھاسى»نىڭ تاشقاتمىسى بايقالدى
چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تەتقىقاتچىلار تارىختىن بۇرۇنقى بىر خىل يېڭى دېڭىز جانلىقىنى بايقىغان بولۇپ، ئۇنىڭغا «دېڭىز ئەجدىھاسى» (Sea Dragon)، (Thalassoddraco etches) دەپ رەسمىي نام بېرىلگەن. بۇ خىل كىچىك تىپتىكى دېڭىز-ئوكيان يەر بېغىرلىغۇچى ھايۋىنى 150 مىليون يىل بۇرۇنقى يۇرا دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ياشىغان بولۇپ، ئاللىقاچان تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ ئىنتايىن چوڭقۇر يەرگە چۆكەلەيدىغان ھالەتكە يەتكەن. ئىگىلىنىشىچە، بۇ جانلىقلار تاش قاتمىسى ئەنگلىيەنىڭ دوسېت (Dorset) ۋىلايىتى ئىنگلىز بوغۇزى قىرغىقىدىكى يۇرا دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى چوڭقۇر دېڭىز چۆكۈندىلىرىدىن بايقالغان.
بۇ خىل جانلىق ئىختىئوزاۋۇر (ichthyossaurs)غا تەۋە بولۇپ، بۇ جانلىقلار سۇيۇر شەكىللىك دېڭىز-ئوكيان ئوۋلىغۇچىلىرىدۇر. ئەمما يېقىندا بايقالغان ئەۋرىشكېلەردە بىر قانچە ئوخشىماسلىقلار بار بولۇپ، بۇ ئۇلارنى ئۆزىگە تەۋە ئۇرۇقداشقا ۋە تۈرگە ئىگە قىلىدۇ. بۇ ئالاھىدە ئەۋرىشكە 2009-يىلى بايقالغان بولۇپ، دوكلاتقا ئاساسلانغاندا تەخمىنەن 1.8288 مېتىر ئۇزۇنلۇقتا ئىكەن.
تىك قىيا گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەندىن كېيىن، ستىف ئەخچېس (Steve Etches) دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسىنى بويلاپ ئۇنى بايقىغان. ئالىملارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىل ھايۋاننىڭ كۆكرەك بوشلۇقى ئىنتايىن چوڭقۇر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆپكىسى ۋە ئىچكى ئەزلىرى ناھايىتى چوڭ بولۇشى مۇمكىن ئىكەن، ئىچكى ئەزالىرىنىڭ چوڭ بولۇشى ئۇلارنىڭ چوڭقۇر دېڭىز ئاستىغا چۆككەندە بېسىم بىلەن ئېزىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ خىل جانلىقنىڭ كۆزى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، ئۇلار تۆۋەن يورۇقلۇق شارائىتىدىمۇ ناھايىتى ئېنىق كۆرەلەيدۇ. ئۇنىڭ ئېغىزى نەچچە يۈز تال كىچىك چىشلار بىلەن تولغان بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ لولىگو سىياھ بېلىقى ۋە كىچىك بېلىقلارنى ئىستېمال قىلىشى مۇمكىنلېكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ چىشى ئىنتايىن ئۆزگىچە، پۈتۈنلەي سىلىق، بۇ خىل جانلىقلار سۇ يۈزىدە نەپەسلىنىدۇ، قاسرىقى يوق.
بۇ جانلىقلارنىڭ نۇرغۇن تەرەپلىرى نۆۋەتتە يەنىلا بىر سىر. كىشىلەرنىڭ بۇ خىل ھايۋاننىڭ بىيولوگىيەسىگە نىسبەتەن بىلىدىغانلىرى ناھايىتى ئاز، ئالىملار پەقەت بايقالغان تاشقاتمىغا ئاساسەن پەرەز قىلالايدۇ، چۈنكى ھازىر يەر شارىدا بۇنىڭغا ئوخشاش ھاياتلىق مەۋجۇت ئەمەس. كەلگۈسىدىكى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەتقىق قىلىش بىزنى بۇ قەدىمىي جانلىقلارنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدۇ.