تەبىئەت

تۇخۇمى ئۆزىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىغا توغرا كېلىدىغان قۇش

تۇخۇمى ئۆزىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىغا توغرا كېلىدىغان قۇش

خاتا كۆرمىدىڭىز، بۇ راستىنلا تېخى تۇغۇلمىغان تۇخۇم!

تۇخۇمى ئۆزىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىغا توغرا كېلىدىغان قۇش

بۇ يېڭى زېلاندىيەگە خاس بىرخىل قۇش بولۇپ، ئىسمى كىۋى قۇشى. بۇ قۇش قانىتىنىڭ يوقلۇقى بىلەنلا ئەمەس يەنە تېخى تۇغقان تۇغۇمىنىڭ چوڭلۇقى بىلەنمۇ ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ. (تۇخۇم مۇشۇ قۇشقا نىسبەتەن چوڭ دەپ ئېلىندى) شۇنداق، بۇ قۇشنىڭ تۇغقان تۇخۇمى ئۆزىنىڭ ئېغىرلىقىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىغا توغرا كېلىدۇ! بۇ خىل قۇشنىڭ قانىتى پۈتۈنلەي دېگۈدەك چېكىنگەن بولۇپ ئۇچالمايدۇ. ئۇ يېڭى زېلاندىيە تەرىپىدىن «دۆلەت قۇشى» قىلىپ بېكىتىلگەن.

تۇخۇمى ئۆزىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىغا توغرا كېلىدىغان قۇش

كىۋى قۇشىنىڭ گەرچە ئۇچۇش ئىقتىدارى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇ سائىتىگە 10 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن يۈگۈرەلەيدۇ. ئەگەر سىز بۇ سۈرئەتنىڭ قانچىلىك تېز ئىكەنلىكىنى بىلەلمىگەن بولسىڭىز، توخو سۈرئىتىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقسىڭىز بولىدۇ، بۇ خىل قۇش بىلەن توخونىڭ سۈرئىتى ئانچە پەرقلەنمەيدۇ.

تۇخۇمى ئۆزىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىغا توغرا كېلىدىغان قۇش

كىۋى قۇشى يېڭى زېلاندىيەگە خاس بىر خىل قۇش بولۇپ، دۆلەت قۇشى قىلىپ بەلگىلەنگەن. ئادەتتە چوڭ-كىچىكلىكى بىز باقىدىغان ئۆي توخوسىچىلىك كېلىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ تۇخۇمى بىز كۆرگەن ئادەتتىكى توخو تۇخۇمىدىن نەچچە ھەسسە چوڭ بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئېغىرلىقىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىغا توغرا كېلىدۇ. تۇخۇم تۇغقاندا بۇ قۇشنىڭ قانچىلىك ئازابقا بەرداشلىق بېرىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن.

تۇخۇمى ئۆزىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىغا توغرا كېلىدىغان قۇش

ئەمەلىيەتتە كىۋى قۇشى ناھايىتى ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى ئۇچالايتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە جۇغىمۇ ناھايىتى چوڭ ئىدى. لېكىن تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانىدا كىۋى قۇشىنىڭ تېنى بارغانسېرى كىچىكلەپ كەتتى، ئەمما يېڭى زېلاندىيەدە ئۇلارنىڭ كۈشەندىسى يوق دېيەرلىك، شۇڭا ئۇلار ھەر قېتىم خاتىرجەم كۆپىيەلەيدۇ. ئەپسۇس كېيىن يېڭى زېلاندىيەگە نۇرغۇن ھايۋانلار قەدەم باستى، مەسىلەن: ئاغمىخان، توشقان ۋە قويلارنى ياۋروپالىقلار ئېلىپ كەلدى. دەل مۇشۇ سەۋەبتىن، كىۋى قۇشى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قېلىش تەھدىتىگە دۇچ كەلدى.

تۇخۇمى ئۆزىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىغا توغرا كېلىدىغان قۇش

يېڭى زېللاندىيەنىڭ بۇ دۆلەت قۇشلىرىنى قوغداش ئۈچۈن، يېڭى زېللاندىيەنىڭ مۇھىت ئاسراش تەشكىلاتى ھەتتا دۆلىتىدىكى قويدىن باشقا بارلىق سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنى پۈتۈنلەي يوقىتىش پىكىرىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇپ باققانىدى.

كىۋى قۇشى تۇخۇملاشتىن بۇرۇن ھەر كۈنى ئادەتتىكى ئوزۇقلۇقنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە يېقىن ئوزۇقلىنىدۇ، تۇخۇمى بەك چوڭ بولغاچقا، ئىككى پۇتى ئىككى ياققا ئاجراپ چىقىپ كېتەي دەپ قالىدۇ. ھەتتا تۇغۇشقا ئاز قالغاندا تاماق يېيەلمەيدۇ، چۈنكى ئۇنداق يوغان تۇخۇمى قورسىقىنىڭ ھەممە يېرىنى دېگۈدەك ئىگەللىۋالغاچقا يېمەكلىك يېگۈدەك يېرى قالمايدۇ.

تۇخۇمى ئۆزىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىغا توغرا كېلىدىغان قۇش

كىۋى قۇشى جۆرىسىگە ئىنتايىن سادىق بولۇپ، ئۇلار 30 نەچچە ياشقىچە ياشىيالايدۇ. ئەگەر ئىككى تەرەپتىن بىرى بالدۇرلا ئۆلگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپ بىر ئۆمۈر «بويتاق» ئۆتۈپ كېتىدۇ.

تۇخۇمى ئۆزىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىغا توغرا كېلىدىغان قۇش

كىۋى قۇشى تۇخۇم تۇغۇپ بولغاندىن كېيىن، چىشى قۇش ئوزۇقلۇق ئىزدەش ۋە قوغدىنىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولسا، ئەركەك قۇش تۇخۇم باسۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. بۇ تەبىئەت دۇنياسىدا ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان ھەرىكەت.

تۇخۇمى ئۆزىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىغا توغرا كېلىدىغان قۇش

كىۋى قۇشىنىڭ ھەممىسى ناھايىتى مۇستەقىل بولۇپ، كىۋى قۇشى چۈجىسى تۇخۇمدىن چىققاندىن كېيىن، ئۆزلۈكىدىن ياشاشقا باشلايدۇ. چۈنكى ئاتا-ئانىسى ئۇ تۇخۇمدىن چىقىپ بولغاندىن كېيىنلا ئۆز يولىغا كېتىپ قالىدۇ.

تۇخۇمى ئۆزىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىغا توغرا كېلىدىغان قۇش

كىۋى قۇشىنىڭ قانىتى يوق بولۇشنىڭ ئۈستىگە يەنە پۈتۈن تېنى يۇمىلاق، كۆرۈش قۇۋۋىتى ناھايىتى ئاجىز، لېكىن ئۇلار ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر پۇراش سېزىمى ۋە ئۇزۇن تۇمشۇقىغا تايىنىپ ئوزۇقلۇق ئىزدەيدۇ. كىۋى قۇشى يەر ئاستىدىكى ھاشارات قورچىقىنى پۇراپ تاپالايدۇ، ئۇزۇن تۇمشۇقى بىۋاسىتە ئىچكىرىلەپ كىرىپ ئوزۇقلۇق تۇتالايدۇ. شۇڭا كىۋى قۇشى پۈتۈنلەي كۆرمەس بولۇپ قالغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ ھاياتىغا قىلچە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.

تۇخۇمى ئۆزىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىغا توغرا كېلىدىغان قۇش

كىۋى قۇشى ئۇزۇن تۇمشۇقىنى يەنە ئۆزىنىڭ ئۈچىنچى پۇتى ئورنىدا ئىشلىتىدۇ، دائىم ئۇخلىغاندا ئىككى پۇتىغا ئۇزۇن تۇمشۇقىنى قوشۇپ تىرەپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈچ بۇلۇڭلۇق تەڭپۇڭلۇق پىرىنسىپى ئىنتايىن ئۆزگىچە.

تۇخۇمى ئۆزىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىغا توغرا كېلىدىغان قۇش

كىۋى قۇشىنىڭ بىر جۈپ توم، كۈچلۈك پۇتى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇچقاندەك يۈگۈرۈشى ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق بولۇپلا قالماي يەنە بۇ چوڭ پۇتى ھەتتا قارشى تەرەپنى بەش فۇت يىراقلىققا ئىتتىرەلەيدۇ.

تۇخۇمى ئۆزىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىغا توغرا كېلىدىغان قۇش

ئىنسانلار سەۋەبچى بولغان سىرتتىن كەلگەن تۈرلەرنىڭ زىيىنى، ھازىر بۇ ئوماق قۇشنى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ھايۋان قاتارىغا كىرگۈزۈپ قويدى. ھازىر ئىنسانلارنىڭ ئۇنى قوغداش، خاتىرجەم تۇخۇم تۇغۇش شارائىتىغا ئىگە قىلىش مەسئۇلىيىتى بار، نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇلار ياشاۋاتقان زېمىندىكى ئورۇنسىز تەھدىتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىنسانلار قىرغاققا ئېلىپ چىققان.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى