ساغلاملىق

قالقانسىمان بەز كېسەللىكلىرىنىڭ ھەممىسىلا يود تولۇقلاشقا ئېھتىياجلىق بولىۋەرمەيدۇ

قالقانسىمان بەز ئادەم بەدىنىدىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى ئاجراتما ئەزاسى بولۇپ، قالقانسىمان بەز ھورمۇننى بىرىكتۈرىدىغان، ساقلايدىغان، ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان سورۇن. قالقانسىمان بەز ھورمۇنىنىڭ ئاساسلىق خىزمىتى ئورگانىزمنىڭ مېتابولىزمىنى تەڭشەش بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ ھەرقايسى باسقۇچلىرىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. يود ئېلېمېنتى قالقانسىمان بەز ھورمۇنىنى بىرىكتۈرىدىغان خام ئەشيا بولۇپلا قالماي، يەنە قالقانسىمان بەزنىڭ ئۆسۈشى ۋە ئاجرىلىپ چىقىشىنى تەڭشەيدۇ. ھەتتا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە قالقانسىمان بەز كېسەللىكى تىلغا ئېلىنسىلا، بىرىنچى ئىنكاسى يود كەملىك بولۇپ، يود تولۇقلاشقا توغرا كېلىدۇ.

قالقانسىمان بەز كېسەللىكلىرىنىڭ ھەممىسىلا يود تولۇقلاشقا ئېھتىياجلىق بولىۋەرمەيدۇ

يودلۇق تۇز ئومۇملىشىشتىن ئىلگىرى، دۆلىتىمىزنىڭ بەزى رايونلىرىدا ھەقىقەتەن «توم بويۇن كېسىلى» دەپ ئاتىلىدىغان يود كەملىك كېسىلى مەۋجۇت ئىدى. مۇشۇ سەۋەبتىن ئىلگىرى كىشىلەردە قالقانسىمان بەز خىزمىتى كۈچىيىپ كېتىش، قالقانسىمان بەز ياللۇغى ۋە قالقانسىمان بەز ئىششىقى قاتارلىق كېسەللىكلەر كۆرۈلگەنىدى. ئەمەلىيەتتە، قالقانسىمان بەز كېسەللېكىنىڭ پەرقىگە ئاساسەن، يودنى ئىلمىي تولۇقلىشىمىز كېرەك.

كۆپ ئۇچرايدىغان قالقانسىمان بەز كېسەللىكلىرىنى يود تولۇقلاش ئەھۋالىغا قاراپ يود تولۇقلاشقا تېگىشلىك، يود تولۇقلاش ھاجەتسىز ۋە يود چەكلەشكە تېگىشلىك دەپ ئۈچ چوڭ تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ.

يود كەملىكتىن كېلىپ چىققان قالقانسىمان بەز ئىششىقى كۆپ كۆرۈلمەيدىغان بولۇپ قالدى، داۋالاشقا دەخلى يېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۆز ئالدىغا يود تولۇقلاشقا بولمايدۇ. ئېلىمىزنىڭ قىسمەن رايونلىرى، بولۇپمۇ ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى تاغلىق رايونلاردا يود كەمچىل رايونغا تەۋە، يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ يېمەك-ئىچمىكىدە ئومۇميۈزلۈك يود ئېلېمېنتى كەمچىل، شۇڭا دائىم «يەرلىك قالقانسىمان بەز ئىششىقى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل كېسەللىك يۈز بېرىدۇ، بۇ ئادەتتە «پوقاق كېسىلى» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ كېسەلنىڭ ئالامىتى بويۇن قىسمى كۆرۈنەرلىك ئىششىيدۇ، قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى تۆۋەنرەك بولىدۇ. ئەگەر ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئاياللار بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولسا، بوۋاقنىڭ نېرۋىسى ۋە بەدىنىنىڭ يېتىلىشى توسالغۇغا ئۇچراپ، بويى پاكار بولۇپ، ئەقلى ھوشىنى يوقىتىپ قويىدۇ، يەنى «ھاڭۋاقتىلىق كېسىلى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ «كرېتنىس كېسىلى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. شۇڭا قىسمەن رايونلاردىكى كىشىلەر يود ئېلېمېنتىنى تولۇقلاشقا موھتاج، بۇمۇ دۆلىتىمىزدە يودلۇق تۇزنىڭ ئومۇملىشىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى.

نۇرغۇن كىشى قالقانسىمان بەز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ھامان، بۇنى «توم بويۇن كېسىلى» دەپ قارايدۇ، بۇ خاتا. چۈنكى يودلۇق تۇز سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، بۇ خىل يەرلىك قالقانسىمان بەز ئىششىقى كېسىلى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ، ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئالامەتلەر ئاستىدا، باشقا قالقانسىمان بەز كېسەللىكى بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر كۆپ مىقداردا يود تولۇقلىسا، يەنە بەزى تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە تەسىر كۆرسىتىپ، داۋالاشنى كېچىكتۈرۈشى مۇمكىن.

قالقانسىمان بەز ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان قالقانسىمان بەز كېسەللىكلىرى مەسىلەن قالقانسىمان بەز ئىششىقى (تۈگۈنى)، قالقانسىمان بەز ياللۇغى، بىرلەمچى قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى تۆۋەنلەش قاتارلىقلار، ئەمەلىيەتتە يود تولۇقلاش ئەسلا ھاجەتسىز. بۇ خىل قالقانسىمان بەز كېسەللىكىگە نورمال يېمەك-ئىچمەك بولسىلا بولىدۇ. كېسەلگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن، بىمارنىڭ قالقانسىمان بەز شەكلى ياكى ئىقتىدارىدا نورمالسىزلىق كۆرۈلۈشى مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەن مۇناسىپ كېسەللىك ئالامىتى، بەدەن بەلگىلىرى كېلىپ چىقىدۇ. بىمارنىڭ بوينى ئىششىش ھەمدە ئاغرىش ياكى ئىششىق قاتارلىق قىسمەن ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، يەنە ئىششىق، سوغۇقتىن قورقۇش، ماغدۇرسىزلىنىش، يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە ئاستىلاش قاتارلىق پۈتۈن بەدەن ئىپادىسى كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل كېسەللىكلەرنى ئادەتتە دورا ياكى ئوپېراتسىيە ئارقىلىق داۋالاشقا توغرا كېلىدۇ، يودنىڭ داۋالاشقا بىرەر تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق.

ئۇنىڭدىن باشقا، قالقانسىمان بەز خىزمىتى كۈچىيىپ كېتىش قالقانسىمان بەز كېسەللىكىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ، يودنى چەكلەشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان يودنى چەكلەش ئاساسلىقى يود تەركىبى بار دورىلارنى ياكى يود مىقدارى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىكنى كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن، لامنارىيە، قىزىل دېڭىز يۈسۈنى قاتارلىق دېڭىز ئۆسۈملۈكلىرى، ئامىن يودون، يود تەركىبى تابلېتى قاتارلىق غەربچە دورىلار ياكى دېڭىز يۈسۈنى، كۈنبۇ، ئويستېر قۇلۇلىسى قاتارلىقلار بار جۇڭيى دورىلىرىنى يېيىشنى كۆرسىتىدۇ.

بۇنىڭدىن مەلۇمكى، قالقانسىمان بەز كېسەللېكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشتا، قارىغۇلارچە يود تولۇقلاشتىن ساقلىنىش، يەر، ئادەم، كېسەللىك، زامانغا قاراپ پەرقلىق بولۇش، يەككىلەشتۈرۈش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك، ھەمدە قالقانسىمان بەزگە كۆڭۈل بۆلۈش، ئىلمىي ئۇسۇلدا يود تولۇقلاش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۈنۇپكىسى