تەرمىلەر

ئائىلىدە ئىشلىتىۋاتقان قان بېسىم ئۆلچىگۈچنى توغرا ئىشلىتەلىدىڭىزمۇ ؟

ئۈچ خىل سىناق ئارقىلىق قان بېسىمىڭىزنى توغرا ئۆلچىگەن-ئۆلچىمىگەنلىكىڭىزگە قاراپ باقايلى!

ئائىلىدە ئىشلىتىۋاتقان قان بېسىم ئۆلچىگۈچنى توغرا ئىشلىتەلىدىڭىزمۇ ؟

زۇ لىڭيۈن مۇدىر ۋىراچ
بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى 3-دوختۇرخانىسى يۈرەك ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىدىن

ئائىلىدە ئىشلىتىۋاتقان قان بېسىم ئۆلچىگۈچنى توغرا ئىشلىتەلىدىڭىزمۇ ؟

بىرىنچى سىناق
ئائىلىدە قان بېسىمىنى ئۆزى ئۆلچەشتە، قايسى خىل قان بېسىم ئۆلچىگۈچنى تاللاش كېرەك؟
سىمابلىق قان بېسىم ئۆلچىگۈچ ئارتېرىيە تومۇرىنىڭ بىرىنچى ۋە ئەڭ ئاخىرقى ئاۋازىنى ئاڭلاش ئارقىلىق قىسقىرىش بېسىمى ۋە كېڭىيىش بېسىمىغا ھۆكۈم قىلىدۇ. بۇ خىل قان بېسىم ئۆلچىگۈچنى ئىشلەتكەندە قىيىنلىق دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ.

ئائىلىدە ئىشلىتىۋاتقان قان بېسىم ئۆلچىگۈچنى توغرا ئىشلىتەلىدىڭىزمۇ ؟

ئەمەلىي ئۆلچەش جەريانىدىن بايقىلىشىچە، سىمابلىق قان بېسىم ئۆلچىگۈچ پەيدا قىلغان ئۆلچەشتىكى خاتالىق پەرقى ئېلېكتىرونلۇق قان بېسىم ئۆلچىگۈچنىڭكىدىن %50 ئەتراپىدا يۇقىرى بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا سىمابلىق قان بېسىم ئۆلچىگۈچتە سىماب بولغاچقا، بىخەتەرلىك ئۈچۈن ئائىلىدە ئىشلىتىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.

ئائىلىدە ئىشلىتىۋاتقان قان بېسىم ئۆلچىگۈچنى توغرا ئىشلىتەلىدىڭىزمۇ ؟

ئېلېكتىرونلۇق بېغىش قان بېسىم ئۆلچىگۈچتە گەرچە ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك بولسىمۇ، لېكىن يان بىلەك ئارتېرىيەسى ئۆلچىنىدۇ، ئۇنىڭ مۇقىملىقى يۇقىرىقى بىلەك ئارتېرىيەسىگە يەتمەيدۇ. ئەتراپ ئارتېرىيە كېسەللىكى، ئەتراپ قان ئايلىنىش توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان بىمارلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، يان بىلەك ئارتېرىيەسىدە ئۆلچەنگەن قان بېسىم قىممىتىنىڭ توغرىلىقى تېخىمۇ تۆۋەن بولىدۇ.

ئائىلىدە ئىشلىتىۋاتقان قان بېسىم ئۆلچىگۈچنى توغرا ئىشلىتەلىدىڭىزمۇ ؟

ئېلېكتىرونلۇق بىلەك قان بېسىم ئۆلچىگۈچى يۇقىرىقى بىلەك ئارتېرىيەسىنىڭ سوقۇشىنى ئۆلچەش ئارقىلىق قان بېسىمىغا ھۆكۈم قىلىدۇ، يۇقىرىقى بىلەك ئارتېرىيىسىنىڭ يۈرەككە بولغان ئارىلىقى تېخىمۇ يېقىن، نەتىجىسىمۇ تېخىمۇ مۇقىم بولىدۇ. شۇڭا ئائىلىدە قان بېسىمىنى ئۆزى ئۆلچەشتە، ئالدى بىلەن خەلقئارالىق دەلىللەشتىن ئۆتكەن ئېلېكتىرونلۇق بىلەك قان بېسىم ئۆلچىگۈچنى تاللاش كېرەك.

ئائىلىدە ئىشلىتىۋاتقان قان بېسىم ئۆلچىگۈچنى توغرا ئىشلىتەلىدىڭىزمۇ ؟

ئىككىنچى سىناق
قان بېسىم ئۆلچىگۈچنىڭ يەڭ تاسمىسىنى توغرا باغلىدىڭىزمۇ؟
قان بېسىم ئۆلچىگۈچنىڭ يەڭ تاسمىسىنىڭ مۇنداق ئىككى خىل ئىقتىدارى بار: ئارتېرىيەنىڭ قان ئېقىمىنى توسۇپ سىگنال سېزىشتىن ئىبارەت، شۇڭا ئۇ يۇقىرىقى بىلەككە تولۇق چاپلىنىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، قان بېسىم ئۆلچىگۈچنى تاللاپ سېتىۋالغاندا بىلېكىنىڭ توم-ئىنچىكىلىكىگە ئاساسەن، ئوخشاش بولمىغان تىپتىكى يەڭ تاسمىلىرىنى سەپلەشكە بولىدۇ.

ئائىلىدە ئىشلىتىۋاتقان قان بېسىم ئۆلچىگۈچنى توغرا ئىشلىتەلىدىڭىزمۇ ؟

قان بېسىمىنى ئۆلچىگەندە، يەڭ تاسمىسىنىڭ تۆۋەنكى گىرۋىكىنى جەينەكنىڭ توغرا سىزىقچىلىرىغا تەخمىنەن 23 سانتىمېتىر (ئىككى توغرا بارماق) كېلىدىغان ئورۇنغا باغلاپ، تىڭشاپ تەكشۈرۈش ئورنى قالدۇرۇش كېرەك. دىققەت قىلىش كېرەككى، تىڭشىغۇچنى يەڭ تاسمىسىغا باسماڭ.

ئائىلىدە ئىشلىتىۋاتقان قان بېسىم ئۆلچىگۈچنى توغرا ئىشلىتەلىدىڭىزمۇ ؟

يەڭ بېغىشىنى بەك چىڭ باغلىغىلى بولمايدۇ، چىڭ باغلىغاندىن كېيىن ئىككى بارماقنى كىرگۈزۈپ باقساق بولىدۇ.
قان بېسىمىنى ئۆلچىگەندە تېڭىلغان كىيىمنىڭ قېلىنلىقى بىر مىللىمېتىردىن تۆۋەن بولۇشى كېرەك. ئەگەر كىيىم بەك قېلىن بولۇپ كەتسە ئۆلچەش نەتىجىسى خاتا بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

ئائىلىدە ئىشلىتىۋاتقان قان بېسىم ئۆلچىگۈچنى توغرا ئىشلىتەلىدىڭىزمۇ ؟

ئۈچىنچى سىناق
قان بېسىمىنى ئۆلچىگەندىكى قىياپەت مۇۋاپىقمۇ؟
قان بېسىمىنى ئۆلچىگەندە، يېنىك، تىنچ ھالەتنى ساقلاش، ئامال بار گەپ قىلماسلىق، تېلېۋىزور كۆرمەسلىك، سۇ ئىچمەسلىك كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يۆلەنگىلى بولىدىغان ئازادە ئورۇندۇق تېپىپ، ئۆزىنى قويۇۋەتكەن ھالەتتە قان بېسىمىڭىزنى ئۆلچەپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

ئائىلىدە ئىشلىتىۋاتقان قان بېسىم ئۆلچىگۈچنى توغرا ئىشلىتەلىدىڭىزمۇ ؟

نورمال ئەھۋالدا ئوڭ-سول ئىككى بىلەكنىڭ قان بېسىم پەرقى 10 مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكى ئىچىدە بولسا نورمال ھېسابلىنىدۇ. لېكىن ئوڭ-سولغا قاراپ ئۆلچەشتە پەرق بولسا، ئىگىزرەك تەرەپنى ئۆلچەم قىلىش كېرەك.
ئەگەر پەرق 20 مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكىدىن يۇقىرى بولسا، بۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەك. ئۆلچەش قىممىتى تۆۋەن تەرەپتە، چوڭ قان تومۇر ئارتېرىيەسىنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشى ياكى تارىيىشى پەيدا بولۇشى مۇمكىن.

ئائىلىدە ئىشلىتىۋاتقان قان بېسىم ئۆلچىگۈچنى توغرا ئىشلىتەلىدىڭىزمۇ ؟

ئەتىگەندە قان بېسىمىنى ئۆلچىگەندە، ئاۋال تەرەت قىلىپ ئاندىن ئۆلچەش كېرەك، چۈنكى سۈيدۈكنى قىسىۋالغاندا نېرۋا روھلىنىپ، قان بېسىمىنىڭ يۇقىرى بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ يېتىپ قان بېسىمىنى ئۆلچىگەندە، تۈز ياتقۇزۇپ ئۆلچەپ، يەڭ تاسمىسى ۋە يۈرەكنىڭ گورزىنتاللىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

قان بېسىم ئۆلچىگۈچ قەرەللىك توغرىلىنىپ تۇرۇشى كېرەك. مۇتەخەسسىسلەر يېرىم يىلدىن بىر يىلغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە بىر قېتىم توغرىلاشنى، مەھەللە مۇلازىمەت مەركىزى ياكى قان بېسىم ئۆلچىگۈچ ساتىدىغان ماگىزىندا توغرىلاشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى