ئارغامچا سەكرەپ بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ ئەۋزەللىكى

ئارغامچا سەكرەش بەدەن چېنىقتۇرۇشتىكى ئاددىي، ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنىڭ بىرى. ئارغامچا سەكرەشكە باشقا بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيەتلىرىگە ئوخشاش قىممەت باھالىق ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋېلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، پەقەت بىر تال ئارغامچا بىلەنلا ئۆزىڭىزنىڭ بەدەن سۈپىتىنى ياخشىلىيالايسىز.
ئارغامچا سەكرەشنىڭ باشقا تەنھەرىكەت تۈرلىرىدە يوق ئۈچ چوڭ ئارتۇقچىلىقى
1. شارائىت تەلىپى تۆۋەن
كۈز ۋە قىش پەسلىدە بەدەن چېنىقتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئارغامچا سەكرەش ئەڭ ياخشى تاللاش بولالايدۇ، ئارغامچا سەكرەشتە سىزنىڭ سوغۇقتا يۈرۈشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، قىممەت باھالىق چېنىقىش كارتىسى بىجىرىشىڭىزنىڭمۇ ھاجىتى يوق، پەقەت بىر تال ئارغامچا ئارقىلىقلا بەدەن چېنىقتۇرۇش مەقسىتىڭىزگە يېتەلەيسىز.
2. قىسقا ۋاقىتتا يۈرەكنى ساغلاملاشتۇرۇپ، بەدەن مۇسكۇللىرىنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى ياخشىلايدۇ
3. ھەرىكەت شەكلى مول، زېرىكىشلىك ئەمەس
ئارغامچا سەكرەشنىڭ شەكلى ئىنتايىن مول، سىز ھەر خىل شەكىلدە بەدەن چېنىقتۇرۇش مەقسىتىڭىزگە يېتەلەيسىز. ئارغامچا سەكرەش جەريانىدا ھەرىكەتنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىمۇ بارغانسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ، بۇنىڭ بەدەن مۇسكۇلىنىڭ ماسلىشىشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە رولى ئىنتايىن چوڭ، ھەر خىل شەكىلدە ئارغامچا سەكرەشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ۋە ئوخشاش بولمىغان مۇسكۇللارنى ئاكتىپلاشتۇرۇش دەرىجىسىمۇ ئوخشاش ئەمەس، ئارغامچا سەكرەش رەسمىي ھەرىكەتتىن بۇرۇن بەدەن قىزىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى.
گەرچە ئارغامچا سەكرەشنىڭ پايدىسى كۆپ بولسىمۇ، ئىككى نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك:
1. كەچ ۋاقتى ئارغامچا سەكرەپ چېنىقىدىغان ياخشى ۋاقىت، لېكىن ۋاقىتنى يەنىلا ئىلمىي پىلانلاش كېرەك
تاماقتىن كېيىنكى ئىككى سائەت، ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى بىر سائەت ۋاقىت ئارغامچا سەكرەشنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلى، بۇنداق بولغاندا ئاشقازان-ئۈچەينىڭ ساغلاملىقىغا ۋە ئۇيقۇ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
2. ئارغامچا سەكرىگەندىن كېيىن چوقۇم ۋاقتىدا پەي سوزۇش كېرەك، بۇنداق قىلىش ئارقىلىق مۇسكۇللارنىڭ چىڭقىلىپ كېتىشىنى ۋە مۇسكۇللارنىڭ تېلىپ ئاغرىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.