ساغلاملىق

بالدۇر يېتىلىپ قالغان بالىلاردىكى ئالامەتلەر ۋە ئۇنىڭ زىيىنى

ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، دۆلىتىمىزدە تەخمىنەن 530 مىڭ بالىنىڭ جىنسىي ئىقتىدارى بالدۇر يېتىلىپ، كېسەل بولۇش نىسبىتى %0.43 كە يېتىپتۇ ھەمدە بۇ نىسبەت يىلدىن-يىلغا ئۆرلەۋېتىپتۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، شەھەرلەردىكى بالىلارنىڭ جىنسىي ئىقتىدارى بالدۇر يېتىلىش نىسبىتى %4-%7 بولۇپ، يېزا بالىلىرىنىڭكىدىن ئىككى پىرسەنت يۇقىرى ئىكەن، بۇ تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردىكى نىسبەتكە زور دەرىجىدە يېقىنلاشقان.

كېسەللىككە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنىڭ ئېشىشى بىلەن قارىمۇ-قارشى بولغىنى، جىنسىي ئىقتىدارى بالدۇر يېتىلگەن بالىلارنىڭ كېسەل كۆرسىتىش نىسبىتى ئۈچتىن بىر قىسىمغا يەتمەيدىكەن، بۇ ئېلىمىزدىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارنىڭ جىنسىي ئىقتىدارى بالدۇر يېتىلىشىگە بولغان بىلىمىنىڭ يېتەرسىزلېكىنى ئاشكارىلاپ بەرگەن.

جىنسىي ئىقتىدارى بالدۇر يېتىلىش توغرىسىدىكى بىر قاتار چۈشەندۈرۈشلەر

1. جىنسىي ئىقتىدارى بالدۇر يېتىلىش دېگەن نېمە؟

جىنسىي ئىقتىدارى بالدۇر يېتىلىش ئاساسلىقى بالىلارنىڭ بەدىنىدىكى ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ قالايمىقانلىشىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان غەيرىي يېتىلىش كېسەللىكى بولۇپ، ئاساسلىق كېسەللىك ئالامىتى ئىككىلەمچى جىنسىي ئالامەتنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن يېتىلىشىدىن ئىبارەت. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، بۇنداق بولغاندا، قىزلارنىڭ سەككىز ياشتىن ئىلگىرى كۆكرەك قىسمى يېتىلىدۇ، ئوغۇللارنىڭ توققۇز ياشتىن ئىلگىرى بۇغدىيىكى كۆتۈرۈلۈپ چىقىدۇ، بۇ ئادەتتە جىنسىي ئىقتىدارى بالدۇر يېتىلىش دەپ ئاتىلىدۇ.

2. جىنسىي ئىقتىدارى بالدۇر يېتىلىشنىڭ زىيىنى قايسىلار؟

1) بالىنىڭ بويىنىڭ پاكار بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

نورمال ئەھۋالدا، جىنسىي ئىقتىدارى بالدۇر يېتىلگەن بالىلارنىڭ بەدىنىنىڭ ھەر خىل يېتىلىشى ئوخشاش ياشتىكى بالىلارنىڭكىدىن ئېشىپ كېتىدۇ، مەسىلەن، بوي ئىگىزلىكىدىكى پەرق ناھايىتى روشەن بولىدۇ. ئەگەر بالا نورمال يېتىلىش باسقۇچىدا تۇرغان بولسا، بويىنىڭ ئۆسۈشى ياخشى ئىش بولىدۇ، ئەمما بالىنىڭ جىنسىي ئىقتىدارى بالدۇر يېتىلىپ قالغان بولسا، بويىنىڭ ئۆسۈشى پەقەت جىنسىي ھورموننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنىڭ زىيادە كۆپ بولۇشىدىن كېلىپ چىقىدۇ، نەتىجىدە سۆڭەك ئېپىفىز سىزىقى مۇددەتتىن بۇرۇن تۇتىشىپ، ئۆسۈپ يېتىلىشى مۇددەتتىن بۇرۇن ئاخىرلىشىدۇ، كېيىنكى مەزگىلدە ئۆسۈش ئېھتىماللىقى بەك كىچىك بولۇپ، بالىنىڭ بويى پاكار بولۇپ قالىدۇ.

2) بالىلارنىڭ پىسخىكا ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

جىنسىي ئىقتىدارى بالدۇر يېتىلگەن بالىلارنىڭ تېنى ھەر جەھەتتىن بالدۇر يېتىلىدۇ، ئەمما ئوخشاش ئۆسۈپ يېتىلىشنىڭ ئاخىرلىشىش ۋاقتى ئالدىغا سۈرۈلىدۇ. بالىلار كىچىك ۋاقتىدا، ئۇلار بەدىنىنىڭ يېتىلىش رولىنى چۈشىنەلمەيدۇ، ئەگەر قىزلارنىڭ كۆكرەك قىسمى بالدۇر يېتىلىپ قالسا، كىچىك ھەمراھلىرىغا ئوخشىمايدىغان بۇ تەرىپى ئۇلارنى ئۆزىنى كەمسىتىدىغان، ساۋاقداشلىرىنىڭ مازاق قىلىشىدىن قورقىدىغان قىلىپ قويىدۇ، پىسخىكىسىدا ئاسانلا مەسىلە كۆرۈلىدۇ.

3. جىنسىي ئىقتىدارى بالدۇر يېتىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئۈچ چوڭ سەۋەب.

1) سېمىزلىك

كۆپلىگەن تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشىچە، تېنى سېمىز ياكى ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن بالىلار جىنسىي ئىقتىدارى بالدۇر يېتىلىش كېسەللىكىگە تېخىمۇ ئاسان گىرىپتار بولىدىكەن. ھازىرقى زامان ئائىلىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي شارائىتى بىر قەدەر ياخشى، ئاساسىي جەھەتتىن كۆپ ساندىكى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا ياغدا پىشۇرۇلغان زىخلىق يېمەكلىكلەر ياكى كاۋاپ ئېلىپ بېرىشنى ياخشى كۆرىدۇ، لېكىن بۇ يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا، بالىلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى بەك تېز ئېشىپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن سېمىزلىك ياكى جىنسىي ئىقتىدارى بالدۇر يېتىلىش كېلىپ چىقىدۇ.

2) يېمەك-ئىچمەكنى، گۆش تۈرىدىكىلەرنى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلىش.

مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر مەززىلىك پۇراپلا قالماي، چۈرۈك ۋە يېيىشلىك بولىدۇ. بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا گۆشنى كۆپ يېگۈزۈپ بويىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، دائىم بالىلىرىغا گۆشنى قاقلاپ ياكى قىزارتىپ پىشۇرۇپ بېرىشنى ياخشى كۆرىدۇ، نەتىجىدە بالىلار بارغانسېرى تاماق تاللايدىغان، كۆكتاتلارغا ئېغىز تەگمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. لېكىن، بالىلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك قۇرۇلمىسىدا گۆشلۈك ۋە گۆشسىز يېمەكلىكلەرنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش كېرەك، ئەگەر تاماق تاللاپ، ھەمىشە گۆش يېيىشنى ياخشى كۆرسە، ئانىلىق ھورمۇننىڭ كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، جىنسىي ئىقتىدارى زىيادە بالدۇر يېتىلىش كېلىپ چىقىدۇ.

3) تور مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش

بۇ تورلاشقان دەۋر بولۇپ، ئاساسىي جەھەتتىن بالىلار تور دۇنياسىغا كىرسىلا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرگە ئېرىشەلەيدۇ، بولۇپمۇ سىرلىق تۇيغۇغا تولغان ياكى چوڭلارغا ماس كېلىدىغان كىنو ياكى سۈرەتلەرگە ئېرىشەلەيدۇ، بۇنداق يازما، سىن كۆرۈنۈشلىرى بالىلارنىڭ جىنسىي بەز ھورمۇنىنىڭ ئاجرىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى جىنسىي ئىقتىدارى بالدۇر يېتىلىشكە ئۆزگىرىدۇ.

3. تۆۋەندىكى بۇ بىر نەچچە خىل «جىنسىي ئىقتىدارىنىڭ بالدۇر يېتىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان» يېمەكلىكلەر توغرىسىدىكى قاراشلارنىڭ ھەممىسى پىتنە-ئىغۋا.

بالدۇر يېتىلىپ قالغان بالىلاردىكى ئالامەتلەر ۋە ئۇنىڭ زىيىنى

1. پۇرچاق سۈتىدە ھورمۇن بار بولۇپ، ئاسانلا بالدۇر يېتىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

نۇرغۇن كىشىلەر پۇرچاق سۈتىنىڭ تەركىبىدە ئانىلىق ھورمۇن بار، بالىلار كۆپ ئىستېمال قىلسا بەدەندىكى ھورمۇن قالايمىقانلىشىپ، جىنسىي ئىقتىدارى بالدۇر يېتىلىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، پۇرچاق سۈتى ھورمۇنى ئانىلىق ھورمۇن ئەمەس، بەلكى ئۆسۈملۈك ھورمۇنى بولۇپ، ئادەم بەدىنى ھورمۇنىنى تەڭشەش رولىنى ئوينايدۇ، بالدۇر يېتىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ.

2. ھەسەلدە ھايۋانات جىنسىي ھورمۇنى بار، جىنسىي ئىقتىدارى بالدۇر يېتىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

دائىم ھەسەل سۈيى ئىچىش تېرە، ئاشقازان- ئۈچەيگە پايدىلىق، ئەمما ئاتا-ئانىلارنىڭ ئەنسىرەيدىغىنى، ھەسەلنىڭ تەركىبىدىكى ھايۋانات ھورمۇنى، لېكىن ئەمەلىيەتتە بۇ توغرىسىدا ھېچقانداق تەتقىقات ئىسپاتى يوق. شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، گۈل چېڭىدا ئۆسۈملۈك ھورمۇنى بولىدۇ، لېكىن بۇ ئانىلىق ھورمۇن بىلەن ئوخشاش بولمىغان ھورمۇن. شۇڭا ھەسەل جىنسىي ئىقتىدارى بالدۇر يېتىلىپ قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دېگەن قاراش پىتنە-ئىغۋاغا كىرىدۇ.

بالدۇر يېتىلىپ قالغان بالىلاردىكى ئالامەتلەر ۋە ئۇنىڭ زىيىنى

3. مايدا پىشۇرۇلغان توخونى كۆپ يېسە، جىنسىي ئىقتىدارى بالدۇر يېتىلىپ قالىدۇ.

بەزى كىشىلەر بىز ئەڭ ياخشى كۆرۈپ يەيدىغان ياغدا پىشۇرۇلغان توخو گۆشىدە ھورمۇن بار دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ توخولار 42 كۈندىن كېيىن كاتەكتىن چىقىدۇ، ئارتۇق ھورمۇن بىلەن يېتىلىشنى تېزلىتىش ھاجەتسىز. ئەمما، بالىلار دائىم مايدا پىشۇرۇلغان توخو گۆشى يېگەندە، جىنسىي ئىقتىدارى بالدۇر يېتىلىش تېخىمۇ ئاسان يۈز بېرىدۇ، ئەمما، توخو گۆشى جىنسىي ئىقتىدارى بالدۇر يېتىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دېگەن بۇ قاراش بەك بىر تەرەپلىمە قاراش بولۇشى مۇمكىن.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى