يېمەك-ئىچمەك

تولۇق مايلىق سۈت ئىچكەندە بالىلار ئاسان سەمىرىپ كەتمەيدىكەن

كانادا تورونتو ساينت مايكېل دوختۇرخانىسىنىڭ بالىلار كېسەللىكلىرى دوختۇرى يەتتە دۆلەتنىڭ 28 تۈرلۈك تەتقىقاتىنى تەھلىل قىلىپ (بىر ياشتىن 18 ياشقىچە بولغان 21 مىڭ بالىغا چېتىلىدۇ)، بالىلارنىڭ سۈت ئىچىش ئەھۋالى بىلەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش ياكى سېمىزلىك خەۋپى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، تۆۋەن مايلىق سۈت ئىچكەن بالىلارغا سېلىشتۇرغاندا، تولۇق مايلىق سۈت ئىچكەن بالىلارنىڭ ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش ياكى سېمىزلىك نىسبىتىنىڭ %40 تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.

بۇ بايقاش كانادا ۋە خەلقئارانىڭ كۆرسەتكۈچىگە قارىتا گۇمانىي سوئالنى ئوتتۇرىغا قويدى، كۆرسەتكۈچتە بالىلارنىڭ سېمىزلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن بالىلارغا ئىككى يېشىدىن باشلاپ تۆۋەن مايلىق سۈت ئىچكۈزۈش، تولۇق مايلىق سۈت ئىچۈزمەسلىك تەكلىپى بېرىلگەن. لېكىن بۇ تەكلىپ بويىچە ئىككى ياش ۋاقتىدىن باشلاپ تۆۋەن مايلىق سۈت ئىچكەن بالىلار ھەرگىزمۇ تولۇق مايلىق سۈت ئىچكەن بالىلاردىن ئورۇق بولمىغان. تەتقىقاتچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تولۇق مايلىق سۈت ئىچىش بىلەن ئېغىرلىق ياكى سېمىزلىك خەۋپىنى تۆۋەنلىتىشنىڭ باشقا ئامىللىرى مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى