يېمەك-ئىچمەك

ئەقىللىق بالا بۇ ئالتە خىل يېمەكلىك يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ

ئادەم نېمە يېسە ئەقىللىق بولىدۇ؟ قايسى يېمەكلىكلەر چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؟ بۈگۈن بىز ئەتراپىمىزدا دائىم ئۇچرايدىغان بەزى يېمەكلىكلەرنى يەكۈنلەپ، كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە قانداق نەرسە يېسە مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ دېگەن مەسىلىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتەيلى.

ئەقىللىق بالا بۇ ئالتە خىل يېمەكلىك يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ

1. كۆكچېچەك

كۆكچېچەك تەركىبىدىكى ۋىتامىن C نىڭ مىقدارى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئادەمنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، جىگەرنىڭ زەھەر قايتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ۋىتامىن C نىڭ يەنە ئەركىن رادىكاللارنى تازىلاش رولىمۇ بار، بولۇپمۇ راك پەيدا قىلغۇچى ماددا-نىترىتنىڭ شەكىللىنىشىنى توسۇش رولى بار.

ئەقىللىق بالا بۇ ئالتە خىل يېمەكلىك يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ

2. ياڭاق

ياڭاق تەركىبىدىكى فوسفاتىد مېڭە نېرۋىلىرىنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاش رولىنى ئوينايدۇ. ياڭاق مېيى تەركىبىدە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى بولۇپ، ئارتېرىيە قېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىگە. ياڭاق مېغىزى تەركىبىدە سىنك، مانگان، خروم قاتارلىق ئادەم بەدىنىدە كەم بولسا بولمايدىغان مىكرو ئېلېمېنتلار بار. ياڭاق مېغىزىنىڭ يۆتەلنى توختىتىش، دەم سىقىلىشنى پەسەيتىش رولىمۇ ناھايىتى روشەن بولۇپ، قىش پەسلىدە سوزۇلما خاراكتېرلىك كاناي ياللۇغى ۋە زىققا كېسىلىنى داۋالاش ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ.

ئەقىللىق بالا بۇ ئالتە خىل يېمەكلىك يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ

3. مالىنا

ئانتوسىئانىن چوڭ مېڭىنىڭ گلۇكوزىغا بولغان پايدىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، تەبىئىي مالىنا سىئانىدىن ئەڭ ئۈنۈملۈك ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددا ھېسابلىنىدۇ. ئۇ قېرىش، راك ۋە يۈرەك كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. مالىنا بارلىق كۆكتات، مېۋىلەرنىڭ ئىچىدە ناھايىتى يۇقىرى ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە مېۋە بولۇپ، مېڭە كۈچىنى ئاشۇرىدۇ ۋە بالدۇر قېرىش خاراكتېرلىك دېۋەڭلىك كېسىلىنى ئازايتىدۇ.

ئەقىللىق بالا بۇ ئالتە خىل يېمەكلىك يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ

4. تۇخۇم

تۇخۇم تەركىبىدە DHA ۋە لېتسىتىن مول بولۇپ، نېرۋا سىستېمىسى ۋە بەدەننىڭ يېتىلىشىگە پايدىلىق، مېڭىنى ساغلاملاشتۇرىدۇ، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ ھەمدە جىگەر ھۈجەيرىلىرىنىڭ قايتا ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئەقىللىق بالا بۇ ئالتە خىل يېمەكلىك يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ

5. تۇننۇس بېلىقى

تۇننۇس بېلىقىدا ئاقسىل، ياغ، ۋىتامىن D مول بولۇپ، كالتسىي، فوسفور ۋە تۆمۈر قاتارلىق مىنېرال ماددىلارنىڭ مىقدارىمۇ بىرقەدەر يۇقىرى. تۇننۇس بېلىقىنىڭ دۈمبىسىدە زور مىقداردا EPA بولىدۇ، ئالدىنقى ئوتتۇرا قورساق قىسمىدا مول DHA بولىدۇ. بۇ بېلىقنىڭ تەركىبىدىكى DHA نىڭ نىسبىتى بېلىقلار ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، مېڭىنى ساغلاملاشتۇرىدىغان ئەڭ ياخشى يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ.

ئەقىللىق بالا بۇ ئالتە خىل يېمەكلىك يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ

6. قېتىق

قېتىق سۈتنىڭ بارلىق ئوزۇقلۇق تەركىبلىرىنى ساقلاپ قالغاندىن سىرت، ئېچىتىش جەريانىدا سۈت كىسلاتا باكتېرىيىلىرى ئادەم بەدىنى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان كۆپ خىل ۋىتامىنلارنى ھاسىل قىلىدۇ. كۆپ خىل تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، قېتىق قاتارلىق تەركىبىدە پايدىلىق باكتېرىيە بولغان يېمەكلىكلەر چوڭ مېڭىنىڭ ھوشيارلىقىنى ئاشۇرىدىكەن.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى