ساغلاملىق

بەش ياشلىق ئوغۇل بالىنىڭ جىگىرىنى ماي قاپلاپ كەتتى، بۇ نېمە ئىش؟

جىگەر

تىپتىنىچ كېسەلخانىغا ئالاھىدە بىمار كەلدى، «ئاپا، ئوكۇل ئۇرغۇزمايمەن! كېسەل كۆرسەتمەيمەن!» دەپ ھۆڭرەپ يىغلاۋاتقان نيۇ نيۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

بەش ياشقىمۇ توشمىغان نيۇ نيۇ جىخۇادىن كەلگەن بولۇپ، بوي ئىگىزلىكى 120 سانتېمىتىر، ئېغىرلىقى 62 جىڭ كېلىدۇ. بىر ئاي ئىلگىرى، نيۇ نيۇ يەسلىدىكى بەدەن سالامەتلىكنى تەكشۈرتىشتە جىگەر ئىقتىدارىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى ئېنىقلانغاندىن كېيىن، ئوقۇتقۇچىسى ئاتا-ئانىسىغا دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ داۋالىتىشنى ئۇقتۇرغان. بىراق بىر ئايدىن بۇيان مۇناسىۋەتلىك كۆرسەتكۈچلەر چۈشمىگەچكە، يەرلىك دوختۇرخانا ئامالسىز ئۇلارنى خاڭجۇ شەھەرلىك شىشى دوختۇرخانىسىغا يۆتكەشكە بۇيرىغان.

جىگەر كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى ۋۇرۈي نيۇ نيۇنى داۋالاپ، بىر قاتار تەكشۈرۈپ چىققاندىن كېيىن جىگەر ئىقتىدارىنىڭ نورمالسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان باش جىنايەتچىنىڭ جىگەرنى ماي قاپلاش ئىكەنلىكىنى بايقىدى.

كىچىككىنە بالىنىڭ جىگىرىنى قانداق بولۇپ ماي قاپلاپ كەتتى؟

نيۇ نيۇنىڭ ئاپىسى خىزمىتىنىڭ ناھايىتى ئالدىراش ئىكەنلىكىنى، مۇشۇ سەۋەبتىن نيۇ نيۇنىڭ تاماق مەسىلىسىگە ئانچە كۆڭۈل بۆلەلمەي قالىدىغانلىقىنى، ئوغلىنىڭ بۇدرۇققىنە ھالىتىگە قاراپ كۆپ تاماق يېسىلا ياخشى دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتقان. نيۇ نيۇنىڭ تامىقى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، ئادەتتە بىر كۈندە تۆت-بەش ۋاخ تاماق يەيدىكەن، ھەر قېتىملىق تاماق مىقدارى چوڭلارنىڭكى بىلەن ئانچە كۆپ پەرقلەنمەيدىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، نيۇ نيۇ ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى بەك ياخشى كۆرىدىكەن بولۇپمۇ توخو پاچىقى، بەرەڭگە قەلەمچىسى قاتارلىق مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرگە بەك ئامراق ئىكەن.

بەش ياشلىق ئوغۇل بالىنىڭ جىگىرىنى ماي قاپلاپ كەتتى، بۇ نېمە ئىش؟

سەي-كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەر بىلەن پەقەتلا خوشى يوق ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە نيۇ نيۇ ھەرىكەت قىلىشنى ياقتۇرمىغاچقا بەدەن ئېغىرلىقى ھەددىدىن زىيادە ئېشىپ كەتكەن ئىكەن. بالنىستتا ياتقان مەزگىلدە، نيۇ نيۇ ياتاققا بىر مۇنچە ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى ئەكىرگەن، دوختۇر ۋۇرۈي نيۇ نيۇغا ۋە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىغا بۇنداق قىلسا سالامەتلىكىگە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرگەن.

ئون كۈن داۋالىغاندىن كېيىن، نيۇ نيۇنىڭ جىگەر ئىقتىدارى ئەسلىگە كېلىپ دوختۇرخانىدىن چىققان. نيۇ نيۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىلگىرى قىلغانلىرىغا پۇشايمان قىلغانلىقنى، بۇنىڭدىن كېيىن نيۇ نيۇنىڭ يېمەك-ئىچمىكىگە دىققەت قىلىدىغانلىقىنى، ئۆز مەيلىگە قويۇپ بەرمەيدىغانلىقنى بىلدۈرگەن.

جىگەر كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى فۇ شىياۋچىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جىگەرنى ماي قاپلاپ كېتىش كېسىلى جۇڭگولۇقلارنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر تەھدىت سېلىپ، ۋىرۇسلۇق جىگەر ياللۇغىدىن قالسىلا ئىككىنچى چوڭ جىگەر كېسىلى بولۇپ قاپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بارغانسېرى كېسەل بولۇش يېشى ياشلىشىشقا قاراپ مېڭىۋىتىپتۇ. نورمال ئادەمنىڭ جىگەر توقۇلمىسىدا ئاز مىقداردا ترىگلىتسېرىد، فوسفاتىد، گلىكولىپىد، بىلىفلاۋىن خولېستېرىن قاتارلىق ياغلار بولىدىكەن. بۇلارنىڭ ئېغىرلىقى جىگەر ئېغىرلىقىنىڭ تەخمىنەن %3-%5ىگە توغرا كېلىدىكەن. ئەگەر جىگەردە ياغ بەك كۆپ يىغىلىپ قېلىپ، جىگەر ئېغىرلىقىنىڭ %5ىدىن ئېشىپ كەتسە ياكى جىگەر توقۇلما ھۈجەيرىسىنىڭ %50ىدىن كۆپرەكىدە ياغ ئۆزگىرىشى بولسا، بۇ جىگەرنى ماي قاپلاش دەپ ئاتىلىدىكەن.

بەزى ناچار تۇرمۇش ئادىتى ۋە ئىلمىي ئوزۇقلانماسلىق جىگەرنى ماي قاپلاپ كېتىش كېسىلىنىڭ قوزغىلىشى بىلەن زىچ مۇناسۋەتلىك. بەختكە يارىشا نيۇ نيۇنىڭ جىگەرنى ماي قاپلاش دەرىجىسى ئانچە ئېغىر ئەمەس بولغاچقا دىياگنوز قويغان ۋاقىتتىلا داۋالانسا، ئۇنىڭدىن باشقا يېمەك-ئېچمەك، تۇرمۇش ئادىتىنى ياخشىلىسىلا جىگەر ئىقتىدارىنى ئاستا-ئاستا ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدىكەن.

فۇ مۇدىر: «ھازىر تۇرمۇش سەۋىيەسى يۇقىرى، بالىلار ھەرقانداق نەرسىنى يېيەلەيدۇ. بىراق ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا بولغان مۇھەببىتى زىيانكەشلىككە ئايلىنىپ قالسا بولمايدۇ. شۇڭا بالىلارنىڭ يېمەك-ئىچمىكىنى كونترول قىلىش كېرەك. ئەگەر ئۆيدە <بودەك>لەر بار بولسا، ئۇلارنىڭ بەدەن كۆرسەتكۈچىگە يەنى جىگەر كۆرسەتكۈچى قاتارلىقلارغا دىققەت قىلىش، بىرەر مەسىلە كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرتۈش كېرەك.» دېدى.

ئۇنىڭدىن باشقا، فۇ مۇدىر يەنە بالىلارنى ساغلام ئوزۇقلاندۇرۇشتا بالىلارغا سۈت، بېلىق، پۇرچاق تۈرىدىكى ئاقسىل مىقدارى كۆپ يېمەكلىكلەرنى بېرىش كېرەكلىكىنى، ئادەتتە ۋىتامىننىڭ تولۇقلىنىشىغىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەكلىكىنى، بولۇپمۇ ۋىتامىن B، ۋىتامىنC لارنىڭ تولۇقلىنىشىغا دىققەت قىلىش، قەنت مىقدارى تۆۋەن بولغان كەرەپشە، پەلەك، يېسىۋېلەك، تەرخەمەك، تەكىيە كاۋىسى قاتارلىق سەي-كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەرنى كۆپ يېيىش، مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى، قەنت مىقدارى يۇقىرى ئېچىملىكلەرنى ئاز يېيشنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە بالىلاردىكى تاماق تاللاش، ئىشتىھاسىزلىق مەسىلىلىرىنى تۈزەش، بالىلارنىڭ بەدەن ئېھتىياجىغا ئاساسەن مۇۋاپىق يېمەك-ئىچمەكنى تەڭشەش كېرەكلىكىنى، بالىلارنىڭ ھەرىكەت مىقدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلار بىلەن ھەرىكەت قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى.

ساغلام تۇرمۇش ئادىتىنى بالا ۋاقتىدىن باشلاپ تۇتۇش، بالىلارنىڭ ساغلاملىقىنى باشلىنىش نۇقتىسىدىلا ئۇتتۇرۇپ قويماسلىق كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۈنۇپكىسى