يېمەك-ئىچمەك

بالىلارنى ئەقىللىق قىلىدىغان بەش خىل يېمەكلىك

بالىلارنى ئەقىللىق قىلىدىغان بەش خىل يېمەكلىك

ئادەم ئېھتىياجلىق بولغان ئاساسىي ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ ھەممىسى يېمەكلىكلەردىن كېلىدۇ، گەرچە ئادەم بەدىنى سىنتېزلاش رېئاكسىيەسى ئېلىپ بارالىسىمۇ، لېكىن ئاساسىي ئوزۇقلۇق كەم بولسا بەدەن نورمال ھەرىكەت قىلالمايدۇ، نورمال كىشىلەر پەقەت تاماق تەڭپۇڭلۇقىنى ياخشى ساقلاپ، يېمەكلىك ئارقىلىق ئوزۇقلۇقنى تەڭشىسىلا بولىدۇ، لېكىن ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدىكى بالىلارغا نىسبەتەن ئۇلارنىڭ ئوزۇقلۇققا بولغان ئېھتىياجى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ، چۈنكى بالىلار بەدىنىنىڭ نورمال ھەرىكىتىنى ساقلاپلا قالماستىن، يەنە ئۆسۈپ يېتىلىشكە كېتەرلىك ئوزۇقلۇقلارغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، مەيلى ئائىلە شارائىتى قانچىلىك نامرات بولسۇن، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدە، ئاتا-ئانىلار بالىلارغا بۇ بەش خىل يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك بېرىش كېرەك.

بالىلارنى ئەقىللىق قىلىدىغان بەش خىل يېمەكلىك

1.دادۇر

دادۇر ئادەمنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ، سويا پۇرچاقنىڭ تەركىبىدە زور مىقداردا لېتسىتىن بار بولۇپ، ئۇ ئادەم بەدىنىدىكى كۆپ قىسىم ھۈجەيرىلەرنىڭ ئاساسىي قۇرۇلما ماددىسى ھېسابلىنىدۇ، يېتىلىش مەزگىلىدىكى بالىلارنىڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشى ناھايىتى تېز بولۇپ، مۇۋاپىق مىقداردا لېتسىتىن تولۇقلاپ بەرگەندە، نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئاكتىپلىقىنى كۈچەيتىپ، چوڭ مېڭىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆسۈشى ۋە يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا بالىلارنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ئاشىدۇ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا دائىم ئۇچرايدىغان تەركىبىدە لېتسىتىن مول بولغان يېمەكلىكلەردىن يەنە تۇخۇم، ئارپا ئۈندۈرمىسى، يەرياڭىقى، كۈنجۈت ۋە ياڭاق قاتارلىقلار بار.

بالىلارنى ئەقىللىق قىلىدىغان بەش خىل يېمەكلىك

2.سۈت
ئاقسىل ئادەم بەدىنىدىكى ئاساسلىق ماددا، ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرە يادروسى ۋە گېننىڭ ھەممىسى ئاقسىلنىڭ ئاساسىي تۈزۈلۈشى ئامىنو كىسلاتاسىدىن تەركىب تاپقان بولىدۇ، ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدىكى بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ ھەرىكىتى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، كۆپ مىقداردا ئاقسىل تولۇقلاشقا توغرا كېلىدۇ، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئاقسىل ئادەم بەدىنىنىڭ يېتىلىشىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا تەركىبىدە ئاقسىل مول بولغان يېمەكلىكلەر خېلىلا كۆپ، يېتەرلىك ئاقسىل تولۇقلاش ئۈچۈن پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر، سۈت، بېلىق قاتارلىقلارنى كۆپرەك يەپ بېرىش لازىم.

بالىلارنى ئەقىللىق قىلىدىغان بەش خىل يېمەكلىك

3.سالمون بېلىقى
شارائىتى بار ئائىلىلەر بالىلارنى سالمون بېلىقى قاتارلىق بېلىقلارنى كۆپرەك يېگۈزسە ئىنتايىن پايدىلىق، شارائىتى ئادەتتىكىچە ئائىلىلەر بالىلىرىغا ياڭاق، يەرياڭىقى، زىغىر مېيى قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك بېرىش لازىم، بۇ خىلدىكى يېمەكلىكلەر تەركىبىدە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى كۆپ بولۇپ، بالىلارنىڭ مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ يېتىلىشىدە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ، بۇ يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېگەندە ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ئاشىدۇ.

بالىلارنى ئەقىللىق قىلىدىغان بەش خىل يېمەكلىك

4. پالەك
پالەك تەركىبىدىكى تۆمۈر ئېلمىنىتى خېلىلا كۆپ، تۆمۈر ئادەم بەدىنىدىكى قان بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، بەدەندە تۆمۈر ئېلمىنىتى كەمچىل بولسا ئاسانلا قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى يېتەرلىك بولمايدۇ ھەمدە بەدەننىڭ ئوكسىگېن ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلارنى توشۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ، ئاقىۋەتتە پۈتۈن بەدەننىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يېتىدۇ، تۆمۈر ئېلېمېنتىنى مۇۋاپىق تولۇقلاش چوڭ مېڭىنىڭ نورمال يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

بالىلارنى ئەقىللىق قىلىدىغان بەش خىل يېمەكلىك

5.موگۇ
پۇراقلىق موگۇنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن B مول بولۇپ ، ۋىتامىن B ئادەم بەدىنىدە كەم بولسا بولمايدىغان ماددا، ئۇ ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشى ۋە نېرۋا سىستېمىسىنىڭ نورمال خىزمەت قىلىشىدا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، ۋىتامىن Bنى كۆپرەك تولۇقلىسا ھۈجەيرىلەرنىڭ چېكىنىشىنىڭ، ھۈجەيرىلەرنىڭ ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، كۆپ ئۇچرايدىغان تەركىبىدە ۋىتامىن B مول بولغان يېمەكلىكلەردىن يەنە توخو جىگىرى، بېلىق، بۇغداي ئۈندۈرمىسى قاتارلىقلار بار.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى