ساغلاملىق

ئېمىتىش مەزگىلىدىكى دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

چۈش كۆرۈشنىڭ ساغلاملىققا بولغان ئ‍التە چوڭ پايدىسى

تۇنجى قېتىم ئانا بولغاندا، ھەر قانداق ياش ئانىلار بالا ئېمىتقش مەسىلىسىدە تېڭىرقاپ قالىدۇ، ئۇنداقتا ئېمىتىش مەزگىلىدە بۇ ئىشلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك:
* سۈت توسۇلغاندا ئىسسىق ئۆتكۈزمەڭ.
تەجرىبىسز ئانىلار سۈتى توسۇلغاندا ئىسسىق ئۆتكۈزۈشنى تاللايدۇ، بىراق بۇنىڭ ئاقىۋىتى ناھايىتق ئېغىر. توغرا ئۇسۇل بولسا سوغۇق ئۆتكۈزۈش، بۇ ئارقىلىك ئىششىپ چىڭقىلىپ، ئاغرىش ئالامىتىنى پەسەيتكىلى بولىدۇ.
سۈت توسۇلۇشنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدە كۆكسىدە مونەك پەيدا بولسا ئەڭ ياخشى ئۇسۇل بالىغا كۆپرەك شورىتىپ، يىغىلىپ قالغان سۈتنى چىقىرىشتۇر. ئەگەر سۈت توسۇلغاندىن كېيىن، قىزىتىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، چوقۇم ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.
*سۈت بېزى ياللۇغى بولغاندا ئېمىتىشنى توختاتماڭ
كۆپىنچە ئانىلار سۈت بېزى ياللۇغى بولغاندا سۈتتە باكتېرىيە بار، بالىنى يۇقۇملاندۇرۇپ قويىدۇ دەپ ئويلاپ، بالىنى ئېمىتمەيدۇ، ئەمەلىيەتتە: بالىنى داۋاملىق ئېمىتىش بالىنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسەتمەيلا قالماستىن، يەنە سۈت بېزى ياللۇغىنىڭ كېڭىيىشىنى توسۇپ، ئانىنىڭ ساقىيىشىغا ياردەم بېرىدۇ.
*ئېمىتىش مەزگىلىدە ئاغرىپ قالسىڭىز چىداپ ئۆتكۈزىۋىتىمەن دېمەڭ
بالىنى ئېمىتىش ئاز بولسا نەچچە ئاي ئۇزاق بولسا بىر ئىككى يىل داۋاملىشىدۇ، ئەگەر ئانا يېنىك دەرىجىدە ئاغرىسا دورا يېمىسىمۇ بولىدىغۇ دەپ سەل قارايدۇ، بەك چىدىمىغاندا ئاۋال ئېمىتىشنى توختىتىپ، ئاندىن دورا يەيدۇ. بىراق ئاغرىغاندا چىداپ ئۆتكۈزىمەن دېمەڭ، دوختۇرغا بالا ئېمىتىۋاتقانلىقىڭىزنى ئېيتسىڭىز ئۇمۇ سىزنىڭ ئەھۋالىڭىزغا تەسىر قىلمايدىغان دورا يېزىپ بېرىدۇ.
بۇنىڭدىن سىرت ئېمىتىش مەزگىلىدە يېمەك ئىچمىكىڭىزگىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ.
ئېمىتىش مەزەگىلىدىكى ئانىلارنىڭ ئوزۇقلىنىشى كۆپ تەرەپلىمىلىك، قۇۋەتلىك بولۇشى، يېغى ۋە تۇزى ئاز بولۇش پىرىنسىپىغا بويسۇنۇشى كېرەك. بالىلار مۇتەخەسسىسىنىڭ ئېيتىشىچە، ئېمىتىش مەزگىلىدىكى ئانىلار قەھۋە ئىچسە بولىدىكەن، بىراق ھەر كۈنى ئىككى ئىستاكاندىن، 200 مىللىلېتىردىن ئاشماسلىقى كېرەك. ئەلۋەتتە قارە چاي ئىچىشمۇ تەشەببۇس قىلىنمايدۇ.
ئوتقا قاقلانغان كاۋاپ، ساماۋەر شورپىسى، مۇچ قاتارلىق غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەرنىمۇ ئەڭ ياخشىسى ئاز يېيىش كېرەك. يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك يېمەكلىكلەر گەرچە يېيىشلىك بولسىمۇ بىراق قۇۋىتى ئۇنچە جىق ئەمەس، شۇنداقلا ئانىنىڭ سۈتىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا ئاز يېيىش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۈنۇپكىسى