ساغلاملىق

بالا ئېمىتىش مۈشكۈل جەڭدۇر: ئانا بولۇشقا تەييارلىقىڭىز پۈتتىمۇ؟

ئېمىش-ئېمىتىش __ ئانا-بالا مۇناسىۋىتىدىكى ئەڭ تەبىئىي ۋە ئەڭ يېقىن ئالاقىدۇر، بەزى ئېمىتىشلەر تولىمۇ ئوڭۇشلۇق بولىدۇ، بەزىلىرى تېزلا مەغلۇپ بولىدۇ، بولۇپمۇ دەسلەپكى باشلىنىشتا، تەجرىبىسىزلىكتىن ھەرخىل ئوڭۇشسىزلىقلار كېلىپ چىقىدۇ.

بالا ئېمىتىش مۈشكۈل جەڭدۇر: ئانا بولۇشقا تەييارلىقىڭىز پۈتتىمۇ؟

بۇمۇ نورمال، ھەممە ئىشلار ئالدىرىماي بولىدۇغۇ، بالا ئېمىتىش مەسىلىسنىمۇ ھەل قىلغىلى بولىدۇ، تۇيۇقسىز مەسىلە كېلىپ چىققاندا، ئانىلار خىجىل بولۇش پىسخىكىسىنى قويۇپ، ئەڭ تېز سۈرئەتتە دوختۇر ياكى سېستىرادىن مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ، شۇنچىلىك ئاسان.

بالا ئېمىتىش مۈشكۈل جەڭدۇر: ئانا بولۇشقا تەييارلىقىڭىز پۈتتىمۇ؟

لېكىن، بالا ئېمتىش مۈشكۈل بىر جەڭدۇر! بۇ جەڭگە ئاتلىنىپلا نۇرغۇنلىغان توسالغۇلارغا ئۇچرايدۇ…سەللا ئېھتىيات قىلمىسا مەغلۇپ بولۇشى تۇرغانلا گەپ.

بالا ئېمىتىش مۈشكۈل جەڭدۇر: ئانا بولۇشقا تەييارلىقىڭىز پۈتتىمۇ؟

سۈنئىي ئانا سۈتى پاراشوكىنىڭ قانداق خەتىرى بار؟

سوسكا، ئېمىزگىلەرنىڭ يوچۇق ۋە ئېرىقچىسى بىر قەدەر كۆپ، يۇيۇش ۋە دېزىنفېكسىيە قىلىش تەس، ئاسانلا مەينەت بولۇپ، كىر قالدۇقلىرىغا توشۇپ قالىدۇ، مىكرو ۋە باكتېرىيەلەرنىڭ كۆپىيىشىگە قولايلىق يارىتىلىپ، بوۋاقنىڭ ئىچى سۈرۈش خەۋپىنى ئاشۇرىدۇ. سوسكا، ئېمىزگىلەرنىڭ ماتېرىيالى سۈنئىي بىرىكتۈرۈلگەن ماددىلاردىن ياسالغان بولغاچقا، يوشۇرۇن خەۋپ ساقلانغان. غەربتىكى تەرەققىي تاپقان نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھەتتا ئەڭ پاكىز، مىكروبسىز شارائىتتا تەڭشەلگەن پاراشوكمۇ مەڭگۈ ئانا سۈتىنىڭ تازىلىق ئۆلچىمىگە يېتىپ بولالمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بوۋاقلارنى ئاسانلا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر، زىققا، مېڭە پەردە ياللۇغى، سېمىزلىك ۋە دىئابېت كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار قىلىپ قويىدۇ. ئانا سۈتى مەڭگۈگە ئەڭ ياخشى تاللىشىڭىزدۇر!

بالا ئېمىتىش مۈشكۈل جەڭدۇر: ئانا بولۇشقا تەييارلىقىڭىز پۈتتىمۇ؟

بالام تۇغۇلدى، لېكىن مەندە سۈت يوق، قانداق قىلىمەن؟

ئەمەلىيەتتە، ئانا سۈتى دېگەن بالا ئانا تېنىدىن ئايرىلغان ئاشۇ دەقىقىدە پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ. بۇ جەريان خۇددى بىر ۋىكليۇچاتېلدەك كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە سۈت ئاجرىتىپ چىقىرىش مۇساپىسى باشلىنىپ كېتىدۇ. ئەمما سۈت ئاجرىتىپ چىقىرىشقا بىر تەبىئىي جەريان بار، ئاستا-ئاستا كېلىش كېرەك. دېمەك، ھەر بىر ئانىدا سۈت بار. پەقەت بالا كۆپ ئېمىپ بەرگەندىلا قورسىقىنى تويغۇزالايدۇ.

(ئانا سۈتىنى قانچە كۆپ ئەمگەنسېرى شۇنچە كۆپ ھاسىل بولىدۇ.)

بالا ئېمىتىش مۈشكۈل جەڭدۇر: ئانا بولۇشقا تەييارلىقىڭىز پۈتتىمۇ؟

ئانا سۈتى ئانىنىڭ يېگەنلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟ ئانا سۈتىنىڭ كۆپىيىشىگە پايدا قىلىدىغان دورا ياكى يېمەكلىك بارمۇ؟

سۈتنىڭ ئاز-كۆپلىكى ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ سۈت تەڭپۇڭلۇقىغا يۈزلىنىش پىرىنسىپىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بوۋاقنىڭ ئېمىشى قانچە كۆپ بولسا، ئانىنىڭ مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى تېخىمۇ كۆپ ھورمون بىلەن سۈت ئاجرىتىپ چىقىرىشقا تۈرتكە بولىدۇ.

ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، سۈتنى بالا قانچە كۆپ ئەمسە، شۇنچە كۆپ پەيدا بولىدۇ. ئەگەر ئانىسىدا ئېغىر دەرىجىدىكى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك كۆرۈلمىسىلا، نورمال ۋە ساغلام يېمەك-ئىچمەك ئەندىزىسىدە چىڭ تۇرغان ئانىغا نىسبەتەن ھەرگىزمۇ كۆپرەك ياكى ئازراق يەپ قويغانغىلا سۈتنىڭ كۆپ ياكى ئاز بولۇشىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.

كىلىنكىدا، ھەقىقەتەن بەزى دورىلار ئارقىلىق سۈت مىقدارىنى ئاشۇرۇشقا بولىدۇ، لېكىن بۇمۇ دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلغان ئاساستا ئېلىپ بېرىلىدۇ.

 

بالا ئېمىتىش مۈشكۈل جەڭدۇر: ئانا بولۇشقا تەييارلىقىڭىز پۈتتىمۇ؟

ئانا سۈتى سۇدەك سۇيۇق بولسا ئوزۇقلۇق يوقلىقىدىن دېرەك بېرەمدۇ؟

ھەرگىزمۇ ئۇنداق بولمايدۇ. سۇدەك سۇيۇق سۈت دەسلەپكى سۈتتۈر. ئوخشاش بولمىغان باسقۇچتا، يەنى بوۋاق يېڭىلا تۇغۇلغاندىكى ئوغۇز سۈتىدىن باشلاپ، پىشىپ يېتىلگەندىكى ئانا سۈتىگىچە، سۈتنىڭ تەركىبى ئوخشاش بولمايدۇ؛ ھەتتا ھەر قېتىملىق ئېمىتىشتىمۇ ئانا سۈتىنىڭ تەركىبى ئوخشاشمايدىغان بولىدۇ. دەسلەپكى سۈتنىڭ تەركىبىدە مول مىقداردا سۈت قەنتى بار بولۇپ، بوۋاقلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ كېيىنكى سۈت ئېنىرگىيە ۋە ئاقسىل بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇمۇ دەل ئانا سۈتىنىڭ خىسلەتلىك تەرىپىدۇر، ئانىنىڭ بەدىنى بوۋاقنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتا ئاپتوماتىك تەڭشىلىپ تۇرىدۇ.

بالا ئېمىتىش مۈشكۈل جەڭدۇر: ئانا بولۇشقا تەييارلىقىڭىز پۈتتىمۇ؟

مەلۇم مەزگىلگىچە ساقلىنىپ تۇرغاندىن كېيىن، ئانا سۈتىدە ئوزۇقلۇق قالمايدىغان ئەھۋال كۆرۈلەمدۇ؟

ياق. بىز دەۋاتقان ئانا سۈتىنىڭ ئوزۇقلۇق مەسىلىسى ئانا سۈتىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىنىلا كۆرسىتىپ قالماي، يەنە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئانا سۈتى تەركىبىدىكى يۇقۇملىنىشقا قارشى فاكتور ۋە ھەر خىل ئىممۇنىتېتلىق فاكتورنىڭ ساغلاملىق قىممىتىنىمۇ كۆزدە تۇتىدۇ. ئانا سۈتىدە ھەر خىل ئىممۇنىتېتلىق ئاكتىپ ئامىل بار، ھەرگىزمۇ بالىنىڭ چوڭ بولىشىغا ئەگىشىپ ساغلاملىق ئەھمىيىتىدىن ئايرىلىپ قالمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، توڭلىتىپ ساقلانغان ئانا سۈتى ئېرىگەندىن كېيىن يەنىلا بالىلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك يېمەكلىكى بولالايدۇ. ئانا سۈتىنىڭ توڭىنى ئېرىتكەندە، قاتلامغا بۆلۈنۈش ھادىسىسى (چۆكمىلىشىش-سۈزۈلۈش) كۆرۈلۈشى مۇمكىن، بۇ نورمال ھادىسە بولۇپ، تەكشى چايقىغاندىن (دۇغلاشتۇرغاندىن) كېيىن بالىغا ئىچۈرۈشكە بولىدۇ.

سۈت كەلتۈرگۈچى ياكى تۇغۇت باققۇچى بولسىلا سۈت كەلتۈرگىلى بولمايدۇ.

نۇرغۇن سۈت كەلتۈرگۈچى ياكى تۇغۇت باققۇچىنىڭ «سۈت كەلتۈرۈش مۇلازىمىتى» ئەمەلىيەتتە پەقەت بىر ئۇۋۇلاش ئارقىلىق سۈت بېزىنى راۋانلاشتۇرۇش ئۇسۇلدۇر، سۈتنىڭ مىقدارىغا قىلچىلىك تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.

سۈت مىقدارىنى ئاشۇرۇشتىكى ھەقىقىي توغرا ئۇسۇل:

كەسپىي خادىملارنىڭ يېتەكچىلىكىدە، توغرا بولغان ئېمىتىش ئۇسۇلىنى ئىگەللەپ، بالىنى ئېمىتىش ئارقىلىق سۈت بېزىدىكى سۈتنى پاكپاكىز ئېمىپ تۈگىتىش ھەمدە پرولاكتىننى غىدىقلاش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ سۈت ئاجرىلىپ چىقىشىغا تۈرتكە بولۇش.

بالا ئېمىتىش مۈشكۈل جەڭدۇر: ئانا بولۇشقا تەييارلىقىڭىز پۈتتىمۇ؟

ھەيز مەزگىلىدە بالىنى ئېمىتىشكە بولامدۇ؟

بەزى كىشىلەر ھەيز مەزگىلىدىكى ئانا سۈتى زەھەرلىك بولىدۇ دېيىشىدىكەن، ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەپقاشتى سۆزلەر بولۇپ، ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسى يوق، بىمەنە پاراڭلاردۇر.

ئانا سۈتىنىڭ تەركىبى بالىنىڭ چوڭ بولىشىغا ئەگىشىپ توختىماشتىن ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، ھەيز كېلىشى ئاياللىق ھورمون سەۋىيىسىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن بولۇپ، ئانا سۈتىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى بىلەن قىلچە مۇناسىۋەتسىز. ھەيزنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە بەزى ئانىلارنىڭ سۈتىنىڭ تەمىدە بىرئاز ئۆزگىرىش كۆرۈلۈشى مۇمكىن، ئەمما بۇمۇ ۋاقىتلىق ئەھۋالدۇر. شۇڭا ھەيز مەزگىلىدە بالىنى يەنىلا نورمال ئېمىتىشكە بولىدۇ.

بالا ئېمىتىش مۈشكۈل جەڭدۇر: ئانا بولۇشقا تەييارلىقىڭىز پۈتتىمۇ؟

ئانا سۈتىنىڭ يېتەرلىك بولىشىغا قانداق كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؟

بالىنىڭ قورسىقى ئاچقاندا ياكى ئانىنىڭ كۆكسى چىڭقالسىلا ئېمىتىشكە بولىدۇ، چۈنكى ئانا سۈتى بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇشنىڭ سۈنئىي ئوزۇقلاندۇرۇشقا ئوخشاش تۇراقلىق ۋاقتى بولمايدۇ؛

بالىنى كۈنىگە سەككىز قېتىمدىن 12 قېتىمغىچە ئېمتىشكە بولىدۇ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە ئون قېتىم بولسا بولىدۇ، ھەر قېتىملىق ئېمىتىش ۋاقتى 30 مىنۇت ئەتراپىدا بولۇپ، كېچىدىمۇ بالىنى ئېمىتىش كېرەك. ئەگەر بالىنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى ئۈچ سائەتتىن ئېشىپ كەتكەن بولسا، بالىنى ئويغىتىپ ئېمىتىش كېرەك؛

سۈتكە شېكەر ياكى ئانا سۈتىنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان باشقا مەھسۇلاتلارنى قوشۇشقا بولمايدۇ، بۇنداق قىلغاندا ئانا سۈتى تەدرىجىي ھالدا ئازىيىپ كېتىدۇ؛ سوسكا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، بالىنىڭ «خاتا تونۇۋېلىشى»دىن ساقلىنىش كېرەك؛

ئانا ئۆزىنىڭ ئوزۇقلىنىشىغىمۇ ئەھمىيەت بېرىشى لازىم، مۇۋاپىق مىقداردا شورپا ئىچىشى، سۇ تولۇقلىشى كېرەك، يەنە يېتەرلىك ئۇخلىشى، كەيپىياتىنى ياخشىلىشى، جىددىيلىشىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى