بوۋاقلار نەچچە ياشقا كىرگەندە ئاندىن ئەمچەكتىن ئايرىلسا بولىدۇ
ئاتا-ئانىلارغا نىسبەتەن بالىنىڭ ساغلاملىقى ھەممىدىن مۇھىم، باشقىلار بالا بېقىش توغرىسىدا قانچىلىك يول كۆرسىتىپ كەتسۇن، پەقەت بالا ساق-سالامەت بولسىلا بولدى، بالىنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن بارلىق تەجرىبە ساۋاقلار ئىناۋەتسىز پەقەت تېخنىكىلىق ساۋاتلار بالىنى ساغلام بېقىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى، ئانىلار ئىلمىي بالا بېقىش ساۋاتلىرىنى ئۆگىنىشى ھەم ئۇنى ئەمىليەتتە ئىشلىتىشنى بىلىشى لازىم.
بالىلارغا باشقا تاماقلارنى بەرگەندە يەنە ئېمىتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟
نۇرغۇنلىغان ئانىلار بالىغا تاماق بەرگەندىن باشلاپ بالىلار يېتەرلىك ئۇزۇقلۇققا ئېرىشەلەيدۇ، ئېمىتىشنىڭ ياكى سۈت پاراشوكى بېرىشنىڭ كارايىتى يوق دەپ قارايدۇ، بالىغا تاماق بېرىپ ئىككى ئۈچ ئايدىن كېيىنلا ئەمچەكتىن ئايرىۋېتىدۇ، بالىغا بۇرۇن تاماق بەرگەندە بالا ئاندىن ساغلام، تېمەن چوڭ بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.
بۇنداق كۆز قاراش پۈتۈنلەي خاتا، بالا 6 ئايلىق بولغاندىن باشلاپ ئاز تولا باشقا يېمەكلىك يېگۈزۈش، بىر تەرەپتىن بالىغا تېخىمۇ كۆپ كېرەكلىك بولغان ماددىلار بىلەن تەمىنلەش، يەنە بىر تەرەپتىن بالىنىڭ ھەزىم قىلىش سىستۋمىسىنى تەدرىجىي يېمەكلىككە كۆندۈرۈش ئۈچۈندۇر. بۇ ۋاقىتتا ئانىلار ئالدىراپلا بالىنى ئەمچەكتىن ئايرىۋەتسە، بالىنىڭ ئاشقازىنىنىڭ بېسىمى ئارتىپ كېتىپ بالىنىڭ ساغلاملىقىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ.
بالا ياشقا يىتىپ قالغاندىمۇ ئېمىتىش نومۇس قىلىدىغان ئىشمۇ؟
چوڭلار بالىنى ياشقا توشقان ھامان ئەمچەكتىن ئايرىۋېتىش كېرەك، دەپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بالا ياشقا توشقاندىن كېيىن ئانىنىڭ سۈتى ۋە سۈت پاراشوكىنىڭ قۇۋۋىتى قالمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بالا يېشىغا توشقاندىمۇ ئېمىتسە سەت ئىش ئەمەسمۇ دەپ ئويلايدۇ.
بۇ يەردە ئېنىق دەپ قويۇشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بالا ياشقا توشقاندىن كېيىن ئانا سۈتى ۋە سۈت پاراشوكى تۇيۇقسىزلا قۇۋۋەتسىز بولۇپ قالمايدۇ، بۇ مەزگىلدە يەنىلا بالىنى ئېمىتكەن ياخشى، ئېمىتىش بىلەن تاماق بېرىشنى تەڭ ئېلىپ بارغاندا بالىنىڭ تېخىمۇ كۆپ قۇۋۋەت سۈمۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، باشقىلارنىڭ مەسخىرە قىلىش-قىلماسلىقىغا كەلسەك ئۇنىڭ كارايىتى چاغلىق، ھەممىدىن بالىنىڭ ساغلاملىقى ئەڭ مۇھىم.
بالىلارنى نەچچە ياشقا كىرگۈچە ئېمىتسە مۇۋاپىق؟
تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلانغىنىغا ئاساسلانغاندا، بالىلارنى ئىككى ياشتىن ئۈچ ياشقىچە ئېمىتىپ تەبىئىي ئەمچەكتىن ئايرىغىنىمىز ياخشى، بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلارنى قەستەن ئەمچەكتىن ئايرىش ئۈچۈن ئەمچەك ئۇچچىغا ئاچچىق كاۋا سۈركەپ قويۇش، بالىنى ئايرىم ئۆيدە ئۇخلىتىش، ئېمىتكەن ۋاقىتتا كاسسىسىغا ئۇرۇش قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئاماللارنى ئىشلىتىدۇ، ئەپسۇسلىنارلىقى، بۇنداق ئاماللار بالىغا يامان تەسىر بېرىپ قويىدۇ، بالىنى تەبىئىي ھالدا ئەمچەكتىن ئايرىش ئەڭ ياخشى ئۇسۇل، بالىغا بارا-بارا باشقا يېمەكلىكەرنى بەرگەندە بالىنىڭ ئانا سۈتىگە بولغان ئېھتىياجى ئازلاپ بارىدۇ، ئاستا-ئاستا ئۆزلىكىدىن ئەمچەكتىن ئايرىلىدۇ. بۇنداق قىلىش ئانىغىمۇ بالىغىمۇ پايدىلىق.
باشقىلارنىڭ نېمە دېيىشىدىن قەتئىينەزەر، ئىلمىي ئۇسۇلدا بالا ئېمىتكەندىلا بالا ساغلام چوڭ بولالايدۇ.