ساغلاملىق

ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى بار ئانىلارنىڭ بالا ئېمىتىشى ھەققىدە

ئانا سۈتىدىكى ۋىرۇسنى تەكشۈرۈشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟

ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى بار ئانىلارنىڭ بالا ئېمىتىشى ھەققىدە

بىرىنچى، ئېلىمىز ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھېچقانداق ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قوللانمىسىدا ئانا سۈتىدىكى ۋىرۇسنى تەكشۈرۈش زۆرۈرىيىتىنىڭ بارلىقىنى تەۋسىيە قىلمىغان.

ئىككىنچى، ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى بار ئانىلارنىڭ سۈتىدىن ھەقىقەتەن ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىنىڭ ئانتىگېنى ۋە HBV DNAنى تەكشۈرۈپ ئالغىلى بولىدۇ، لېكىن، ئانا سۈتىدىكى ۋىرۇسنىڭ مىقدارى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ، پەقەت ئانا قېنىدىكى ۋىرۇس مىقدارىنىڭ 1/10000-1/1000 چىلىك بولىدۇ. ئوغۇز سۈتىدىكى ۋىرۇس مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، بىر نەچچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن تەكشۈرگەندە، كۆپ قىسىم ئانىلارنىڭ سۈتىدىن HBV DNAنى تاپقىلى بولمايدۇ، پەقەت %18 ئانىلارنىڭ سۈتىدە مىكرو مىقداردىكى HBV DNAنى تەكشۈرۈپ بايقىغىلى بولىدۇ. يەنە كېلىپ، دەلىللىك تىببىي ئىلمى ئىسپاتىنىڭ تولۇق ئاساسىچە، ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان ئانىلارنىڭ يۇقۇملىنىش ئەھۋالى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر (چوڭ ئۈچ مۇسبەت ياكى كىچىك ئۈچ مۇسبەت، HBV DNA سەۋىيىسى يۇقىرى ياكى تۆۋەن)، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاققا مۇنتىزىم ۋاكسىنا ئەملەنگەندىن كېيىن، ئانا سۈتى بىلەن بېقىش بوۋاقنىڭ ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋپىنى ئاشۇرىۋەتمەيدۇ. شۇڭا، ئانا سۈتىدىكى HBV DNA سەۋىيەسىگە ئاساسەن ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنى بېكىتىشنىڭ ئىلمىي ئاساسىي ۋە زۆرۈرىيىتى يوق.

ئانا سۈتى بىلەن بېقىش ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ئانتىتېلاسى (قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى)نى خورىتىۋېتەمدۇ؟

ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى بار ئانىلارنىڭ بالا ئېمىتىشى ھەققىدە

بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن ئەملەنگەن ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ ۋاكسىنىسىدىكى ئىممۇنىتېتلىق گلوبۇلىندىن باشقا، بالىنىڭ ئانتىتېلاسى ئاساسەن ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى غىدىقلىشىدىن كەلگەن بولىدۇ.

ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى گېنلار ئارا قايتا قۇرۇلۇشتىن كەلگەن بولۇپ، ئىنتايىن بىخەتەر. ئۇ بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىدەك جىگەرگە بۆسۈپ كىرىپ «ئەسكىلىك» قىلمايدۇ، ئەكسىچە ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىنىڭ «ئەسكى قىياپىتى»نى دوراپ، بەدەندىكى ئىممۇنىتېت سېستىمىسىغا سەپەرۋەرلىك قىلىپ، ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىغا قارشى ئىممۇنىتېت كۈچىنى ھاسىل قىلىدۇ. ئادەملەرنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ. بوۋاقنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ ۋاكسىنىسىغا قارىتا ئىنكاس قايتۇرغان ھامان، بوۋاقنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىنىڭ «ئەسكى قىياپىتى»نى مەھكەم ئەستە قالدۇرىۋالىدۇ. شۇڭا، بالىدا ئانتىتېلا شەكىللەنگەن كېيىن، ئەگەر راستىنلا ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولسا، ئانتىگېن ئانتىتېلانى خورىتىۋەتمەستىن، ئەكسىچە ئىممۇنىتېت سېستىمىسىنى غىدىقلاپ، يەنىمۇ كۆپ ئانتىتېتلا شەكىللەندۈرىدۇ.

ئانا كۆكسىنىڭ ئۇچى تېشىلىپ يارىلانغاندىن كېيىن يەنە ئېمىتىشكە بولامدۇ؟

ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى بار ئانىلارنىڭ بالا ئېمىتىشى ھەققىدە

21-ئەسىردىن بۇيانقى نۇرغۇن تەتقىقاتلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە، ئانا سۈتى بىلەن بېقىش بالىنىڭ ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋپىنى ئاشۇرىۋەتمەيدۇ، يەنە كېلىپ، چوقۇم ئانا كۆكسىنىڭ ئۇچى يارىلانمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئېمتىش كېرەك دېيىلمىگەن. ئوخشاشلا، بالىغا ئاكتىپ ياكى پاسسىپ ھالدا ۋاكسىنا ئەملەنگەندىن كېيىن، ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا قارىتا ئىممۇنىتېت كۈچى ھاسىل بولۇپ، ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى بولغان ئانىنىڭ تېنىدىن كەلگەن ۋىرۇسقا تاقابىل تۇرالايدۇ. گەرچە ئانا كۆكسىنىڭ ئۇچى تېشىلىپ يارىلانغان، ئانا سۈتىدىكى ۋىرۇس كۆپرەك بولۇپ قالغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ، بوۋاقنىڭ يۇقۇملىنىش خەۋپىنى ئاشۇرىۋەتمەيدۇ. شۇنداقلا، نۆۋەتتە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىلەن ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قوللانمىسىدا، ئانا كۆكسىنىڭ ئۇچى تېشىلىپ يارىلانغان ئەھۋال ئاستىدا، بالا ئېمىتىشنى ۋاقتىنچە توختىتىپ قويۇش كېرەك دېيىلمىگەن. لېكىن، ئەگەر ئىلگىرىكى ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى ياخشى ئىشلەنمىگەن، ئانا تېنىدە كۆپ مىقداردا ھەرىكەتچان ۋىرۇسلار نۇسخىلانغان بولسا، ئانا كۆكسىنىڭ ئۇچى تېشىلىپ يارىلانغان ئەھۋالدا يەنىمۇ كۆپ ۋىرۇسلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، ئەگەر بالىنىڭ ھەزىم قىلىش يولىدىكى شىللىق پەردە زەخملەنگەن بولسا، يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇڭا ئەڭ مۇھىمى يەنىلا ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى تولۇق ۋە ياخشى ئىشلەش بولۇپ، ئەكسىچە پەقەت ئانا كۆكسىنىڭ يارىلىنىش ياكى يارىلانماسلىق ئەھۋالىغىلا ئېسىلىۋالماسلىق كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى