ساغلاملىق

سوسكا ھەققىدە مۇھىم تەپسىلاتلار

سوسكىنىڭ تۈرى ۋە ماتېرىيالىغا دىققەت قىلىش:

سوسكىنىڭ ماتېرىيالى ئەينەك ھەم پىلاستىك دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ. ئەينەك سوسكا ئىسىققا چىداملىق بولۇپ يۇيماق ئاسان، ئاساسلىق كۆپ دېزىنفېكسىيە قىلىنىدىغان ۋاقىتلاردا ئىشلىتىلىدۇ. پىلاستىك سوسكا يېنىك ھەم ئەپچىل بولۇپ، سىرتلارغا چىققاندا ئېلىۋېلىشقا ئەپلىك، ئىككىسىنى ئاي سانى ھەم سورۇنغا قاراپ تاللاپ ئىشلەتسە بولىدۇ.

بوۋاقنىڭ ئىشتىھاسىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، چوڭ رازمېرلىق سوسكىلارنى تاللايمىز.

سوسكىلارنىڭ رازمېرى ئوخشىمايدۇ، ماركىسىمۇ ئوخشىمايدۇ. مەسىلەن، مېۋە شەربىتى ھەم قايناقسۇ قۇيىدىغان سوسكىلارنىڭ 50 مىللىلىتىرلىقى بار ھەم 240 مىللىلىتىرلىقىمۇ بار، بوۋاقنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا قاراپ تاللىساق بولىدۇ.

 

سوسكا ھەققىدە مۇھىم تەپسىلاتلار

ئېمىزگۈنىڭ تۈرلىرى:

ئېمىزگۈنىڭ ماتېرىيالى

ئەمچەككە ئوخشايدىغان يۇمشاق ئىلاستىك كاۋچۇك ھەم پۇراقسىز سىلىتسىيلىق يېلىم، شۇنداقلا ئىككىسىنىڭ ئارىلاشمىسىدىن ياسالغان بىر خىلى بولۇپ جەمئىي ئۈچ خىل ماتېرىيالدا ياسىلىدۇ، سىز ئۆزىڭىزنىڭ ياقتۇرۇشى ھەم بوۋاقنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ تاللىسىڭىز تامامەن بولىدۇ.

ئېمىزگۈ تۆشۈكىنىڭ شەكلى ھەم چوڭ كىچىكلىكى

بوۋاقنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئېمىزگۈنىڭ شەكلى ھەم تۆشۈكىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، ئېمىزگۈنىڭ تۆشۈكىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى ئوخشىمىغان ۋاقىتلاردىكى بوۋاقلارنىڭ شوراش كۈچىگە بېقىپ تەڭشىسەك بولىدۇ.

بوۋاقلارغا ئوزۇقلۇق تىپىدىكى ئىچىملىكلەرنى بەرسەك بولامدۇ؟

ناۋادا بىرەر-بىر بېرىپ قويساق بولىدۇ، بىرەر-بىر بوۋاققا ئۇزۇقلۇق تىپىدىكى ئىچىملىكلەرنى بېرىپ قويساق، ئانا سۈتىدە بېقىشقا تەسىر قىلمايدۇ، بىراق ھەدىدىن زىيادە كۆپ بەرسەك، بوۋاقتا كۆنۈۋېلىپ، نورمال يېمەك-ئىچمەك ئادىتىگە تەسىر قىلىدۇ.

 

ئانا ئىسپىرتلىق ئىچىملىك ئىچسە بولامدۇ؟

بولمايدۇ، بوۋاق ئانا سۈتىدىن مەلۇم مىقداردا ئىسپىرت قوبۇل قىلىۋالىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن، ھاراقنى كۆپ ئىچىش، بوۋاقتىمۇ يۇقىرى قويۇقلۇقتىكى ئىسپىرتىنى پەيدا قىلىدۇ، بىراق مۇۋاپىق بولسا، مەسىلەن بىرەر ئىستاكان پىۋا دىگەندەكلەردە مەسىلە يوق.

 

سۈت پاراشۇكىدا بېقىشتىكى ئاساسىي بىلىملەر

دەسلىپىدە، مەيلى ئانا ياكى بوۋاق بولسۇن، سۈت پاراشۇكى بىلەن ئۇچراشقاندا قانداق قىلارنى بىلمەي قالىدۇ، نۆۋەتتە سىزگە سۈت پاراشۇكىنى قانداق تەڭشەي ھەم قانداق ئېمىتىش ھەققىدە سۆزلەپ بېرىمىز.

1. قايناقسۇنى 40 گىرادۇس ئەتراپىدا سوۋۇتۇپ، دەرھال سوسكىغا ئومۇمىي مىقدارنىڭ يېرىمى باراۋىرىدە قۇيىمىز.

2. سۈت پاراشۇكىنىڭ ئۆلچەم قوشۇقىدا بىر قوشۇق سۈت پاراشۇكى ئېلىپ، يۈزىنى قىرىپ تۈزلىۋېتىمىز، ئوخشىمىغان جابدۇقلارنىڭ ھەجىمى ئوخشىمىغانلىق سەۋەبىدىن، كۆرسەتمىنى ئاساس قىلىمىز.

3. سۈت پاراشۇكى قوشۇۋاتقاندا، ئېزىپ قالماسلىق ئۈچۈن، قوشقان قۇشۇق سانىنى ساناپ تۇرۇش كېرەك.

4. سوسكىغا سۈت پاراشۇكىنى سالغاندىن كېيىن، ئاستا چايقاپ، ئېرىتىمىز. بۇ قەدەمنى چوقۇم قىلماي بولمايدۇ. يۇقىرى تۆۋەن سىلكىگەندە ئاسانلا كۆپۈكلىنىۋالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن دىققەت قىلىش كېرەك!

5. 40 گىرادۇسلۇق ئىلمان قايناقسۇنى قۇيغاندىن كېيىن، سوسكىنىڭ ئېمىزگۈسىنى مەھكەم بېكېتىپ، يەنە بىر قېتىم بوش چايقايمىز.

6. بېغىشىمىزنىڭ ئىچى بىلەن تېمپېراتۇرىسىنى بايقىغىنىمىزدا، سەللا قىزىق بولسا بولغىنى، ناۋادا قىزىق بولسا مۇزدەك ئېقىن سۇغا تۇتۇپ سوۋۇتىمىز، ياكى مۇزدەك سۇ بار قاچىغا سالىمىز.

قايناق سۇ بىلەن سۈت پاراشۇكى تەڭشىسەك بولامدۇ؟

بولمايدۇ، بىر قىسىم ئوزۇقلۇقنىڭ خوراپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، گەرچە قايناق سۇ بىلەن تەڭشىگەندە بارلىق ئوزۇقلۇقلار خوراپ كەتمىسىمۇ، بىراق ۋىتامىن قاتارلىق ماددىلار بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن قايناقسۇدا سۈت پاراشۇكى ئېرىتىشقا بولمايدۇ.

 

كىچىدىكى سۈت پاراشۇكى تەڭشەش

1، بوۋاق يىغلىغان ھامان سۈت بېرىش ئۈچۈن، كارىۋاتنىڭ بىشىغا سوسكا، سۈت پاراشۇكى، چايدان قاتارلىق سۈت پاراشۇكى تەييارلاشتا زۆرۈر لازىمەتلىكلەرنى تەييارلاپ قويۇپ قويىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە پاكىز زاكا ھەم تەرلەپ كەتكەندە ئالماشتۇرىدىغان كىيىملەرنىمۇ قويۇپ قويىمىز.

2، تەييارلاپ قويغان قايناقسۇنى داستىكى مۇزدەك سۇغا چىلاپ مۇزلاتساق بولىدۇ، ناۋادا قايناقسۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى 60 گىرادۇستىن يۇقىرى بولسا، ئۇ چاغدا، ۋىتامىن C بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ.

3، قايناقسۇنى سوسكىغا قۇيۇپ، توڭلاتقۇغا سېلىپ سوۋۇتساق، ۋاقىتنى ئۇتقان بولىمىز.

4، ئىككى چايدان تەييارلاپ، بىرسىگە قايناقسۇ، يەنە بىرسىگە سوۋۇتۇلغان قايناقسۇ ئالىمىز، بوۋاق سۈت ئىچمەكچى بولغاندا، ئىككى چايداندىكى سۇنى تەڭشەپ ئىشلەتسەك تېخىمۇ تېز بولىدۇ.

كېچىسى ئارام تاپماي ئېمىتكىلى قوپىدىغان ئىشلار ئىككى ئۈچ ئاي داۋاملىشىدۇ، ئاندىن كېيىن بولسا كېچىسى ئېمىتىش قېتىم سانى تەدرىجىي ئازىيىدۇ، ئۇخلاشتىن بۇرۇن بوۋاققا ئازراق سۈت پاراشۇكى بەرسەك، كېچىسى ئويغانغا ۋاقتىدا ئانا سۈتىگە تويىدۇ، بوۋاق كۈندۈزى ئارام ئالغان ۋاقتىدا، ئانا بولغۇچى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇيقۇسىغا قېنىۋېلىشى كېرەك!

 

سۈت پاراشۇكىنى ئېرىتىدىغان قىزىق سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى قانچىلىك بولسا مۇۋاپىق بولغان بولىدۇ؟

مەيلى مىنېرال سۇ بولسۇن ياكى تۇربىدىكى سۇ بولسۇن، ھەر قاندىقىنى بىر قاينىتىۋەتكەندىن كېيىن سۈت پاراشۇكىنى تەڭشەيمىز، خام سۇ مىكروپلانغان بولۇشى مۇمكىن، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىز بولغان بوۋاقلارغا بېرىشقا ماس كەلمەيدۇ، قاينىتىلغان سۇنى 50-60 گىرادۇس ئەتراپىدا سوۋۇتقاندىن كېيىن، ئاندىن سۈت پاراشۇكىنى چىلايمىز، ئۇنىڭ تېمپىراتۇرىسى 40 گىرادۇس ئەتىراپىغا چۈشكەندىن كېيىن ئاندىن بوۋاققا ئېمىتسەك بولىدۇ.

 

ئېمىتىش

1. ئېمىزگۈنىڭ تۆشۈكى توسۇلۇپ قالدىمۇ يوق ياكى بەك ئاستا چىقىۋاتامدۇ يوق، دىققەت قىلىمىز، سوسكىنى دۈم تۇتقاندا، پاق-پۇق ئاۋاز چىقسا، نورمال بولغان بولىدۇ.

2. بوۋاققا سۈت پاراشۇكى ئېمىتكەندىكى تۇتۇش ھالىتىمۇ يانتۇ قۇچاقلاش كۆتۈرۈش ھالىتىدە بولۇشى، ئانا سۈتىنى ئېمىتىۋاتقاندىكىگە ئوخشاش، بوۋاققا دىققەت قىلغاچ ئۇنىڭ ئىسمىنى چاقىرىپ ئېمىتىش كېرەك!

3. ئانا سۈتىنى ئېمىتكەندە، بوۋاق ئانىسىنىڭ ئەمچەك توپچىسىنى شورىيالىغاندىلا سۈتنى ياخشى ئېمەلەيدۇ، سۈت پاراشۇكى ئەمگەندىمۇ ئېمىزگۈنى تولۇق ئاغزىغا ئالالىشى كېرەك!

4. ئېمىزگۈنىڭ تۆشۈكى ئارقىلىق سوسكىغا كىرىۋالغان ھاۋا، بوۋاقنى ھېق تۇتقۇزۇپ قويىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئېمىتكەن ۋاقتىمىزدا، ھاۋانىڭ بوۋاقنىڭ قورسىقىغا كۆپلەپ كىرىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، سوسكىنى بەلگىلىك يانتۇلۇقتا تۇتۇپ بېرىمىز.

5. بوۋاقنى كۆتۈرۈپ تۇرغان ئەھۋالدىمۇ، يەنىلا ھېق تۇتۇپ قېلىشى مۇمكىن، بۇ ۋاقىتتا بوۋاقنىڭ دۈمبىسىگە بوش شاپىلاقلاپ بېرىمىز، شۇنداق قىلساق ھېق تۇتۇپ سۈت ياندۇرۇشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

6. بوۋاقنى مۈرىمىزگە ياتقۇزۇپ، قورسىقىنى بېسىش ئارقىلىقمۇ ئەھۋالنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ. كىيىمنى مەينەت قىلىۋالماسلىق ئۈچۈن ئانىسى مۈرىسىگە قول ياغلىق قويۇۋالسا بولىدۇ.

 

بوۋاقنى ياتقۇزۇپ ئېمىتسەك بولامدۇ؟

بولمايدۇ، چوقۇم كۆتۈرۈپ ئولتۇرۇپ ئېمىتىمىز، ئېمىتىش مەزگىلى بوۋاق بىلەن ئانىنىڭ ھېسسىيات يېتىلدۈرىدىغان مەزگىلى. يەنە كېلىپ ئادەمنىڭ كېكىردەك قىسمى بىلەن قۇلاق ئىچى قىسمى تۇتاش بولىدۇ، ياتقۇزۇپ ئېمىتكەندە، سۈت قۇلاققا كىرىپ كېتىپ، ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، شۇنىڭ ئۈچۈن ئانىلارغا يەنىلا بوۋاقنى تۇتۇپ ئولتۇرۇپ ئېمىتىش تەكلىپىنى بېرىمىز.

 

سوسكىنى يۇيۇش ھەم دېزىنفېكسىيە قىلىش

سوسكا دىۋارىدا ھەم ئېمىزگۈدە قېلىپ قالغان سۈت پاراشۇكى يۇقۇندىلىرى باكتېرىيە پەيدا قىلىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان ئالدىنقى ئۈچ ئايدا بولسا بوۋاقنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ناھايىتى ئاجىز بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىشلىتىپ بولۇنغان سوسكا ئېمىزگۈلەرنى چوقۇم ۋاقتىدا دېزىنفېكسىيە قىلىشىمىز كېرەك!

1. مەخسۇس سوسكا يۇيۇش سۇيۇقلىقى ياكى تەبىئىي يېمەكلىكلەردىن ياسالغان يۇيۇش سۇيۇقلۇقلىرىنى ئىشلىتىپ، چوتكا ياكى بۇلۇت بىلەن پاك–پاكىز يۇيۇشىمىز كېرەك!

2. ئېمىزگۈ قىسمىدا ناھايىتى ئاسانلا سۈت پاراشۇكى يۇقۇندىلىرى قېلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، مەيلى ئىچى ياكى تېشى بولسۇن، چوتكا ياكى بۇلۇت بىلەن پاكىز يۇيىمىز.

3. يۇيۇش سۇيۇقلۇقلىرىنىڭ قېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئېمىزگۈنىڭ ئىچى تېشىنى ئۆتۈپ ئايلاندۇرۇپ پاكىز يۇيۇشىمىز كېرەك!

4. قازاندىكى سۇ قاينىغان ھامان سوسكا ھەم ئېمىزگۈنى يۇيۇشنى باشلىساق بولىدۇ.

5. قازان قايناپ ئۈچ مىنۇت بولغاندا ئېمىزگۈنى ئېلىۋالىمىز، سوسكا بەش مىنۇت قاينىسا بولىدۇ.

6. قاينىتىش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، سوسكا ھەم ئېمىزگۈنى پاكىز داكا ئۈستىگە قويۇپ، سۈيىنى ساقىتىپ قۇرۇتىمىز، ئاندىن مۇۋاپىق قاچا ئىچىگە سېلىپ قويساق بولىدۇ.

 

كېچىدىكى يۇيۇپ تازىلاش

1. كېچىسى سوسكا ۋە ئېمىزگۈ يۇيۇش ناھايىتى ئاۋارىچىلىق بولۇپ، ئالدىن بىر قاچا سۇ تەييارلىۋېلىپ، ئىشلىتىپ بولغان سوسكا ھەم ئېمىزگۈنى شۇنىڭغا چىلاپ قويۇپ، ئىككىنچى كۈنى سەھەردە يۇيۇۋەتسەك بولىدۇ.

2. كېچىسى يۇيۇپ تازىلاش قولايسىز بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىشلىتىپ بولغان سوسكىنى ئىككىنچى كۈنى يۇيىمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن سوسكىنى كۆپرەك تەييارلىۋېلىشىمىز كېرەك!

3. ئىشلىتىپ بولغان سوسكا ئىچىگە سۇ تولدۇرۇپ قويساق، سۈت پاراشۇكىنىڭ قالدۇقلىرى سوسكا دىۋارىغا يۇقۇۋالمايدۇ، ھەم يۇيۇپ تازىلىماققا ئاسان بولىدۇ.

 

مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقتا دېزىنفېكسىيە قىلىش

مېكرو دولقۇنلۇق ئوچاقتا قىزدۇرۇپ دېزىنفېكسىيە قىلىدىغان ئېلېكتىر ماگنىتلىق ساندۇق ياكى ئىشكاپلارنى ئىشلەتكەندە، سوسكا ھەم ئېمىزگۈلەرنى ئۈزۈل-كېسىل پاكىز يۇيۇپ تازىلىغاندىن كېيىن ئاندىن دېزىنفېكسىيە قىلىش كېرەك!

دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى بىلەن دېزىنفېكسىيە قىلىش

پاكىز يۇيۇلغان سوسكا ھەم ئېمىزگۈلەرنى سۇيۇقلاندۇرۇلغان دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلىقىغا چىلاپ قويغاندىمۇ دېزىنفېكسىيە قىلىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى