ساغلاملىق

ئانا سۈتىدە بالا بېقىش

بوۋاق ئانىنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقىتتا، كىندىكى ئارقىلىق ئوزۇقلىنىدۇ، تۇغۇلغاندىن كېيىن بولسا، ئېمىتىش ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇلىدۇ. بىرىنچى قېتىم ئېمىتكەندە، ئانا كۆنەلمەيدۇ، بوۋاقمۇ ئاسانلا سۈت ئېمىپ كېتەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئانا دائىم بوۋاقنى كۆتۈرۈش شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن ئەمچەكنىڭ سۈت ئىشلەپ چىقىرىشىغا تەسىر قىلىشى كېرەك، بۇنداق قىلغاندا سۈتى راۋان بولىدۇ.

ئانا سۈتىدە بالا بېقىش

ئانا سۈتىدە بېقىشنىڭ ئەۋزەللىكى

ئانا سۈتىدە بوۋاقلار ئېھتىياجلىق ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدىغان ماددىلار ھەم ئوزۇقلۇق ماددىلىرى بار بولۇپ، ئالاھىدە بىر تەرەپ قىلىنمىسىمۇ بوۋاقنىڭ ئېتىياجىنى دەرھال قامدىيالايدۇ. بوۋاق ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، بوۋاقنىڭ تېرىسى بىلەن ئانا تېرىسىنىڭ تېگىشىشىمۇ بوۋاقنىڭ سىرتقى دۇنيا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئانا ئۈچۈن بولسا، ئېمىتىش جەريانىدا، بالىياتقۇنىڭ قىسقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھورمۇن ئىشلەپچىقىرىش ھەم تۇغۇتتىن كېيىنكى سالامەتلىكىنىڭ تېزراق ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن پايدىلىق.

 

ئىزچىل ئانا سۈتىنى ئېمىتىش

ئېمىتىش مەزگىلىدە بىز دائىم مۇنداق ئىككى تۈرلۈك مەسىلىگە ئۇچرايمىز، بىرىنچىسى ئەمچەك توپچىسىنىڭ شەكلى سەۋەبلىك بوۋاق سۈت ئېمەلمەيدۇ، يەنە بىرسى بولسا، ئانا كۆكسىنىڭ ئاسانلا ئېسېلىپ ئاغرىشى سەۋەبلىك بالىنى نورمال ئېمىتىش تەسىرگە ئۇچرايدۇ. ھالبۇكى كۆپىنچە ئەھۋاللار ئانىنىڭ بالا ئېمىتىشىنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئاغزىنىڭ كۈچى ئاجىز، ئەمچەك توپچىسىنى شورىيالمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن سەۋرچانلىق بىلەن كۆپ قېتىم سىنىغاندىلا بۇ مەسىلىلەر ئاساسەن ھەل بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن يالتىيىپ قالماي، مەسىلە بولسا دوختۇردىن سوراش كېرەك!

 

چوقۇم بالدۇراق ئېمىتىش كېرەك

ھامىلىدار ئايال بوشانغان ھامان، بوۋاققا دەرھال ئىككى ئەمچەكنىڭ توپچىسىنى شورىتىش كېرەك، تۇغۇتتىن كيىنكى ئىككى سائەتتىن ئالتە سائەتكىچە ئېمىتىپ بولۇش كېرەك. ئانا سۈتىدە بېقىش ئۈچۈن چوقۇم بالدۇراق ئېمىتكەن ياخشى، چۈنكى ئوغۇز سۈتىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، بولۇپمۇ يۇقۇمغا، ھەر خىل باكتېرىيە ۋىرۇسلارغا قارىتا قارشىلىق قىلىش رولىغا ئىگە بولغان ئىممۇنىتېتلىق شارچە ئاقسىل (گىلوبۇلىن) بار. شۇنىڭ ئۈچۈن بوۋاقنى قانچە بالدۇر ئېمىتسە شۇنچە بالدۇر ئىممۇنىتېتلىق شارچە ئاقسىلىغا ئېرىشىپ، كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى ئېشىپ، ئۆپكە ياللۇغى، ئۈچەي ياللۇغى، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى زور دەرىجىدە ئازىيىدۇ.

 

ئانا سۈتىدە بېقىلىۋاتقان بوۋاققا، ئايرىم ئۇسسۇزلۇق بەرمىسىمۇ بولىدۇ

ئانا سۈتىنىڭ كۆپ قىسىم تەركىبى سۇ بولۇپ، بوۋاقنىڭ ئىھتىياجىنى قامداپ كېتەلەيدۇ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بۆرەك ئىقتىدارى مۇكەممەل بولمايدۇ، بەدەندىكى مېتابولىتلارنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىش ئۈچۈن، چوڭلاردىنمۇ كۆپرەك سۇغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، ئانا سۈتىدىكى سۇ تەركىبىنىڭ تېمپېراتۇرىسى مۇۋاپىق، پاكىز، باكتېرىيەسىز بولغانلىقى ئۈچۈن، بوۋاقنىڭ ئەڭ ياخشى ئىچىملىكى ھېسابلىنىدۇ. ئانا سۈتىدىكى سۇ تەركىبىمۇ بوۋاق تېنىنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ تەڭشىلىدۇ، ئانا سۈتى بىلەن بالا باققاندا، بوۋاقنىڭ سۇسىزلىنىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق، پەقەت ئېھتىياجغا بېقىپ ئېمىتسىلا بولىدۇ.

 

ئانا سۈتى يېتىشمىسە قانداق قىلىمىز؟

ئانا سۈتى يېتىشمىسە، ئازراق سۈت مەھسۇلاتلىرى قوشۇمچە قىلىش كېرەك! قوشۇمچە قىلىشنىڭ ئىككى خىل چارىسى بار. بىرسى ئالدى بىلەن ئانىسىنى ئېمىتىپ ئاندىن سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئىچكۈزۈش بولۇپ، مىقدارىنى ئايلىق سانى ھەم ئانا سۈتىنىڭ مىقدارىغا قاراپ بېكىتىمىز، باشلىنىشىدا بوۋاق تويغۇچە بېرىمىز، نەچچە كۈن سىناق قىلغاندىن كېيىن بوۋاقنىڭ چوڭ تەرىتىنىڭ قىتىم سانى ھەم ھالىتىگە نورمال بولسا، قوشۇمچە سۈت مەھسۇلاتىغا چەك قويساق بولىدۇ. چۈنكى ھەر كۈنلۈك ئېمىتىش قېتىم سانى ئۆزگەرمەي ۋاقتى قەرەلىدە ئېمىتىپ تۇرغاچقا، سۈت ئاجرىتىپ چىقىرىشقا تەسىرى بولمايدۇ. ئىككىنچىسى بولسا، ئېمىتىشنى بىر ئىككى قېتىم توختىتىپ تۇرۇپ، قوشۇمچە سۈت مەھسۇلاتىنى ئىشلىتىمىز، بۇ خىل قوشۇمچە سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن بولۇپ كېتىشى سەۋەبلىك ئانا سۈتىنىڭ پەيدا بولۇشىغا تەسىر قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە مۇۋاپىق ئېمىتىش كېرەك.

 

ئېمىتىش قىياپەتلىرى

ئانا سۈتىدە ئېمىتىشنىڭ نۇرغۇن شەكىللىرى بار، سىز ھەممىسىنى سىناپ بېقىپ، سىز ھەم بوۋىقىڭىز ھەممىدىن راھەت ھېس قىلىدىغان شەكىلنى تاللىۋالسىڭىز بولىدۇ. مەيلى قايسى قىياپەتنى تاللىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر بوۋاقنىڭ قورسىقى سىزنىڭ قورسىقىڭىز بىلەن ئۇدۇل بولسۇن، بۇنىڭ بوۋاقنىڭ توغرا ئېمىشىغا پايدىسى بار، ھەم يەنە بوۋاقنى قوش قوللاپ قۇچاقلاپ كۆتۈرۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئۇنى قۇچىقىڭىزغا قويسىڭىزمۇ بولىدۇ، بولمىسا بالا ئېمىتىپ بولغۇچە بەللىرىڭىز ئاغرىپ، ئارام ئېلىشىڭىزغا دەخىلىسى بولىدۇ.

 

1. ئانا بولغۇچى بوۋاقنى يانچە ياتقۇزۇپ، بېشىنى بىلىكىگە ئالىدۇ، بولمىسا بوۋاق بېشىنى جىم تۇتماي سۈتنى ياخشى ئېمەلمەي قالىدۇ، يانچە كۆتۈرگەندە بوۋاقنىڭ ئاغزى ئەمچەك توپچىسىغا ئۇدۇل كېلىدۇ.

2. بوۋاقنى ئانا تىزىغا ئولتۇرغۇزۇپ، قولى بىلەن بەدىنى ھەم بىشىنى تۇتۇپ تۇرۇپ ئېمىتىدۇ، بۇ چارە ئەمچەك توپچىسى ياپىلاق ھەم قىسقا كىچىك ئانىلارغا ماس كېلىدۇ.

 

ئېمىتىشتە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:

كۆكسى چىڭقىلىپ ئاغرىش، ئەمچەك توپچىسى يېرىلىپ كېتىش، ئېمىتىش جەريانىدا ئۇچراش مۇمكىنچىلىكى بولغان مەسىلىلەردۇر. ئەمەلىيەتتە ئېھتىيات بىلەن بىر قىسىم سۈتنى سېغىپ چىقىرىۋەتسە، بارلىق مەسىلىلەر ھەل بولۇپ كېتىدۇ، ناۋادا ئانىنىڭ ئەمچەك توپچىسى ياپىلاق ياكى كۆكسى ساڭگىلاپ قالغان بولسا، بوۋاق ئېمەلمەيدۇ.

يەنە بەزىلىرىنىڭ بولسا ئەمچەك توپچىسىنىڭ شەكلىنىڭ مەسىلىسى بولماستىن، بوۋاقنىڭ ئەمچەك توپچىسىنى شوراشنى ياقتۇرماسلىق مەسىلىسىدۇر. مەسىلەن، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئەمچەك توپچىسى ئاغزىغا نىسبەتەن چوڭ كېلىپ قېلىشى مۇمكىن، ئەمما بەدەننىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، بوۋاق تەدرىجىي شوراشنى ئۈگىنىۋالىدۇ. ھەممىدىن مۇھىم بولغىنى، ئانا يالتىيىپ قالماسلىقى، ئانا سۈتى بىلەن بېقىشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك!

 

1. باشلىنىشىدا، بوۋاق يىغلىغاندا، ئۇنى ئېمىتىمىز، بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭغا «ئوۋ، قوزام، قورسىقىڭىز ئاچتى-ھە!» دېگەندەك يېقىملىق سۆزلەرنى قىلغاچ، ئىسمىنى چاقىرىپ بېرىمىز.

2. ھەر قېتىم ئېمىتىشتىن بۇرۇن، كۆكسىمىزدىكى تەر تامچىلىرىنى سۈرتۈۋېتىمىز، بوۋاق تۇغۇلغان بىرىنچى ئېيىدا پاختا پەلكۈچ ئىشلىتىمىز، ئۇنىڭدىن كېيىن نەملەنگەن داكا ئىشلەتسەك بولىدۇ.

3. بوۋاق ئېمىپ بولغاندىن كېيىن، ھېق تۇتۇپ قېلىشى ياكى سۈت قۇسۇشى مۇمكىن، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىمىتىپ بولغاندىن كېيىن بوۋاقنى تىك تۇتۇپ كۆتۈرۈپ تۇرۇپ، دۈمبىسىگە بوش پەپىلەيمىز.

4. بوۋاقنى ھېق تۇتۇپ قالغاندا، ئادەتتە تىك تۇتۇپ كۆتۈرۈپ بېرىمىز، بىراق ئۇخلاپ قالغان بولسا، ياندۇرۇپ قالسا، نەپەس يولىنى توسۇپ قويماسلىق ئۈچۈن، يانچە ياتقۇزۇپ قويىمىز.

5. بوۋاق ئېمىۋاتقاندا سۈت كۆپ بولۇپ كەتسە، سۈت ساغقۇچ بىلەن ئازراق سېغىۋېتىمىز، سېغىۋالغان سۈتنى ئېلىپ قويۇپ ئارىلىقتا ئىشلەتسەك بولىدۇ.

6. ئىككى تەرەپنى ئالماشتۇرۇپ ئېمىتىش، ئون مىنۇت ئەتراپىدا بىر ئالماشتۇرۇپ ئېمىتىش كېرەك، ئۇخلاۋاتقاندا، سول تەرەپتىكىسىنى يېرىم مىنۇت ئېمىتىپ قالغىنىنى كېيىنكى قېتىمدا ئېمىتسە بولىدۇ.

7. پەقەت سىزگە سۈتىڭىز يېتىشمەيۋېتىپتۇ دېمىسىلا، بوۋىقىڭىزنى خاتىرجەم ئېمىتىپ بېقىۋېرىڭ، ھەر قېتىم بوۋاقنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچىگەندە، ئېغىرلىقى ئېشىۋاتقان بولسىلا مەسىلە چىقمايدۇ.

8. كۈندۈزدە بولسىمۇ مەيلى، بوۋاق ئۇخلىغان ۋاقىتتا ئانىمۇ بىللە بىردەم ئۇخلىۋېلىشى كېرەك، بۇنداق قىلىش بەدەن قۇۋۋىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن پايدىلىق، بەدەن قۇۋۋىتى يېتەرلىك بولسا سۈتىمۇ يېتەرلىك بولىدۇ.

9. ئېمىتىش ئۈچۈن سەۋرچان بولماق لازىم. ئالدى بىلەن ئېمىتىشتىن زېرىكىپ قالساق بولمايدۇ.

10. ناۋادا بوۋاق پەقەتلا ئېمەلمىسە، ئەمچەك توپچىسى مۇھاپىزەتچىسىدىن پايدىلانساق بولىدۇ.

11. سېغىۋالغان سۈتنى ساقلاپ قويساق بولىدۇ، ناۋادا سۈت ساغقۇچ بار بولسا، ئازراق سېغىپ چىقىرىپ، سېغىۋالغان سۈتنى توڭلىتىپ قويساق بولىدۇ، بىراق سۈت يېتەرلىك بولسا ساقلىۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوق.

12. يىغىلىپ قالغان سۈتلەرنىڭ ئېقىپ چىقىشى، ئانا سۈتى بىلەن بالا بېقىشتا ھەل قىلىدىغان بىرىنچى مەسىلە، ئانا بولغۇچى ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ، بوۋاقنىڭ تېخىمۇ راۋان ئېمىشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىش كېرەك!

ئانا سۈتىدە بالا بېقىش

ئاسانلا خاتالىق كۆرۈلىدىغان ئەھۋاللار

ئېمىپ بولۇپلا يىغلاش:

بوۋاق ئېمىپ بولۇپلا يىغلىسا، ئانا چوقۇم ئۇنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىقىشى كېرەك.

بوۋاققا قوشۇمچە سۈت مەھسۇلاتلىرىدىن بەرسەكمۇ ئېمىۋېرىدۇ.

بوۋاق بەزى ۋاقىتتا ئەمچەك توپچىسىغا ئوخشايدىغان نەرسىلەرنىمۇ شوراپ كېتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن سۈت يېتىشمىگەن ۋاقىتتىن باشقا ۋاقىتلاردىمۇ ئۇنىڭغا سوسكىدا سۈت بەرسىڭىز ئېمىۋېرىدۇ.

سۈت كەلمەسلىك:

بەزى ئانىلارنىڭ دەسلەپكى بىرىنچى ئېيىدا سۈتى ناھايىتى مول بولىدۇ، بىراق كېيىن تارتىلىپ كېتىدۇ.

ئالاھىدە ئەھۋالدىكى ئېمىتىش:

بەزى ۋاقىتلاردا بوۋاقنىڭ قورسىقى ئاچمىغان بولسىمۇ، ئۇيقۇسى كەلگەندە ئېمىتىپ قويسا تېز سۈرئەتتە تىنچلىنىدۇ.

ئانا سۈتى يېتىشمىگەنلىكىنىڭ ئالامەتلىرى

قوشۇمچە سۈت مەھسۇلاتلىرىغا ئوخشىمايدىغان يېرى، ئانا سۈتىنىڭ مىقدارىنى كۆز بىلەن مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن ئانىلار بوۋىقىنىڭ تويماي قېلىشىدىن، قۇۋۋەت يېتىشمەي نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر قىلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. بوشانغاندىن كېيىنكى بىرىنچى ئېيىدا، بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىغا كۈنىگە 30 گىرامدىن قونۇپ ماڭسا، ئانا سۈتىنىڭ بوۋاقنىڭ ئېھتىياجىنى قامداپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلىدۈرىدۇ. ئانا سۈتى يېتىشمىگەندە تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە خىل ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

1. بوۋاق ئەمچەك توپچىسىنى يېرىم سائەتتىن كۆپرەك ئاغزىدىن چىقارماي شورايدۇ.

2. 20 مىنۇتتىن جىقراق ئېمىتكەن بولسىمۇ ئارىلىقتىن بىر سائەت ئۆتمەيلا يەنە قورسىقى ئاچىدۇ.

3، بەدەن ئېغىرلىقى كۆرۈنەرلىك ئاشمايدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۈنۇپكىسى