جىددىي خاراكتېرلىك سۈت بېزى ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ تۇرۇقلۇقمۇ بالا ئېمىتسە بولامدۇ

مۇتەخەسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، جىددىي خاراكتېرلىك سۈت بېزى ياللۇغىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئالامەتلىرى بىر قەدەر يىنىك بولغاندا، يەنى قىزىش، يىرىڭداش كۆرۈلمىگەندە بالا ئېمىتسە بولىدۇ. ئەگەر بىر تەرەپتىكى كۆكسى ياللۇغلىنىپ، يەنە بىرىدە ھېچقانداق ياللۇغلىنىش كۆرۈلمىسە، ياللۇغلانمىغان تەرەپتە بالىنى ئېمىتسە ھېچقانداق تەسىر كۆرۈلمەيدىكەن.
بۇنىڭدىن سىرت، بەزى ياش ئانىلار جىددىي خاراكتېرلىك سۈت بېزى ياللۇغىغا گىرىپتار بولغاندىن كېيىن بالا ئېمىتسە بولمايدۇ، ئېمىتكەندە ئاغرىيدۇ دەپ قاراپلا بالىنى ئېمىتىشتىن توختايدۇ. دوختۇرلار جىددىي خاراكتېرلىك سۈت بېزى ياللۇغىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى كاللەك بولۇپ قېلىشى ئەمەلىيەتتە سۈتنىڭ يىغىلىپ قېلىشىدىن بولۇپ، ياش ئانىلار سۈتنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن كۆكسى ئاغرىشنى ئازايتقىلى بولىدۇ.
ياش ئانىلار جىددىي خاراكتېرلىك سۈت بېزى ياللۇغىغا گىرىپتار بولسا قانداق قىلىش كېرەك؟
1.دەسلەپكى مەزگىلدە ئۇۋۇلاش ۋە سېغىش ھەممىدىن مۇھىم. ئوۋۇلاش ياكى سۈت سېغىش ئەسۋابى بىلەن يىغىلىپ، توسۇلۇپ قالغان سۈتنى چىقىرىۋېتىش كېرەك.
2.ئېمىتىش مەزگىلىدە ئەمچەك توپچىسىنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاش كېرەك. دائىم ئىلىمان سۇ بىلەن يۇيۇپ، ۋاقتى ۋاقتىدا بالىنى ئېمىتىش كېرەك. ئەگەر قىزىتىپ بەدەن تېمپېراتۇرىسى 39 سىلېتسىيە گرادۇستىن ئۆرلەپ كەتكەندە ئېمىتىشنى توختىتىش كېرەك.
3.بالىنى ئەمدۈرگەن پېتى ئۇخلاپ قالماسلىق كېرەك، ئېمىتىپ بولغاندىن كېيىن لىپتىكنى كىيىپ يېتىش كېرەك.
4.يېمەك-ئىچمەكنىڭ سۇيۇق، مايسىز بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئاسان ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى يېيىش كېرەك، ئاچچىق نەرسىلەردىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك.
5.روھىي جەھەتتىن تەڭشەشكە دىققەت قىلىپ، كەيپىياتنى ئەركىن-ئازادە تۇتۇش كېرەك.