ساغلاملىق
ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئانا تۇغۇتتىن كېيىن بالىسىنى ئېمىتسە بولامدۇ؟
جاۋاب: ئانىدا HIV ۋىرۇسى بولغانلىقى ئۈچۈن، HIVدىن يۇقۇملانغان ئانا كېسەللىك ۋىرۇسىنى ئانا سۈتى ئارقىلىق بالىسىغا يۇقتۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن، بولۇپمۇ ئانىسى سۈت بېزى ياللۇغى، سۈت بېزى يىرىڭلىق ئىششىقى قاتارلىق مىكروپ خاراكتېرىدىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغاندا، بوۋاقنىڭ يۇقۇملىنىش خەۋپى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. شۇڭا، پرىنسىپ جەھەتتە HIVدىن يۇقۇملانغان ئانا بالىسىنى ئېمىتىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. لېكىن ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى قوبۇل قىلغان ئەھۋال ئاستىدا، مەخسۇس بۆلۈم دوختۇرىنىڭ تۇغۇتتىن كېيىنكى بېقىش يېتەكچىلىكى ئارقىلىق، ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.