ساغلاملىق

كېچىلىك سۈتتىن ئايرىشتا بۇ ئالتۇن ۋاقىتنى قولدىن بېرىپ قويسا، بالىنىڭ پۈتكۈل ھاياتىغا تەسىر يېتىدۇ

كېچىلىك سۈت بىر ئانىنىڭ «قانلىق ياش تارىخى».
كېچىلىك سۈتنىڭ زىيىنى بەك چوڭ، كېچىلىك سۈتتىن ئايرىشتا بۇ ئالتۇن ۋاقىتنى قولدىن بېرىپ قويسا، بالىنىڭ پۈتكۈل ھاياتىغا تەسىر يېتىدۇ. نۇرغۇن كېچىلەردە ئانىلار كۆزىنىڭ ئەتراپى قارىداپ كەتكەن ھالدا، يىغلاپ ئويغىنىپ كەتكەن بوۋاققا قاراپ ئاھ ئۇرىدۇ. يەنە ئېمىتىدىغان ۋاقىت كەلدى…

كېچىلىك سۈتتىن ئايرىشتا بۇ ئالتۇن ۋاقىتنى قولدىن بېرىپ قويسا، بالىنىڭ پۈتكۈل ھاياتىغا تەسىر يېتىدۇ

نېمە ئۈچۈن بوۋاقنى كېچىسى ئويغىنىپ سۈت ئېمىدۇ؟
سۈت يېتىشمەيدۇ
بوۋاقنىڭ كېچىسى سۈت ئېمىشى ئانا سۈتى يېتىشمەسلىكتىن بولۇشى مۇمكىن، بوۋاق تويماي داۋاملىق ئەمگۈسى كېلىدۇ، بۇ چاغدا ئانا بوۋاققا سۈت پاراشوكى قوشۇپ بېرىشى كېرەك، بولمىسا بوۋاقنىڭ ئۇخلىشىغا تەسىر يېتىدۇ، يەنە بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر يېتىدۇ.
شىددەت بىلەن ئۆسۈش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن
ئۈچ ئاي ئىچىدىكى بوۋاقلارنىڭ شىددەت بىلەن ئۆسۈش مەزگىلىدىكى ئالاھىدىلىكى شۇكى، يەيدىغىنى ئادەتتىكىدىن كۆپرەك بولىدۇ، لېكىن بۇ خىل ئەھۋال كۈندۈزى ۋە كەچتە ئوخشاش كۆپ كۆرۈلىدۇ، يەنە كېلىپ ھەر قېتىم كۆپ يەيدۇ، ئادەتتە بىر-ئىككى كۈندىن كېيىن ئەسلىگە كېلىدۇ.
مىجەزى يوق بولۇشى مۇمكىن
بوۋاق ئۇخلاش جەريانىدا، بەزىدە ئويغانغاندا قورسىقى ئاچقانلىقتىن ئەمەس، بەلكى بىئارام بولىدۇ. مەسىلەن، قورساق بىئارام بولسا، بەزىدە ئاسان ھەزىم بولمايدىغان يېمەكلىكلەرنى يېسە قورسىقى كۆپۈپ كېتىدۇ، بۇ ۋاقىتتا بوۋاق ئۇخلىيالمايدۇ، ئانىسىنىڭ سۈتىنى ئېمىپ تەسەللىي ئىزدەيدۇ.
بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئىزدەيدۇ
بەزى بالىلار دائىم ئويغىنىپ ئاپىسىنىڭ بار-يوقلۇقىنى ئېنىقلايدۇ، ئانىسىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى بايقاپ، سۈت ئەممەكچى بولسا ئانىسىغا يېقىنراق كېلىدۇ، شۇنداقلا ئاپىسىنى ئۆزىنىڭ يېنىدا قالدۇرۇپ، ئانىسىدىن ئايرىلمايدۇ. بۇمۇ بالىنىڭ دائىم كېچىسى ئويغىنىپ سۈت ئېمىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
كېچىدە سۈت بېرىش بوۋاقلارنىڭ ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىنىشىگە زور دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلىپ، بوۋاقلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق.
بىراق، كېچىدە چەكسىز ئېمىتىشكىمۇ بولمايدۇ، كېچىدە ئېمىتىش بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، بوۋاققا پايدىسىز تەسىر پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا ئانا مۇۋاپىق پۇرسەتتە بوۋاقنى كېچىلىك سۈتتىن ئايرىۋېتىشى كېرەك.

كېچىلىك سۈتتىن ئايرىشتا بۇ ئالتۇن ۋاقىتنى قولدىن بېرىپ قويسا، بالىنىڭ پۈتكۈل ھاياتىغا تەسىر يېتىدۇ

كېچىدە سۈت ئەمسە بالىغا قانداق زىيىنى بار؟
1. كېچىدە سۈت ئەمسە بالىدا ئاسانلا چىش قۇرتلاش ئەھۋالى كېلىپ چىقىدۇ
بوۋاققا سۈت چىشى چىققاندا، ئاساسەن كېچىدە ئېمىتمەسلىك كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئەگەر ئانا بوۋاققا سۈت چىشى چىققاندىن كېيىنمۇ يەنىلا كېچىدە سۈت بەرسە، بوۋاقتا ئاسانلا چىش چىرىش كېلىپ چىقىدۇ.
بوۋاقنى كېچىدە ئېمىتىش جەريانىدا ئاسانلا ئۇخلاپ قالىدۇ ھەمدە ھەر قېتىم ئېمىتىپ بولغاندىن كېيىن بوۋاقنىڭ ئېغىز بوشلۇقىنى تازىلاشتا چىڭ تۇرالايدىغان ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەقىقەتەن ناھايىتى ئاز ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، بىر ياشتىن كېيىن يەنىلا كېچىدە ئېمىتىشنى تەۋسىيە قىلمايمىز.

كېچىلىك سۈتتىن ئايرىشتا بۇ ئالتۇن ۋاقىتنى قولدىن بېرىپ قويسا، بالىنىڭ پۈتكۈل ھاياتىغا تەسىر يېتىدۇ

2. بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ
يېتەرلىك ئۇخلاش بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم، بالا قانچە كىچىك بولسا ئۇخلاش ۋاقتى شۇنچە كۆپ بولىدۇ.
ئەگەر بوۋاق كېچىسى ئېمىشكە ئادەتلىنىپ قالسا، پات-پات كېچىسى ئويغىنىپ كەتسە، بوۋاقنىڭ ئۇيقۇسى يېتەرلىك بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، بۇ بوۋاقنىڭ روھىي ھالىتى، كەيپىياتى قاتارلىق ئەھۋاللىرىغا تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە چوڭ مېڭە ۋە نېرۋا سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
3. كېچىدە ئېمىتسە ئانا بەك ھېرىپ كېتىدۇ
بەزى بوۋاقلاردا كېچىسى سۈت ئېمىدىغان ئادەت يېتىلسە، كېچىسى بىر نەچچە قېتىم ئويغىنىپ كەتسە، ئانىسى ئۇنىڭغا بىر نەچچە قېتىم سۈت بېرىدۇ.
بەزى ئانىلار كېچە سۈتىنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىمىغاندەك ھېس قىلىپ، ئېمىتىپ بولۇپلا دەرھال ئۇخلىيالايدۇ؛ ئەمما، بەزى ئانىلار كېچىسى ئويغىنىپ ھېرىپ ھالىدىن كېتىشى، ھەتتا بەدەندە كېسەل پەيدا بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا ئانىلار ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ مۇۋاپىق بېكىتىشى كېرەك.

كېچىلىك سۈتتىن ئايرىشتا بۇ ئالتۇن ۋاقىتنى قولدىن بېرىپ قويسا، بالىنىڭ پۈتكۈل ھاياتىغا تەسىر يېتىدۇ

بوۋاقنى قانداق ۋاقىتتا كېچىلىك سۈتتىن ئايرىسا مۇۋاپىق بولىدۇ؟
ئامېرىكا بالىلار كېسەللىكلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ كۆز قارىشى:
ئالتە ئايدىن كېيىن، بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يېمەكلىكلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارى ئېشىپ، ھەر خىل سۇيۇق-سەلەڭ ياكى قاتتىق يېمەكلىكلەرنى يېيەلەيدىغان بولىدۇ، بۇ نوقۇل سۈت ئىچكەنگە قارىغاندا كۆپ تويۇنۇپ كېتىدۇ، كېچىدە قورساق ئاچقاندا چوقۇم سۈت ئىچىش ئەھۋالى ئاسان يۈز بەرمەيدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالتە ئايدىن كېيىن بالىنىڭ مۇستەقىل ياشاش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، ياخشى بولغان ئۇيقۇ ۋە يېمەك-ئىچمەك قانۇنىيىتى تۇرغۇزۇشقا ياردەم بېرىدۇ. شۇڭا بۇ ۋاقىتتا كېچىدە سۈتتىن ئايرىشنى سىناپ باقسا بولىدۇ. 10 ئاي ئەتراپىدا بوۋاقنىڭ كېچىدە ئېمىتىش ئادىتىنى تۈگىتىشكە تىرىشىش كېرەك.
بوۋاقنى قايسى خىل ئەھۋالدا كېچىلىك سۈتتىن ئايرىش كېرەك؟
بوۋاققا قوشۇمچە يېمەكلىك قوشۇش ۋاقتى كەلگەندە، دەرھال كېچىلىك سۈتنى ئۈزۈۋېتىش كېرەك دېگەنلىك ئەمەس. ئادەتتە كېچىسى سۈتتىن ئايرىشتا تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل ئەھۋال كۆرۈلىدۇ:
بىرىنچى، بوۋاقلارنىڭ كېچىلىك سۈت ئېمىشى ھەددىدىن زىيادە كۆپىيىپ كېتىش.
ئالتە ئايدىن كېيىن بوۋاق يەنە بىر نەچچە قېتىم ئويغىنىپ سۈت ئەمسە، بوۋاقنىڭ قورسىقى ئاچقانلىقتىن ئەمەس، ئادەتلىنىپ قالغانلىقتىن كېچىسى ئويغىنىدىغانلىقىنى ئويلىشىپ بېقىش كېرەك.

كېچىلىك سۈتتىن ئايرىشتا بۇ ئالتۇن ۋاقىتنى قولدىن بېرىپ قويسا، بالىنىڭ پۈتكۈل ھاياتىغا تەسىر يېتىدۇ

ئىككىنچى، ئانا بەك چارچاپ كېتىش.
بەزى ئانىلارنىڭ ئۇيقۇسى ياخشى ئەمەس ياكى خىزمەت ئورنىغا قايتقاندىن كېيىن كۈندۈزى ئىشقا بارىدۇ، ياخشى ئارام ئېلىشى كېرەك، ئەمما بوۋاق پات-پات ئويغىنىپ ئاپىسىنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ.
ئۈچىنچى، بوۋاقنىڭ قورسىقى ئاچمىدى.
بوۋاق ئويغانغاندا چوڭ-چوڭ ئەممەي، بەلكى بىر نەچچە يۇتۇم ئىچىپلا ئۇخلايدۇ، بۇ بوۋاقنىڭ قورسىقىنىڭ ئاچمىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
بالىنىڭ كېچىلىك سۈتنى تاشلىشىغا قانداق ياردەم قىلىش كېرەك؟
1 . ئاستا-ئاستا سۈتتىن ئايرىش كېرەك
كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن بوۋاقنى ئېمىتىپ تويغۇزۇش كېرەك. ئاستا-ئاستا كېچىلىك سۈتنىڭ ۋاقىت ئارىلىقى ئۇزارتىلىدۇ، بىر ئاخشامدا تۆت قېتىم ئېمىتىلىدۇ، ئاستا-ئاستا بىر ئاخشامدا ئۈچ قېتىم، ئىككى قېتىم ئېمىتىلىدۇ.
2. ئورۇنسىز ئېمىتىشنى ئازايتىش
بوۋاق يىغلىسا ئانا ئېمىتىش ئارقىلىق بەزلەشكە ئادەتلەنگەن، لېكىن بوۋاقنىڭ قورسىقى ئېچىپ كەتكەن بولۇشى ناتايىن، بەزىدە پەقەت بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كەم بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا بوۋاق كەچتە يىغلىغاندا، ئالدىراپ ئېمىتمەي، ئاۋۋال تەسەللى بېرىپ سىناپ بېقىش كېرەك. ئەگەر ئۇ يەنىلا خاتىرجەم بولالمىسا، ئۇنىڭغا ئازراق سۇ بەرسە بولىدۇ.
3. ئۇيقۇ قانۇنىيىتىنى بەرپا قىلىش كېرەك
ئانا ئاڭلىق ھالدا بوۋاقنىڭ ئۇخلاش قانۇنىيىتىنى بەرپا قىلىپ، بوۋاق كۈندۈز بىلەن كېچىنى پەرقلەندۈرۈشى كېرەك، بۇنداق بولغاندا بوۋاقنىڭ كېچىسى ئويغىنىش قېتىم سانىمۇ مۇناسىپ ئازىيىدۇ.
بالىنىڭ ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش جەريانىدا، ئانىنىڭ ياخشى روھىي ھالىتى، سەۋرچانلىقى ۋە مېھىر-مۇھەببىتى بولۇشى كېرەك. بالىنىڭ ئېھتىياجنى چۈشىنىپ، تۈگۈننى تېپىپ چىقىپ، ئۈزلۈكسىز سىناپ، كەيپىياتنى بوشاشتۇرۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ بالىسىغا ئەڭ ماس كېلىدىغان ئۇسۇلنى تاپقىلى بولىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى