ساغلاملىق

يىيىش بىلەن ھەرىكەت تەڭپۇڭلاشقاندا، بالىلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ نورمال بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاشقا ياردىمى بولىدۇ

جۇڭگو كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى ئوزۇقلۇق ۋە ساغلاملىق ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى خۇ شياۋچىنىڭ قارىشىچە، تەرتىپلىك ئوزۇقلانغان يېمەك-ئىچمەك بىلەن ئىلمىي يېتەرلىك ھەرىكەت قىلىش بالىلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ نورمال بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاشتىكى ئەڭگۈشتەر بولۇپ، مۇھىمى بۇ ئىككىسىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشتا ئىكەن.

1. ئۈچ ۋاق تاماق مىقدارى مۇۋاپىق، تەرتىپلىك بولۇشى كېرەك. ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ بىر كۈنلۈك ئۈچ ۋاق تامىقىدا، يېمەكلىك تۈرىنىڭ كۆپ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، تاماق يېگەندە كۆپرەك چايناپ، ئاستا يۈتۈش كېرەك. ئىككى ۋاق تاماقنىڭ ئارىلىقى 4 سائەتتىن ~6 سائەتكىچە مۇۋاپىق بولۇش، ئۈچ ۋاق تاماقنىڭ ۋاقتىدا، بەلگىلەنگەن مىقداردا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بۇنىڭ ئىچىدە ناشتا كۈنلۈك ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %25~%30نى، چۈشلۈك تاماق %30~%40نى، كەچلىك تاماق %30~%35نى ئىگىلەش كېرەك. ناشتىلىق ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، كۈندە چوقۇم يىيىش، ناشتىدا ئوزۇقلۇقىنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، يېمەكلىك تۈرلىرى دانلىق زىرائەت، تاتلىق بەرەنگى تۈرى، قۇش ۋە ھايۋانات گۆشى، تۇخۇم تۈرى، سۈت تۈرى ياكى پۇرچاق تۈرى ھەمدە ئۇنىڭدىن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلىرى ۋە يېڭى كۆكتات-مېۋە قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە چۈشلۈك تاماقنى ياخشى، تويغىچە يىيىش؛ كەچلىك تاماقتا مايسىز، ئاسان ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى ئاساس قىلىش كېرەك.

2. تورت، تاتلىق تۈرۈم ۋە ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى ئۈچ ۋاق تاماق ئورنىدا يېمەسلىك كېرەك. يېمەكلىك مايسىز بولۇشى، تۇز، قەنت ۋە ياغ تەركىبى يۇقىرى تېز تاماقلارنى ئاز يىيىش. ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق تاللاش، ئىچىملىك سۇ يېتەرلىك بولۇش، قەنت تەركىبلىك ئىچىملىكلەرنى ئىچمەسلىك، مايدىن ئۆتكۈزۈلگەن، تۇز ۋە قەنت تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى ئۇششاق-چۈششۈك يېمەكلىك ئورنىدا يېمەسلىك كېرەك.

3. ئىچىملىك سۇنى ئاز مىقداردا، كۆپ قېتىم، كۈندە 800 مىللىلىتىردىن 1400 مىللىلىتىرغىچە ئىچىش. ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار قايناقسۇنى ئالدىن تاللاش قىلىش، بىر سائەت ئەتراپىدا بىر قېتىم ئىچىش، ھەر قېتىمدا 200 مىللىلىتىر ئىچىش، ھەرگىزمۇ ئېغىز قۇرۇغىچە سۇ ئىچمەيدىغان ئىشنى قىلماسلىق. قەنتلىك ئىچىملىكلەرنى ئىچمەسلىك ياكى ئاز ئىچىش كېرەك. ھاراق ئىچىش چەكلىنىدۇ.

4. كۈندە مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىشقا، سىرتقى پائالىيەت ۋاقتىنى كۆپەيتىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ سىرتقى پائالىيەت ۋاقتىنى كۆپەيتىش، كۈندە ئاز دېگەندىمۇ 60 سېكۈنت قاتارلىق كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى يۇقىرى بەدەن ھەرىكىتى قىلىش، ئوكسىگېنلىق ھەرىكەتنى ئاساس قىلىش، ھەر قېتىم 10 مىنۇتتىن كۆپرەك ھەرىكەت قىلىش كېرەك.

6. تىنچ ھالەتتىكى تۇرمۇش ۋاقتىنى ئازايتىش كېرەك. ھەر ۋاقىت ھەر جايدا پائالىيەت قىلىش، مەسىلەن، مەكتەپكە بارغان ۋە قايتقاندا مېڭىش، ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىش قاتارلىقلار. ئۇزاق ئولتۇرۇپ ھەرىكەت قىلماسلىق ۋە ئۇزاق ۋاقىت ئېكرانغا قاراش ۋاقتىنى ئازايتىش، بالىنى بىر سائەت ئولتۇرغاندىن كېيىن 10 مىنۇت ھەرىكەت قىلىشنى ئەسكەرتىش كېرەك. ئەڭ ياخشىسى ياتاق ئۆيگە تېلېۋىزور، كومپىيۇتېر قويماسلىق، يان تېلېفون، كومپىيۇتېر ئىشلىتىش ۋاقتى بىلەن تېلېۋىزور كۆرۈش ۋاقتى قاتارلىق ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىشنى ئازايتىش، كۈندىلىك ئېكرانغا قاراش ۋاقتى ئىككى سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىك كېرەك.

7. يېتەرلىك ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كۈندە 10 سائەت، تولۇقسىز مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كۈندە 9 سائەت، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كۈندە 8 سائەت ئۇخلاش كېرەك.

 

نۇر تورىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . مەن ، ئاددىيلىقنى ياقتۇرىمەن ! شۇڭىلاشقا بۇ بىلوگنىمۇ ئاددىيلا بېزىدىم ، بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۈنۇپكىسى