ساغلاملىق

سۈنئىي ھامىلە چۈشۈرۈش: قىز-ئاياللارنىڭ ئازابى

23 ياش 12 قېتىم ھامىلە چۈشۈرگەن، 21 ياش يەتتە قېتىم ھامىلە چۈشۈرگەن، 18 ياش تۆت قېتىم ھامىلە چۈشۈرگەن…. مەلۇم بىر دوختۇرخانىدىكى كېسەللەر ئارخىپى خاتىرىسىدە بۇ سانلىق مەلۇماتلار تۇراتتى، بۇ سانلاردىن قارىغاندا، ھامىلە چۈشۈرگەنلەرنىڭ يېشى بارغانسېرى كىچىكلەپ ھامىلە چۈشۈرۈش قېتىم سانى كۆپلەۋاتاتتى.

يېڭى يىلدىن كېيىن 27 ياشلىق خۇبېيلىق قىز شياۋ جۈ (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئۆزىنىڭ 17-قېتىملىق ھامىلە چۈشۈرۈشى بىلەن تورداشلارنىڭ قىزغىن تەھلىل قىلىش ئوبيېكتىغا ئايلاندى، شياۋ جۈنىڭ بالىياتقۇسى ئېغىر زەخمىلەنگەن بولۇپ، بالىياتقۇسى نېپىزلەپ بىر پارچە قەغەزدەكلا بولۇپ قالغان، بۇ قېتىملىق ھامىلە چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيەسىدىن كېيىن ئۇ بەلكىم مەڭگۈ ئانا بولالماسلىقى مۇمكىن ئىكەن.

سۈنئىي ھامىلە چۈشۈرۈش: قىز-ئاياللارنىڭ ئازابى

توققۇز مىليون قېىتملىق ھامىلە چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيەسىنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇلغان ھەقىقەت

سۈنئىي ھامىلە چۈشۈرگەندىن كېيىنكى ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش تۈزۈلمىسى (2018-يىللىق نۇسخىسى) دا كۆرسىتىلىشىچە، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان جۇڭگودىكى سۈنئىي ھامىلە چۈشۈرگەنلەرنىڭ سانى تەخمىنەن توققۇز مىليونغا يەتكەن، ئادەمنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغايدىغان دۇنياغا كۆز ئېچىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن بالىلارغا ئىچ ئاغرىتقاندىن باشقا بىز بۇ ئاياللارغا شۇنى دەيمىزكى، سۈنئىي ھامىلە چۈشۈرۈش سىز ئويلىغاندەك ئۇنداق ئاددىي ئەمەس!

«پەقەت دوختۇر بىلىدۇ» پىروگراممىسىدا شيېخې دوختۇرخانىدىكى دوختۇر جاڭ يۈ سۈنئىي ھامىلە چۈشۈرۈشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى سۆزلەپ ئۆتكەن:

سۈنئىي ھامىلە چۈشۈرۈش باشلانغان ۋاقىتتا مەنپىي بېسىم ئارقىلىق بالا ۋە بالا ھەمرىيى تارتىپ چىقىرىلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا بىمار ئانچە ئاغرىقنى ھېس قىلمايدۇ، ئارقىدىنلا بالىياتقۇنى قىرىپ تازىلايدۇ، قىرىپ تازىلاش ئەسۋابى بالىياتقۇ مۇسكۇللىرىغا يېقىنلاشقاندا بىمار قاتتىق ئاغرىقتىن چىدىيالماي كېتىدۇ، بالا ۋە بالا ھەمرىيى ئېلىۋېتىلگەندىن كېيىن بالىياتقۇ شىددەت بىلەن تارىيىدۇ، دوختۇر بېشىدا بىمالال بالىياتقۇغا كىرگۈزگەن ئەسۋابلارنى تارتىپ چىقىرىشنىڭ تەسلەشكەنلېكىنى بايقايدۇ، بۇ ئالامەتلەرگە ئاساسلىنىپ دوختۇر بالىياتقۇنى قىرىپ تازىلاشتىن توختايدۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاغرىتماي ھامىلە چۈشۈرۈش بارلىققا كەلدى، ھامىلە چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيەسى بىمارنى پۈتۈن مەست قىلغان ھالەتتە ئېلىپ بېرىلغاچقا، بىمارلار ھېچقانچە ئاغرىقنى سەزمەيدىغان بولدى.

سۈنئىي ھامىلە چۈشۈرۈش: قىز-ئاياللارنىڭ ئازابى

ئاغرىتماي ھامىلە چۈشۈرۈش ئۇنداق ئاسان ئەمەس

نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئاغرىتماي ھامىلە چۈشۈرۈش پەقەتلا بىر ئۇخلاپ ئويغانغاندەكلا ئىش دەپ ئويلايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئاغرىتماي ھامىلە چۈشۈرۈش پەقەت ئوپېراتسىيە داۋامىدا بىمار ئاغرىقنى ھېس قىلالمايدۇ دېگەنلىك، ئۇنىڭ ئازابى يەنىلا مەۋجۇت، ئەكسىچە ئوپېراتسىيە داۋامىدا پۈتۈن بەدەن مەست ھالەتتە تۇرىدىغان بولغاچقا، خەتەرلىك ئەھۋال يۈز بەرسىمۇ بىمار ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرالمايدۇ، ئاخىرىدا ئېغىر ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ.

ئادەتتە سۈنئىي ھامىلە چۈشۈرگەندىن كېيىن ئاسانلا ھامىلە تولۇق چۈشمەسلىك، بالىياتقۇ تېشىلىپ كېتىش، زىيادە كۆپ قان چىقىپ كېتىش ۋە ھامىلە چۈشۈرگەندىن كېيىنكى ئۇنۋېرسال كېسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ئاسانلا ئادەت قالايمىقانلىشىش، بالىياتقۇ بوينى چاپلىشىپ قېلىش، داس بوشلۇقى ياللۇغى، بالىياتقۇ ياللۇغلىنىش، سۈت بېزى راكى قاتارلىق كېسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ. كۆپ قېتىم ھامىلە چۈشۈرۈش ئاسانلا تۇغماسلىق، بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇپ قېلىش، بۇرۇن يەڭگىش، تۇغۇتتىن كېيىن كۆپ قان چىقىپ كېتىش قاتارلىق ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ، تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، تۆت قېتىمدىن ئارتۇق بالا چۈشۈرگەندە تۇغماس بولۇش قېلىش نىسبىتى %90 يۇقىرى بولىدىكەن.

ئەڭ قورقۇنچلۇقى شۇكى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قارا نىيەت دوختۇرخانىلار ئاغرىتماي ھامىلە چۈشۈرۈش ئاغرىتمايدۇ، ئوپېراتسىيە قىلىپ بولۇپلا كېتىشكە بولىدۇ، ئوقۇغۇچىلارغا يېرىم باھا ئېتىبار قىلىنىدۇ دېگەندەك ئېلانلار بىلەن كىشىلەرنى قايمۇقتۇرماقتا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاغرىتماي ھامىلە چۈشۈرۈش سەۋەبلىك جېنىدىن ئايرىلغان مىساللار ناھايىتى كۆپ، يۈننەن ئۆلكىسى جىنپىڭ شەھىرىدىكى 18 ياشقا توشمىغان قىز ھامىلە چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئوپېراتسىيە كارۋىتىغا چىقىپ ئۈچ مىنۇت ئىچىدىلا جان ئۈزگەن، ئەنخۇي ئۆلكىسى ۋۇخۇ شەھىرىدىكى 26 ياشلىق قىز بىر يىل ئىچىدە تۆت قېىتم ھامىلە چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇپ ئاخىرىدا بەدىنى بەرداشلىق بېرەلمەي ئۆلۈپ كەتكەن، خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسى چىتەيخې شەھىرىدىكى ناياڭ ئىسىملىق قىز ئاغرىتماي ھامىلە چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيەسى داۋامىدا ئۆلۈپ كەتكەن……

سۈنئىي ھامىلە چۈشۈرۈش: قىز-ئاياللارنىڭ ئازابى

بۇ دۇنياغا كۆز ئاچمىغان بالىنى ئۆلتۈرۈش ناھايىتى رەزىللىك

كۆپ قىسىم ھامىلە چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيەلىرى ھامىلىدار بولۇپ 12 ھەپتە ئىچىدە قىلىنىدىغان بولۇپ، كۈچلۈك شوراپ تارتىش كۈچىگە ئىگە ئەسۋاب ئارقىلىق ھامىلە شوراپ چىقىرىلىدۇ، بۇنداق ئەسۋابنىڭ شوراش كۈچى ئائىلىدە ئىشلىتىدىغان چاڭ-توزان سۈمۈرگۈچنىڭ شوراش كۈچىنىڭ 25 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، بۇ ئەسۋاب ئارقىلىق ھامىلىنىڭ بەدىنى يىرتىپ چىقىرىلىدۇ، ئاخىرىدا كاللىسىنى قىسقۇچتا ئېزىپ كىچىكلەتكەندىن كېيىن سۈمۈرگۈچ ئارقىلىق سۈمۈرۈپ چىقىرىلىدۇ.

ھامىلدار بولغىنىغا 24-13 ھەپتىگىچە بولغان ھامىلدارلارغا نىسبەتەن رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك بالىياتقۇنى چوڭايتىپ ھامىلە چۈشۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىدۇ، قىسقۇچ ئارقىلىق بالىنىڭ ھەممە ئەزالىرى بىر-بىرلەپ ئېلىۋېتىلىدۇ.

سۈنئىي ھامىلە چۈشۈرۈش: قىز-ئاياللارنىڭ ئازابى

ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۆمۈرلۈك ئىش

ھامىلە چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيەسى پەقەت توي قىلىپ بولغان ئاياللارنىڭلا ئازابى ئەمەس، نۇرغۇنلىغان قۇرامىغا يەتمىگەن، توي قىلمىغان قىز-ئاياللارمۇ بۇنىڭ ئازابىنى تارتىۋاتىدۇ، مۇناسىۋەتلىك سىتاستىكىلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ھامىلە چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغانلارنىڭ ئىچىدە 25 ياشتىن تۆۋەنلەر %47.5 نى ئىگەللەيدىكەن، ئەمەلىيەتتە مۇھەببەتلىشىش خاتا ئەمەس، لېكىن مۇھەببەتنى دەپ جانغا زامىن بولۇش ئەڭ چوڭ خاتالىق، شۇڭلاشقا ئاياللار مەيلى قانچە ياشتا بولسۇن، بالىلىق بولۇشقا تەييارلىقى يوق ئەھۋال ئاستىدا چوقۇم بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئىشلىتىش كېرەك.

سۈنئىي ھامىلە چۈشۈرۈش: قىز-ئاياللارنىڭ ئازابى

ھامىلە چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلىپ بولغاندىن كېيىن قانداق قىلىش كېرەك؟

ھامىلە چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلىپ بولغاندىن كېيىن چوقۇم ياخشى كۈتۈنۈش، تازىلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش، ئىچ كىيىملەرنى دائىم ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، ھەر كۈنى جىنسىي ئورۇننى يۇيۇش، ياللۇغلىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى