تەرمىلەر

ھامىلە چۈشۈرۈش چەكلەنگەن دۆلەتتىكى ئاياللارنىڭ ئامالى كۆپ

تايلاند شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا جايلاشقان پادىشاھلىق تۈزۈمدىكى دۆلەت. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ئىچىدە ساياھەتچىلىكى ئەڭ ياخشى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغاچقا، شۇڭا كۆپلىگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن. ھازىرقى تايلاندنىڭ ساياھەت ساھەسىدىمۇ يىراق-يېقىنغا داڭقى چىققاچقا، شۇڭا دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، تايلاند ھۆكۈمىتىمۇ قاتتىق باش قاتۇرۇپ، شۇ جايدا بىر يۈرۈش مۇلازىمەت بارلىققا كەلگەن. بۇ دۆلەتتە ھامىلە چۈشۈرۈشكە يول قويۇلمايدۇ.

ھامىلە چۈشۈرۈش چەكلەنگەن دۆلەتتىكى ئاياللارنىڭ ئامالى كۆپ

ھامىلە چۈشۈرۈش چەكلەنگەن دۆلەتتىكى ئاياللارنىڭ ئامالى كۆپ

گەرچە، بۇ دۆلەتنىڭ نوپۇسى ئىزچىل تېز سۈرەتتە ئېشىش ھالىتىدە تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ھامىلە چۈشۈرۈشكە يول قويۇلمايدۇ. دەل شۇ سەۋەبتىن ئادەمنىڭ قىزىقىشىنى قوزغايدۇ، تايلاند ھامىلە چۈشۈرۈشكە يول قويمىسا، ئۇنداقتا كۈتۈلمىگەن ئەھۋالدا تۇغۇلغان بالىلارنى قانداق قىلىدۇ؟ بەزىلەر مەخسۇس مۇشۇ مەسىلە ئۈچۈن تايلاندتا زىيارەتتە بولغان، گەرچە ھامىلە چۈشۈرۈش چەكلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن بەزىلەر يەنىلا چۈشۈرىدۇ، تېخى ناھايىتى ئومۇملاشقان. مەسىلەن، ئانچە مۇنتىزىم بولمىغان دوختۇرخانىلارنى تېپىپ يوشۇرۇن ھامىلە چۈشۈرىدۇ. يەڭ ئىچىدە ھامىلە چۈشۈرۈشتىن باشقا، كۆپلىگەن كىشىلەر مۇنتىزىم دوختۇرخانىدا بالىنى يەڭگىگەندىن كېيىن كۆيدۈرۈۋېتىدۇ، بۇنداق ئۇسۇل ئاڭلىماققا بەك رەھىمسىزدەك بىلىنىدۇ، لېكىن تايلاندلىقلارنىڭ نەزىرىدە، بۇ خىل ئۇسۇلنى يولغا قويۇشمۇ تاشلىۋېتىلىدىغان ھامىلىلەرگە بولغان ئەڭ چوڭ «ھۆرمەت» ھېسابلىنىدۇ. تايلاندتىكى بىر قىسىم تەرەققىي قىلمىغان يېزىلاردا كۆيدۈرۈشتىن باشقا يەنە يەرگە دەپنە قىلىش ئۇسۇلى بار. نېمىلا دېگەن بىلەن ھامىنى تۇپراققا قايتىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر بۇنداق بولغاندا «ھامىلىنى مەنبەگە قايتۇرغىلى بولىدۇ» دەپ قارايدۇ. يەنە بىر خىل ئۇسۇل تېخىمۇ رەھىمسىز، بەزىلەر ھامىلىنى يەڭگىگەندىن كېيىن بىۋاسىتە ئەخلەت ساندۇقى ياكى دەرياغا تاشلىۋېتىدۇ، بۇ خىل بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى يېزا شىپاخانىلىرى ۋە بەزى شەخسىي دوختۇرخانىلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ.

ھامىلە چۈشۈرۈش چەكلەنگەن دۆلەتتىكى ئاياللارنىڭ ئامالى كۆپ

تايلاندتىكى قارا ئامبۇلاتورىيەدە ھامىلە چۈشۈرۈشنىڭمۇ بازار باھاسى بار، ئادەتتە ھامىلدار بولغىنىغا ئۈچ ئاي بولغاندا، ھامىلە چۈشۈرۈش خىراجىتى تەخمىنەن 5000 تايلاند باختى (تەخمىنەن 1000 يۈەن) ئەتراپىدا بولىدۇ، ھامىلىدار بولغىنىغا بەش ئايدىن ئاشقان بولسا، قىممەترەك بولۇپ، 30 مىڭ تايلاند باختى كېتىدۇ. ئىلگىرى تايلاند ساقچى تەرەپنىڭ بىر ئىبادەتخانىدىن 2000 بوۋاقنىڭ جەسىتىنى تاپقانلىقى ئېسىڭلاردا بارمۇ؟

بۇ دېلو تايلاندنىڭ باڭكوك شەھىرىدە يۈز بەرگەن بولۇپ، ئەينى چاغدا دۇنيانى ھەمدە كۆپلىگەن تايلاندلىقلارنى ھەيران قالدۇرغان، ئەمما يەنە ھامىلە چۈشۈرۈشنىڭ تايلاندتىكى بىر ئىجتىمائىي مەسىلە بولۇپ قالغانلىقىنى ياندىن ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن.

ھامىلە چۈشۈرۈش چەكلەنگەن دۆلەتتىكى ئاياللارنىڭ ئامالى كۆپ

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تايلاند ھۆكۈمىتىمۇ خەلقنىڭ ھامىلە چۈشۈرۈشىگە ئامال قىلالمىغان بولۇپ، بۇ ئىشمۇ بىر ئىجتىمائىي مەسىلىگە ئايلانغان، لېكىن ھازىرغىچە تايلاند ھۆكۈمىتىمۇ ھامىلە چۈشۈرۈشكە ئالاقىدار قانۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزمىگەن، شۇڭا تايلاندتىكى مۇنتىزىم دوختۇرخانىلاردا ھامىلىنى سۈنىي ئۇسۇلدا چۈشۈرۈۋېتىش دېگەن گەپ يوق، تايلاندتا ھامىلىدار بولغان بەزى چەتئەللىكلەر ھامىلە چۈشۈرمەكچى بولسا يەنە ئۆزىنىڭ دۆلىتىگە بېرىپ چۈشۈرىدۇ.

سىلەر تايلاندتىكى بۇ خىل ئىجتىمائىي مەسىلىگە قانداق قارايسىلەر؟

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى