تاماقتىن كېيىن بەش مىنۇت تامغا يۆلىنىپ تۇرۇشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى
ناۋادا بىز ھەر كۈنى تاماق يەپ بولۇپ ئورنىمىزدا مىدىرلىماي ئولتۇرساق، يېگەن تاماقلىرىمىز تېزلا ھەزىم بولۇپ مايغا ئايلىنىپ، بەل، كاسسا قاتارلىق جايلارغا يىغىلىۋالىدۇ-دە، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ سەمىرىپ كېتىمىز. ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك؟
تاماقتىن كېيىن تامغا يۆلىنىپ تۇرۇپ سىناپ بېقىڭ!
بۇ ھالەتنى ساقلاش كىشىنى ناھايىتى ھاردۇرۇپ، ئىسسىقلىقنى تارقىتىپ، ماي پارچىلايدىغان بولغاچقا، تەبىئىيلا ئورۇقلىتىدۇ. تاماقتىن كېيىن تامغا يۆلىنىپ تۇرغاندا، ياخشى بولغان ئورۇقلاش ئۈنۈمىگە ئېرىشىش ئۈچۈن چوقۇم توغرا بولغان ھالەتنى ساقلاش كېرەك.
دۈمبىنى تام تەرەپكە قارىتىپ، ئىككى پۇتنى يەرگە تۈز چاپلاپ، ئوشۇقنى جۈپلەپ، تۆۋەنكى بەدىنىمىزنى تامغا چىڭ چاپلاپ تۇرىمىز. بېلىمىزنى 60 گىرادۇس ئېگىپ، بېلىمىزنىڭ يۇقىرى قىسىمىنى تامدىن ئازراق يۆتكەيمىز.
قولىمىز بىلەن قورساقنى بېسىپ ئىچىگە تارتىمىز، ئاندىن ئاستا-ئاستا بەدىنىمىزنىڭ يۇقىرى قىسىمىنى يەنى بەل ئومۇرتقىسى، كاسسا، بەلدىن تارتىپ مۈرىگىچە ئاخىرىدا ئارقا مېڭىمىزنى تامغا چاپلاپ تۇرىمىز، مۈرىمىزنى تىك تۇتىمىز، بۇ ۋاقىتتا مۈرىڭىز بىلەن قورسىقىڭىزنىڭ ئېچىشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىسىز.
مۇشۇ ھالەتنى ئۆزگەرتمەي 15 مىنۇت (يېڭى ئۆگەنگۈچىلەر بەش مىنۇتتىن يۇقىرى بەرداشلىق بېرىشى كېرەك)تىن كېيىن ئەسلىڭىزگە قايتىپ، پۇت ۋە قوللىرىڭىزنى سىلكىپ ئۆزىڭىزنى قويىۋېتىڭ.
ھەر كۈنى تاماق يەپ بولۇپ بەش مىنۇت بەرداشلىق بېرىڭ، چوقۇم ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرۇڭ، ئويلىمىغان ئۈنۈمگە ئېرىشىسىز!