ساغلاملىق

كۆپرەك سۇ ئىچىپ بەرسە ئورۇقلىغىلى بولامدۇ؟

كۆپرەك سۇ ئىچىپ بەرسە ئورۇقلىغىلى بولامدۇ؟ سۇ ئىچىش ئۇسۇلىنى توغرا ئىگىلىسىڭىز، ئاستا-ئاستا ئورۇقلىيالايسىز.

كۆپرەك سۇ ئىچىپ بەرسە ئورۇقلىغىلى بولامدۇ؟

كۆپرەك سۇ ئىچىپ بەرسە ئورۇقلىغىلى بولامدۇ؟

جاۋابى: بولىدۇ.

كۆپرەك سۇ ئىچىپ بەرسە ئورۇقلىغىلى بولامدۇ؟

سۇ ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى، سۇ بولمىسا ھەرقانداق ھاياتلىق تېزلا خازان بولىدۇ. سۇ ھاياتلىقنىڭ ۋاسىتىسى، شۇنداقلا بەدەندىكى قان ئايلىنىش، ماددا ئالمىشىشتىكى زۆرۈر ماددا. بەزىلەر سۇنى كۆپ ئىچسە ئاسان سەمىرىپ كېتىدۇ دەيدۇ. روشەنكى، بۇنداق سۆز پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. چۈنكى سېمىزلىك ياغنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەنلېكىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، سۇ ئىچىش ماينىڭ بىرىكىشىنى ئىلگىرى سۈرمەيدۇ ھەمدە سىزنى سەمرىتىۋەتمەيدۇ. ئەكسىچە، سۇنى كۆپ ئىچىش ئورۇقلاشقا پايدىلىق.

كۆپرەك سۇ ئىچىپ بەرسە ئورۇقلىغىلى بولامدۇ؟

نۇرغۇن كىشىلەر سۇ ئىچىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ، ئۇسسىغاندا ئاندىن سۇ ئىچىدۇ. پەقەت ئۇسسىغاندا ئاندىن سۇ ئىچمەڭ، بۇ ۋاقىتتا بەدىنىڭىز ئاللىقاچان سۇ كەمچىل ھالەتتە بولۇپ، مېتابولىزمنىڭ ئايلىنىشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ. بىز ئادەتتە تەشەببۇسكارلىق بىلەن سۇ ئىچىشىمىز كېرەك، لېكىن ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى بولغان ئىچىملىكلەرنى ئىچمەسلىكىمىز، ئارتۇقچە ئىسسىقلىقنىڭ قوبۇل قىلىشىدىن ساقلىنىشىمىز كېرەك. ئىچىملىك ئىچىشنى ياخشى كۆرىدىغان، سۇ ئىچىشنى ياخشى كۆرمەيدىغان كىشىلەر تېخىمۇ ئاسان سەمرىپ كېتىدۇ. يەنە بەدەننىڭ ئوكسىدلىنىشىنى تېزلىتىپ، قېرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئورۇقلاش مەزگىلىدە، سۇنى كۆپ ئىچىدىغانلارنىڭ ئورۇقلاش سۈرئىتىمۇ سۇنى ياخشى كۆرمەيدىغانلارغا قارىغاندا تېز بولىدۇ.

ھورۇنلارنىڭ ئورۇقلاش ئۇسۇلى:

سۇ ئىچىشنىڭ ئۆزى بىر ياخشى ئۇسۇل. ئورۇقلاش مەزگىلىدە، ۋاقتىدا سۇ ئىچكەندە، سىزنىڭ ئورۇقلاش سۈرئىتىڭىزنى ھەسسىلەپ ئاشۇرغىلى بولىدۇ! قانداق قىلغاندا توغرا بولغان سۇ ئىچىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئورۇقلىغىلى بولىدۇ؟ ئالدى بىلەن، بىز كۈندىلىك سۇ ئىچىش مىقدارىنى بىلىشىمىز كېرەك. بۇ سۇ ئىچىش مىقدارىغا يېتىش ھەمدە بەدەندە سۇ يېتىشمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، بەدەننى يېتەرلىك ھەرىكەت ئېنېرگىيىسىگە ئىگە قىلىپ ئايلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك. ئورۇقلاش مەزگىلىدە، ھەر كۈنى 2-3Lلىق سۇ ئىچىش، تەخمىنەن 8-10 ئىستاكان سۇ ئىچىش كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىز سۇ ئىچىش ۋاقتىنى توغرا تاللىشىمىز كېرەك.

بىر قانچە سۇ ئىچىش ۋاقتنى ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭ:

1. سەھەر تۇرۇپ بىر ئىستاكان سۇ ئىچسىڭىز:

بەدىنىڭىزنى ئويغىتىپ، قاننىڭ قويۇقلۇقىنى سۇيۇلدۇرۇپ، ئۈچەينى سىلىقلاپ، بەدىنىڭىزنى ھەرىكەتلەندۈرىدۇ، يەنە تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ.

كۆپرەك سۇ ئىچىپ بەرسە ئورۇقلىغىلى بولامدۇ؟

2. ناشتا قىلىپ بىر سائەتتىن كېيىن بىر ئىستاكان سۇ ئىچىش: ناشتا قىلىپ بولغاندىن كېيىن دەرھال سۇ ئىچمەسلىك كېرەك، ئاشقازان ئۈچەي سۇيۇقلۇقىنى سۇيۇلدۇرۇپ، ھەزىم قىلىشقا پايدىسىز. تاماقتىن بىر سائەت كېيىن بىر ئىستاكان سۇ ئىچىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئەگەر ناشتىدىن كېيىن ئۇسسىغاندەك ھېس قىلسىڭىز، ئاز-ئازدىن سۇ ئىچسىڭىز بولىدۇ، لېكىن كۈچەپ ئىچمەڭ.

3. چۈشلۈك تاماقتىن بۇرۇن بىر ئىستاكان سۇ ئىچسە:

كۆپرەك سۇ ئىچىپ بەرسە ئورۇقلىغىلى بولامدۇ؟

سۇ تولۇقلاپلا قالماستىن، يەنە ئاچلىق سېزىمىنى توسۇپ، تاماقنىڭ مىقدارىنى كونترول قىلىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، تاماقتىن بۇرۇن بىر ئىستاكان سۇ ئىچىلسە، تاماقنىڭ ئىسسىقلىق قوبۇل قىلىش مىقدارى 70 ~ 90 كىلوكالورىيە ئەتراپىدا تۆۋەنلەپ كېتىدىكەن. ئوخشاشلا، كەچلىك تاماقتىن بۇرۇن بىر ئىستاكان سۇ ئىچىپ، ئاندىن تاماق يېگەندە، ئىسسىقلىقنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ.

4. چۈشتىن كېيىن سائەت 15تە بىر ئىستاكان سۇ تولۇقلىسىڭىز:

بۇ ۋاقىتتا بەدىنىڭىز بىر قەدەر چارچاپ كېتىدۇ ياكى ئاچ قالىدۇ، ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ بىر ئىستاكان سۇ قۇيۇپ ھەرىكەت قىلىڭ، بىر ئىستاكان سۇ ئىچسىڭىز قورسىقىڭىزنى تويغۇزۇپ، ئىشتىھاڭىزنى ئېچىپ، چۈشتىن كېيىنكى تاماقنىڭ ئېزىقتۇرۇشىدىن يىراق تۇرىسىز. سۇ ئىچىشنى خالىمايدىغان ئادەم لىمون سۈيىنى دەملەپ ئىچسىمۇ بولىدۇ.

كۆپرەك سۇ ئىچىپ بەرسە ئورۇقلىغىلى بولامدۇ؟

5. ئىشتىن چۈشۈشتىن بۇرۇن سائەت 18دە بىر ئىستاكان سۇ تولۇقلىسىڭىز:

كۆپرەك سۇ ئىچىپ بەرسە ئورۇقلىغىلى بولامدۇ؟

ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقىتتا ئۇسسىغاندەك ھېس قىلمايسىز، لېكىن سۇ ئىچىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. ئىچىملىك سېتىۋېلىپ ئارتۇقچە ئىسسىقلىق قوبۇل قىلىشتىن ساقلىنىڭ.

6. ئۇخلاشتىن بىر سائەت بۇرۇن بىر ئىستاكان سۇ ئىچىش. ئۇخلاشتىن بۇرۇن كۆپ سۇ ئىچمەسلىك كېرەك، بولمىسا ئاسانلا كېچىسى ئويغىنىپ، ئۇيقۇ سۈپىتىگە تەسىر يېتىدۇ. ئۇخلاشتىن بىر سائەت بۇرۇن بىر ئىستاكان سۇ ئىچىپ بەدەنگە سۇ تولۇقلاپ، يېرىم كېچىدە ئۇسساشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. توغرا سۇ ئىچىشنى ئۆگىنىۋېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەگەر سىز ساغلام ئوزۇقلىنالىسىڭىز، بەدەن چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتسىڭىز، ئاستا-ئاستا ئورۇقلاپ، غايىڭىزدىكى بەدەن قىياپىتىڭىزنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.

كۆپرەك سۇ ئىچىپ بەرسە ئورۇقلىغىلى بولامدۇ؟

ئورۇقلاش بىر قېتىملىق ئەجىر بىلەن مەڭگۈ راھەت كۆرىدىغان ئىش ئەمەس، ياخشى بەدەن قىياپىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ھەرىكەت ئادىتى، ساغلام يېمەك-ئىچمەك، قانۇنىيەتلىك دەم ئېلىشنى داۋاملاشتۇرغاندىلا، بەدەن قىياپىتىنىڭ سەمرىپ كېتىشىدىن ساقلىنىپ، ساغلام بەدەنگە ئىگە بولغىلى بولىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى