ساغلاملىق

ئورۇقلاش توغرىسىدىكى 40 ھەقىقەت

ئورۇقلاشنىڭ تەسلىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز. ئورۇقلاشقا بەل باغلىغاندىن باشلاپ توردىن ھەرخىل ئورۇقلاش ئۇسۇللىرى توغرىلىق ئىزدەنگەندىن كېيىن، غىزالىنىش ئۇسۇلىمىزنى تەڭشەپ مۇناسىۋەتلىك ھەرىكەتلەرنى ئىشلەيمىز. بىراق ئاخىرىدا يەنىلا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشىشنىڭ تەسلىكىنى بايقايمىز. بەزىدە تىرىشچانلىقىمىزنىڭ ئۈنۈمى بولمىغانلىقىنى بىلگىنىمىزدە، ئىچىمىز ئاچچىق بولۇپمۇ قالىدۇ. ماڭا ئوخشاش خانىم-قىزلار چوقۇم ئاز بولمىسا كېرەك.

ئورۇقلاش توغرىسىدىكى 40 ھەقىقەت

تۆۋەندە ئورۇقلاش توغرىسىدىكى 40 تۈرلۈك ھەقىقەتنى رەتلەپ چىقتۇق. بۇلارنى بىلگەندىن كېيىن، كېيىنكى كۈنلەردىكى ئورۇقلاش سەپىرىڭىزدە ئەگرى يوللارنى ئازراق بېسىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئورۇقلاش توغرىسىدىكى 40 ھەقىقەت

غىزالىنىش جەھەتتە:

1.نەرسە يېيىشتىن بۇرۇن قانچىلىك ئىسسىقلىق مىقدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىگە قاراشقا ئادەتلىنىڭ. ئاز يېيىش ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلىنغان ئىسسىقلىق مىقدارىنىڭ ئازلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. بەزى ئۇششاق يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدىكى ئىسسىقلىق مىقدارى سىزنىڭ ئادەتتىكى نورمال بىر ۋاق تاماق يەپ قوبۇل قىلىدىغان ئىسسىقلىقتىنمۇ يۇقىرى. بىر بولاق ئۇششاق يېمەكلىك تەركىبىدىكى ئىسسىقلىق مىقدارى 500 كىلوكالورىيە كېلىدۇ. بۇ بەش قاچا گۈرۈچ تاماقنىڭ تەركىبىدىكى ئىسسىقلىققا باراۋەر.

2. ئورۇق كىشىلەرنىڭ تاماق يېيىشىگە دىققەت قىلسىڭىز، كۆپ ساندىكى ئورۇق كىشىلەرنىڭ تاماق يېيىش سۈرئىتى بەك ئاستا، تاماقنى تولۇق چايناپ يەيدۇ. تاماقنى ئاستا يېيىش ئورۇقلاشقا بەل باغلىغانلار دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنىڭ بىرىدۇر.

3. سالات تۈرىدىكى تائاملارنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغانلار سالات قىيامىنىڭ ئورنىغا باشقا ئۆسۈملۈك مىيى ياكى ئاچچىقسۇ قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلسا ياخشى. چۈنكى سالات قىيامى، پەمىدۇر قىيامى قاتارلىقلارنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى سىز ئويلىغاندىن خېلى بەك يۇقىرى.

4. يېڭى مېۋە-چىۋە كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىڭ. بىراق مېۋە شەربىتى، مېۋە سۈيى قاتارلىقلارنى ئىچمەڭ. چۈنكى مېۋە سۈيى، مېۋە شەربىتى قاتارلىق ئىچىملىكلەر مېۋىلەرنىڭ تەركىبىدىكى ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تالالارنى سۈزىۋەتكەندىن كېيىن تەييارلىنىدۇ. شۇڭا ئادەمنى ئوڭايلا سەمرىتىۋېتىدۇ.

5. تاماقتىن ئۆزىڭىزنى چەكلىسىڭىز ئورۇقلىيالىشىڭىز ناتايىن، بىراق چوقۇم ئوزۇقلۇق يېتىشمەيدۇ.

6. تۇخۇم ئەرزان ھەم ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى يېمەكلىكتۇر. بىر كۈندە بىر قانچىنى يېسىڭىز بولىۋېرىدۇ.

7. بازاردا سېتىلىۋاتقان قېتىقلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ قەنىت مىقدارى يۇقىرى، ئادەمنى سەمرىتىۋېتىدۇ. ئورۇقلىتىشقا ياردىمى بولىدىغان ھەقىقىي قېتىق ئاچچىق كېلىدۇ. بۇنداق قېتىقنى ياقتۇرىدىغان ئادەملەر بەك ئاز.

8. قېتىقنىڭ مىسالىغا ئوخشاش. بازاردا سېتىلىدىغان ساپ ئۇندىن ياسالغان بولكىلار بىلەن ئادەتتىكى بولكىلارنىڭ پەرقى يوق. كۆپ يېسە ئوخشاشلا ئادەمنى سەمرىتىۋېتىدۇ. ھەقىقىي ساپ ئۇندىن ياسالغان بولكىنىڭ تەمى ياخشى ئەمەس.

9. ئورۇقلىغاندا گۆش يېيىشتىن ئۆزىڭىزنى چەكلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. بېلىق گۆشى، ئورۇق كالا گۆشى، راك قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ياخشى ئاقسىل مەنبەسى بولالايدۇ. ئادەمنى سەمرىتىۋەتمەيدۇ. ئادەم بەدىنىنى ياخشى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ.

10. ئورۇقلىغاندا ماي تۈرىدىكى ئوزۇقلۇقلارنى ئىستېمال قىلمىسا ئادەم قەۋزىيەت بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

11. شوۋىگۈرۈچ ئىچىپ ئورۇقلىغىلى بولمايدۇ. ئەكىسچە شوۋىگۈرۈچ قان تەركىبىدىكى شېكەر مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، قورساقنى ئاچۇرىدۇ. شۇڭا بۇنىڭغا يىرىك ئاشلىق قوشۇپ ئىستېمال قىلىش كېرەك. تاتلىقبەرەنگى بىلەن قوناق ياخشى تاللاش بولالايدۇ.

12.مەخسۇس ئورۇقلىتىدىغان تاماقنى يېگەندە ئورۇقلىغىلى بولىدۇ. بىراق چوقۇم ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. بۇنداق تاماقلارنىڭ تەمى بىر خىللا بولغاچقا، ئىزچىللىقنى ساقلاش تەسكە توختايدۇ. بىراق ماي سېيرىيدىغان تاماقلارنى ئېتىشكە ۋاقتى يوق كىشىلەر ئۈچۈن يەنىلا ياخشى تاللاش بولالايدۇ.

13. ئادەتتە ئىچىملىكلەرنى ئاز ئىچىش كېرەك. ئىچىملىكلەرنىڭ شېكەر تەركىبى يۇقىرى. چاي، قارا قەھۋە قاتارلىقلار ماينى كۆيدۈرىدۇ، لېكىن تەمى ئاچچىق.

14. ئورۇقلايمەن دېسىڭىز شېكەرسىز كولا ئىچسىڭىز بولىدۇ. بىراق شېكەرسىز كولا قورساقنى ئاچۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن باشقا يېمەكلىكلەرنى كۆپ يەپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.

15. بازاردا سېتىلىۋاتقان قاتتىق پوستلۇق يېمەكلىكلەرنىڭ كۆپىنچىسى پىششىقلاپ ئىشلەنگەن، تەركىبىدە ماي بار، شۇڭا ئاز يەڭ.

ئورۇقلاش توغرىسىدىكى 40 ھەقىقەت

ھەرىكەت قىلىش، ئارام ئېلىش توغرىسىدا:

16. كېچىسى ئۇخلىماي تۈنىسە ئادەم ئاسان سەمرىپ كېتىدۇ.

17. ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر ئىستاكان سۈت ئىچكەندە ئادەم سەمرىپ كەتمەيدۇ. سۈت تېخى ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ. ياغ تەركىبى تۆۋەن سۈت بىلەن تولۇق ياغ تەركىبلىك سۈتنىڭ كۆپ پەرقى يوق.

18. بىر كۈندە سەككىز ئىستاكان سۇ ئىچسە ماددا ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. بىراق ئۇخلاشتىن بۇرۇن سۇ ئىچكەندە ئادەم ئوڭايلا سۇ ئىششىقى بولۇپ قالىدۇ.

19. ئادەم ئورۇقلىغاندا يوقىتىشقا تېگىشلىكى سۇ تەركىبى ئەمەس. تەرلەش، تاماقنى چەكلەش بىلەن ئورۇقلاش ناھايىتى تەس. بەدىنىڭىزنى بىكاردىن قىينىماڭ.

20. ئەڭ ئۈنۈملۈك ھەرىكەت يۈگۈرۈش ئەمەس. كۈچ كېتىدىغان مەشىقلەرنى كۆپرەك قىلغاندا ئورۇقلاش ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

21. ئورۇقلىغاننىڭ ئىپادىسى بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ چۈشۈشى بىلەنلا ئىپادىلەنمەيدۇ. بەل ئايلانمىسىنىڭ كىچىكلىشى، بەدەندىكى ماي نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشى ياكى كىيىملىرىڭىزنىڭ كەڭ قېلىپ قېلىشى قاتارلىقلاردىنمۇ بىلگىلى بولىدۇ.

22. دائىرىلىك ئورۇقلاش دەيدىغان ئىش يوق. ئادەم ئورۇقلىسا پۈتۈن بەدەن ئورۇقلايدۇ. بىراق بەدەندىكى بەزى ئەزالارنىڭ شەكلىنى چېنىقىش ئارقىلىق تۈزىگىلى بولىدۇ.

23. ئورۇقلىتىدىغان پايپاق ئادەم ئورۇقلاتمايدۇ. لېكىن بەدەننىڭ قان ئايلىنىشىغا چوقۇم توسقۇنلۇق قىلىدۇ.

24. ھەرىكەت قىلىپ يېرىم سائەتتىن كېيىن ئاندىن ماي خوراشقا باشلايدۇ دېگەن گەپ يالغان. ئادەم ھەرىكەت قىلغان ھامان بەدەندىكى ئىسسىقلىق خوراشقا باشلايدۇ.

25. ھاراقنى ئاز ئىچىڭ. پىۋا قورساق كىشىلەرگە قارىسىڭىزلا ھاراقنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارىنىڭمۇ تۆۋەن ئەمەسلېكىنى بىلەلەيسىز.

ئورۇقلاش توغرىسىدىكى 40 ھەقىقەت

تەن ساپاسى ۋە بەدەندىكى ماددا ئالمىشىش توغرىسىدا

26. مەلۇم نەرسىنى ئىستېمال قىلىش ياكى مەلۇم ھەرىكەتنى قىلىش بىلەنلا ئورۇقلاپ كەتكىلى بولمايدۇ. بۇ ھەرىكەتلەر پەقەت ياردەمچى رول ئوينايدۇ. تۈپتىن ئورۇقلاش ئۈچۈن تۇرمۇش ۋە غىزالىنىش ئادىتىنى ئۆزگەرتىش لازىم.

27. دۇنيادا ئاتالمىش «مەنپىي ئېنىرگېيە»لىك يېمەكلىك يوق. سۇدا ئىسسىقلىق بولمىغاندىن باشقا، قالغان «مەنپىي ئېنىرگېيە» قالپىقى بىلەن سېتىلىۋاتقان مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسى سېتىش تەدبىرىدىن ئىبارەت خالاس.

28. چوقۇم ئورۇقلسام بولاتتى دەپ ئۆزىڭىزگە بېسىم قىلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. تەن ساغلام بولسىلا بولدى.

30. تاماقتىن ئۆزىنى چەكلىگەندە، بەدەننىڭ ماددا ئايلىنىشىمۇ تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. مانا بۇ نېمىشقا ئورۇقلىيالمايدىغانلىقىڭىزنىڭ سەۋەبى.

31. قۇسۇش، قۇستۇرۇش سالامەتلىككە بەك زىيانلىق. بۇ ئادەمنىڭ چايناش مۇسكۇلىنىڭ چوڭىيىپ كېتىشى، چىشنىڭ زەخمىگە ئۇچرىشى، چاچ چۈشۈش، روھسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە زىيادە كۆپ يېيىش ياكى تاماقتىن بىزار بولۇش كېسىلى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىمۇ مۇمكىن.

32. ھەيز مەزگىلىدە تاماقنى كۆپ يېسە ئوخشاشلا سەمىرىپ كېتىدۇ. توردىكى ھەيز مەزگىلىدە كۆپ يېسىمۇ سەمىرىمەيدۇ دېگەن قۇرۇق گەپ.

33. ھەيز مەزگىلىدە ئادەمنىڭ ئېغىرلىقى ئازراق ئاشىدۇ. ئەنسىرەپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق. ھەيز مەزگىلى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ئەسلىگە كېلىدۇ.

34. قەۋزىيەت بولۇپ قالسىڭىز ئەنسىرىمەڭ. تالالىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ، سۇنى كۆپرەك ئىچىپ بەرسىڭىزلا بولىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردا ھەزىمنى ئىلگىرى سۈرىدىغان دورىلارنى ئىستېمال قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ.

35. تەن ساپاسى، بەدەن ئېغىرلىقى، بەل ئايلانمىسى قاتارلىقلاردا بىر ئاينىڭ ئىچىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولمىسا ئاندىن تۇراقلىق ھالەتكە ئۆتكەن بولىسىز.

ئورۇقلاش توغرىسىدىكى 40 ھەقىقەت

باشقا جەھەتلەردە:

36. سېمىزلىك ئىرسىيەت بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. سىزنىڭ سېمىزلىكىڭىز بەلكىم تۇغما بولۇشىمۇ مۇمكىن.

37. ئورۇقلاش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن، ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ ئاي ئۆتكۈنچە مەزگىل بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە ھەپتىدە كەم دېگەندىمۇ ئىككى قېتىم ھەرىكەت قىلىپ چېنىقىش كېرەك.

38. ئورۇقلىغان چاغدا ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش بەك مۇھىم. ئەتىگەنلىك تاماقنى تولۇق يېيىشمۇ بەك مۇھىم.

39. ئورۇقلاشقا ئۇرۇنغاندىن كېيىنمۇ ئورۇقلىيالمىسىڭىز جىلە بولماڭ. ئۆزىڭىزنىڭ بەدەن ساپاسىغا ئاساسەن غىزالىنىش، ئوزۇقلىنىش ۋە ئارام ئېلىش پىلانى تۈزۈپ چىقىپ ئىلمىي ئورۇقلاڭ. بۇنىڭغا خېلى كۆپ ۋاقىت ۋە ئىزچىللىق كېتىدۇ.

40. ئورۇقلاش جاپالىق ھەم ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشتۇرۇشقا تېگىشلىك جەريان. ئورۇقلاشتا سۈرئەتنى قوغلىشىشقا بولمايدۇ. ئاستا-ئاستا ئىلگىرىلىگەندە ئاندىن ساغلام ئورۇقلىغىلى بولىدۇ.

 

ئورۇقلاش توغرىسىدىكى 40 ھەقىقەت

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى