ساغلاملىق

بۇ ھەرىكەتنى 45 كۈن داۋاملاشتۇرسىڭىز، بەدەن شەكلىڭىزدە ھەيران قالارلىق ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئورۇقلاشتا سىز قايسى خىل ھەرىكەت شەكلىنى تاللايسىز؟ ئورۇقلاشتا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ھەرىكەتنىڭ يۈگۈرۈش ئىكەنلىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز.

يۈگۈرۈشنىڭ ماي كۆيدۈرۈش ئۈنۈمى ھەقىقەتەن ياخشى، لېكىن كۆپ ھاللاردا بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلار بىر قەدەر ئاز. چۈنكى يۈگۈرۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت بىر قەدەر ئۇزۇن بولۇپ، ھەر كۈنى 40 مىنۇت ۋاقىتنى يۈگۈرۈشكە سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، بۇنىڭغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان كىشىلەر ھەقىقەتەن كۆپ ئەمەس.

بۇ ھەرىكەتنى 45 كۈن داۋاملاشتۇرسىڭىز، بەدەن شەكلىڭىزدە ھەيران قالارلىق ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئارغامچا سەكرەش ئورۇقلاشتىكى ماي كۆيدۈرۈش ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى ھەرىكەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، كۆپ ساندىكى ئورۇقلاشنى ئويلاۋاتقانلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن، ئۇنىڭ ماي كۆيدۈرۈش ئۈنۈمى ئىنتايىن كۈچلۈك ھەمدە سەرپ قىلىدىغان ۋاقتى بىرقەدەر قىسقا.

يۈگۈرۈشكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئارغامچا سەكرەشنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى روشەن. ئارغامچا سەكرەش تېخىمۇ قىزىقارلىق بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ بەدەن چېنىقتۇرغۇچىلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەن.

بۇ ھەرىكەتنى 45 كۈن داۋاملاشتۇرسىڭىز، بەدەن شەكلىڭىزدە ھەيران قالارلىق ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئارغامچا سەكرەش ئورۇقلىتىپلا قالماي، يەنە مۇسكۇللىرىڭىزنى چېنىقتۇرىدۇ. خىزمەتچىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئارغامچا سەكرەش ئۇزاق ئولتۇرۇشنىڭ بەدەننىڭ تۆۋەنكى قىسمىغا ئېلىپ كېلىدىغان زىيانلىق تەسىرىنى ئۈنۈملۈك پەسەيتىپ، بەدەندىكى ھارغىنلىقنى تۈگىتىپ، بوغۇملارنىڭ جانلىقلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

ئارغامچا سەكرەشكە كېتىدىغان ۋاقىت بىر قەدەر قىسقا بولغاچقا، خىزمەتچىلەر ئۈچۈن ماس كېلىدۇ. ئارغامچا سەكرەش مەيدان تاللىمايدۇ، ئۆيدىلا قىلغىلى بولىدۇ.

بۇ ھەرىكەتنى 45 كۈن داۋاملاشتۇرسىڭىز، بەدەن شەكلىڭىزدە ھەيران قالارلىق ئۆزگىرىش بولىدۇ

بىر قىز ئورۇقلاش ئۈچۈن، ئارغامچا سەكرەشنى تاللاپ، ھەر كۈنى 1000 قېتىم سەكرەشنى داۋاملاشتۇرۇپ، 45 كۈندىن كېيىن، ئورۇقلىيالىغان ئورۇقلىيالمىغانلىقىنى سېلىشتۇرغان.

بۇ قىز ئەسلىدىنلا سېمىز ئەمەس بولۇپ، ئارغامچا سەكرەش ئارقىلىق تېخىمۇ چىرايلىق بەدەنگە ئىگە بولماقچى بولغان. ئۇ دەسلەپتە ئارغامچا سەكرەشكە باشلىغاندا ھەمىشە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، دائىم توختاپ ھاسىرايتتى.

ئەمما، بىر ھەپتە داۋاملاشتۇرغاندىن كېيىن، ئۇ ئارغامچا سەكرەشنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسىگە ماسلىشىپ، 1000 قېتىملىقنى 10 گۇرۇپپىغا بۆلۈپ تاماملىدى، بىر ھەپتىدىن كېيىن بەش گۇرۇپپىغا بۆلدى، بۇنىڭغا كېتىدىغان ۋاقىتمۇ قىسقاردى.

بۇ ھەرىكەتنى 45 كۈن داۋاملاشتۇرسىڭىز، بەدەن شەكلىڭىزدە ھەيران قالارلىق ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئارغامچا سەكرەشنى داۋاملاشتۇرغان ئۈچىنچى ھەپتىسىدە، ئۇ ئۇدا 400 قېتىم سەكرىيەلەيدىغان بولدى. بەدىنىنىڭ جىسمانىي ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئۇدا ئارغامچا سەكرىسىمۇ ھاسىراپ كەتمەيدىغان بولدى.

ئەڭ روشەن بولغىنى شۇكى، دەسلەپتە ئارغامچا سەكرەشكە باشلىغاندا بەدەن مۇسكۇللىرى ئاسانلا سىرقىراپ ئاغرىغان، بولۇپمۇ پاقالچاق مۇسكۇلى تېخىمۇ شۇنداق بولغان. كېيىنچە بۇ ئەھۋاللار ياخشىلىنىپ، ئۇنىڭ مۇسكۇل كۈچى ئېشىپ، تېخىمۇ چىڭىپ كەتكەن.

بۇ ھەرىكەتنى 45 كۈن داۋاملاشتۇرسىڭىز، بەدەن شەكلىڭىزدە ھەيران قالارلىق ئۆزگىرىش بولىدۇ

45 كۈن داۋاملاشتۇرغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بەدەن قىياپىتىدە روشەن ئۆزگىرىش بولغان، دۈمبىسىدىن قارىغاندا پۈتۈن بەدەن شەكلى سەل كىچىكلىگەن، بىلەكلىرى ۋە قورساق قىسمىدىكى گۆشلىرى ئازلىغان.

لېكىن، ئۇنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ، ئەسلىدىكى 53 كىلوگىرامدىن 54.5 كىلوگىرامغا يەتكەن، بەدەن ئېغىرلىقى 1.5 كىلوگىرام ئاشقان، بۇ مۇسكۇلنىڭ ئېغىرلىقىدۇر. چۈنكى مۇسكۇلنىڭ ھەجىمى كىچىك، ماينىڭ ھەجىمى بىر قەدەر چوڭ بولىدۇ.

مۇسكۇللارنىڭ كۆپىيىشى، ياغ مىقدارىنىڭ ئازىيىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ بەدىنى كۆرۈنەرلىك چىڭىغان. گەرچە بەدەن ئېغىرلىقى ئاشقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ بىر ياخشى ئىش ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش سەۋىيەسىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.

بۇ ھەرىكەتنى 45 كۈن داۋاملاشتۇرسىڭىز، بەدەن شەكلىڭىزدە ھەيران قالارلىق ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئارغامچا سەكرەش ئۇنىڭ بەدىنىنى چىڭىتقاندىن سىرت، ئاستا ـ ئاستا ئورۇقلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ روھىي ھالىتىدىمۇ ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بولۇپ، روھىي ھالىتى تېخىمۇ ياخشىلىنىپ كەتكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇنىڭ جىسمانىي ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، روھىي ھالەت جەھەتتە تېخىمۇ ئۈمىدۋار بولۇپ كەتكەن.

ئارغامچا سەكرەشتە چىڭ تۇرغاندا، مۇسكۇللارنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى ئۈنۈملۈك پەسەيتكىلى، شۇنداقلا مۇسكۇللارنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، بەدەننىڭ يۇقىرى ماددا ئالماشتۇرۇش ھالىتىنى ساقلىغىلى بولىدۇ. ئورۇقلاشنى ئويلاۋاتقان بولسىڭىز، يەنە نېمىنى ساقلاۋاتىسىز؟ بۇ نىشانىڭىزنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىڭ!

نۇر تورىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . مەن ، ئاددىيلىقنى ياقتۇرىمەن ! شۇڭىلاشقا بۇ بىلوگنىمۇ ئاددىيلا بېزىدىم ، بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۈنۇپكىسى