ساغلاملىق

بۇ ئادەتلەرنى تاشلىسىڭىز چېنىقمايمۇ ئورۇقلىيالايسىز

ئورۇقلاشنىڭ قانچىلىك جاپالىق ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ ئورۇقلاشقا بەل باغلىغاندىن كېيىن قالايمىقان نەرسىلەرنى يېيىشكە بولمايدۇ، ھەرۋاقىت قوبۇل قىلىۋاتقان ئىسسىقلىققا دىققەت قىلىپ تۇرۇش كېرەك، يەنە تېخى يېتەرلىك ۋاقىت چىقىرىپ راۋۇرۇس تەر چىققۇدەك چېنىقىش كېرەك.

ئادەمنىڭ بەدىنىدىكى ئارتۇق گۆشلەر ئۇزۇن مۇددەت ئىچىدە ئاز ئازدىن توپلانغان. شۇڭا ئورۇقلاپ بۇ ئارتۇق گۆشلەرنى تاشلاش ئۇنچە ئاسانغا توختىمايدۇ. كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشىش ئۈچۈن چوقۇم ئۇزۇن مەزگىل تىرىشىشقا توغرا كېلىدۇ.

بۇ ئادەتلەرنى تاشلىسىڭىز چېنىقمايمۇ ئورۇقلىيالايسىز

بىراق تېگى-تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، سىز ئاۋۋال ئۆزىڭىزنىڭ نېمىشقا سەمىرىپ كەتكەنلىكىڭىزنى بىلىشىڭىز كېرەك؟ باشقىلار بىلەن ئوخشاش مىقداردا تاماق يەيسىز، باشقىلار سەمىرىپ كەتمەيدۇ-يۇ، سىز سەمىرىپ كېتىسىز. بۇنىڭ تېگىگە يەتكەندە ئاندىن ئورۇقلىشىڭىز بىرقەدەر ئاسان بولىدۇ.

بۇ ئادەتلەرنى تاشلىسىڭىز چېنىقمايمۇ ئورۇقلىيالايسىز

ھەرقانداق ئىشنىڭ سەۋەبى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئەتراپىمىزدىكى ئاسانلىقچە سەمىرىپ كەتمەيدىغان كىشىلەرنى ئاددىيغىنا كۆزىتىپ باقساقلا، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتىدىكى ئوخشىماسلىقلارنى بايقىغىلى بولىدۇ. سىزنىڭ سەمىرىپ كېتىشىڭىز بەلكىم سىزنىڭ تۆۋەندە تىلغا ئېلىنغان يامان ئادەتلەرگە كۆنۈپ قالغانلىقىڭىزدىن بولۇشى مۇمكىن.

ياخشى بولمىغان غىزالىنىش ئادىتى ئاسانلا سەمىرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

بۇ ئادەتلەرنى تاشلىسىڭىز چېنىقمايمۇ ئورۇقلىيالايسىز

باشقىلاردىن كۆپ يېمىسىڭىزمۇ، نېمىشقا باشقىلار سەمىرىمەيدۇ-يۇ، سىز سەمىرىپ كېتىسىز؟

بىرىنچىدىن، ئەتىگەنلىك تاماق يېمىگەنلىكتىن ئادەم ئوڭاي سەمىرىپ كېتىدۇ.

تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھەمىشە ئەتىگەنلىك تاماقنى يېمەيدىغانلارنىڭ سەمىرىپ كېتىش نىسبىتى باشقىلارغا قارىغاندا يۇقىرى بولىدىكەن. بۇنىڭ سەۋەبى ئەتىگەنلىك تاماق يېمىگەندە، بەدەن لازىملىق ئوزۇقلۇققا ئېرىشەلمەي، كېيىنكى قېتىملىق تاماق ۋاقتىدا زىيادە كۆپ نەرسىلەرنى يېيىشكە سەۋەب بولىدىكەن.

بۇ ئادەتلەرنى تاشلىسىڭىز چېنىقمايمۇ ئورۇقلىيالايسىز

بەدەننىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشى چۈشتىن بۇرۇن ئەڭ كۈچلۈك بولىدۇ، كەچ بولغانسېرى ئاجىزلىشىدۇ. شۇڭا ئەتىگەنلىك تاماق يېمەي، چۈشتىن كېيىن كۆپ تاماق يېگەندە بەدەنگە تېخىمۇ كۆپ ماي يىغىلىپ قالىدىكەن؛ ئۇنىڭدىن باشقا تاماق يېگەن قېتىم سانى ئاز بولسا، قاندىكى قەنت مىقدارىدا ئۆزگىرىش چوڭ بولىدۇ، بۇ ئىنسۇلىننىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ماي تېخىمۇ كۆپ يىغىلىپ قالىدۇ.

ئىككىنچىدىن، بەك تېز تاماق يېيىشمۇ ئادەمنىڭ سەمىرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

تاماقنى ئاچ بۆرىدەك ھاپىلا-شاپىلا يېيىش ياخشى ئىش ئەمەس. باشقىلار چوكا-قوشۇقلىرىنى مىدىرلىتىپ بولغۇچە تامىقىڭىزنى يەپ بولسىڭىز، بۇ ئانچە چىرايلىق تۇرىدىغان ئىشمۇ ئەمەس.

بۇ ئادەتلەرنى تاشلىسىڭىز چېنىقمايمۇ ئورۇقلىيالايسىز

تاماقنى تېز يېگەندە، بىرىنچىدىن ئادەم ئوڭايلا كۆپ يەۋالىدۇ، ئىككىنچىدىن قاندىكى قەنت مىقدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ياپونىيەدىكى بىر پروگرامما تاماقنى تېز يېيىشنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىغا بولغان تەسىرى توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بارغان. پروگراممىغا قاتناشقانلار تاماق يېيىش سۈرئىتىنى ئاستىلاتقاندىن كېيىن، قىسقىغىنا 10 كۈن ئىچىدە تۆت كىلو ئورۇقلىغان.

غىزالىنىشنىڭ تەرتىپلىك بولماسلىقىمۇ ئادەمنىڭ سەمىرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

خىزمەت، ھورۇنلۇق تۈپەيلى ياكى ئورۇقلاش قارارىغا كەلگەنلىكتىن ئادەمنىڭ غىزالىنىشى تەرتىپسىز بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ھەممىسىن سالامەتلىك مۇھىم، بۇنىڭ ئۈچۈن تاماقنى چوقۇم ۋاقتىدا يېيىش كېرەك. تاماقنى ۋاقتىدا يېمىگەندە ئاشقازان يارىسى، بەدەندىكى ماددا ئالمىشىشنىڭ قالايمىقانلىشىپ كېتىشى دېگەندەك مەسىلىلەر كېلىپ چىقىدۇ.

ئۇششاق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىشمۇ ئادەمنى سەمىرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بۇ ئادەتلەرنى تاشلىسىڭىز چېنىقمايمۇ ئورۇقلىيالايسىز

ئۇششاق يېمەكلىكلەرنىڭ قۇۋۋىتى يوق بولۇپلا قالماي يەنە ئىسسىقلىقى يۇقىرى، 100 گرام بەرەڭگە قەلەمچىسىنىڭ ئىسسىقلىقى 500 كىلو كالورىيەگە يېتىدۇ. بىزنىڭ ئادەتتە يەيدىغان تامىقىمىزدىن 100 گىرام گۈرۈچ ئېشىنىڭ ئىسسىقلىقى ئاران 110 كىلوكالورىيە ئەتراپىدا. شۇڭا ئازراقلا ئۇششاق يېمەكلىك يېگەنگە سەمىرىپ كېتەمتىم دەپ ئويلاپ قالماڭ. ئادەمنىڭ ئورۇقلىيالماسلىقىدا چوقۇم سەۋەب بولىدۇ.

ئۈچىنچىدىن، قايماق چاي قاتارلىق ئىچىملىكلەرمۇ ئادەمنى ئاسان سەمىرىتىدۇ.

بەزى كىشىلەر ئىچىملىكلەرنى ئىچىشنى بەك ياخشى كۆرىدۇ. بىرەر ۋاخ تامىقىدا ئىچىملىك كەم بولۇپ قالسا كۆڭلى يېرىم بولۇپ، گېلىدىن غىزا ئۆتمەيدىغان كىشىلەرمۇ ئاز ئەمەس.

بۇ ئادەتلەرنى تاشلىسىڭىز چېنىقمايمۇ ئورۇقلىيالايسىز

ئادەتتە نۇرغۇن كىشىلەر ئىچىشنى ياخشى كۆرىدىغان سۈتلۈك چاي قاتارلىق ئىچىملىكلەرنىڭ تەركىبىدىكى شىكەر مىقدارى بەك يۇقىرى. ئادەم بەدىنى شىكەرگە مۇھتاج، بىراق قوبۇل قىلغان شىكەر ئېھتىياجدىن ئېشىپ كەتسە، خورىمىسا بەدەندە مايغا ئايلىنىپ جۇغلىنىپ تۇرىدۇ.

ھازىر بازاردا ئالقىشقا ئېرىشىۋاتقان ئىچىملىك، شىكەر قوشمىغان سۈت چاي قاتارلىقلارمۇ ئەمەلىيەتتە شىكەرسىز ئەمەس.

بۇ ئادەتلەرنى تاشلىسىڭىز چېنىقمايمۇ ئورۇقلىيالايسىز

تۆتىنچىدىن، سۇنى ئاز ئىچىشمۇ ئادەمنىڭ سەمىرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بۇ ئادەتلەرنى تاشلىسىڭىز چېنىقمايمۇ ئورۇقلىيالايسىز

بەدەندىكى ماينىڭ خورىشى ئۈچۈن سۇ كېتىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بايقىشىچە بەدەندىكى سۇ يېتەرلىك بولمىسا، بەدەندىكى ماي توقۇلمىلىرى ماددا ئالمىشىشقا قاتنىشالماي، بەدەندە تۇرۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇنى ئاز ئىچكەندە ئاشقازان سۇيۇقلۇقى قويۇلۇپ، قورساقنىڭ ئېچىش سېزىمى ئېشىپ كېتىدۇ، بۇ ئېنىقلا ئورۇقلاشقا پايدىسىز.

ئۇنىڭدىن باشقا سۇ مۇسكۇللارنىڭ كۈچلىنىشىگە پايدىلىق. مۇسكۇللار مىتابولىزىمنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ماينىڭ خورىشىنى تېزلىتىدۇ. قۇامىغا يەتكەنلەر كۈندە 2000 مىللىلېتىر ئەتراپىدا سۇ تولۇقلاپ بەرسە مۇۋاپىق بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سۇنى زىيادە كۆپ ئىچىۋېلىشتىنمۇ ساقلىنىش كېرەك. زىيادە كۆپ سۇ ئىچكەندە بۆرەكنىڭ يۈكى ئېغىرلاپ كېتىدۇ.

ئۇزۇن ئولتۇرۇش ئورۇقلاشقا پايدىسىز بولۇپلا قالماي، ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگىمۇ زىيانلىق.

بۇ ئادەتلەرنى تاشلىسىڭىز چېنىقمايمۇ ئورۇقلىيالايسىز

 

نۇرغۇن كىشىلەر خىزمەت سەۋەبىدىن ئۇزۇن ئولتۇرۇشقا ئادەتلىنىپ قالىدۇ.

ئادەم ئولتۇرغاندا بويۇن ئومۇرتقىسى، بەل ئومۇرتقىسى، ساغرا قىسمى بەك ئېغىر بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ تۇرىدۇ. قاننىڭ ئايلىنىشى ئاستىلاپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پۇت قىسمى ۋىنا تومۇرىدىكى قاننىڭ ئايلىنىشى ياخشى بولماي، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىمۇ ئاستىلاپ كېتىدۇ. شۇڭا ئۇزۇن ئولتۇرۇشنى ئاستا خاراكتېرلىك ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش دېيىشكىمۇ بولىدۇ.

شۇڭلاشقا ئامال بار مىدىرلىماي ئۇزۇن ئولتۇرۇشتىن ساقلىنىش كېرەك، ھەر يېرىم سائەتتە بىرقېتىم مىدىرلاپ ھەرىكەت قىلىپ تۇرۇش لازىم. ئورنىدىن تۇرۇپ ھەرىكەت قىلغاچ ھاجەتخانىغا بېرىش ياكى چاي ئىچىشمۇ ھەرىكەت قىلغانلىق بولىدۇ.

كېچىسى ئۇخلىماي تۈنەشمۇ سالامەتلىككە زىيانلىق بولۇپ ئادەمنىڭ سەمىرىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ.

بۇ ئادەتلەرنى تاشلىسىڭىز چېنىقمايمۇ ئورۇقلىيالايسىز

سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، %80 ئادەم بەك كەچ ئۇخلاشقا ئادەتلەنگەن. يەنە %16 پىرسەنت ئادەم كۈندە دېگۈدەك كەچ ئۇخلايدىكەن. تېخىمۇ ھەيران قالارلىق يېرى شۇكى كېچىدە تۈنەيدىغانلارنىڭ سانى ئىزچىل ئۆرلەپ كەتكەن، كىشىلەرنىڭ تۈنىشىگە تۈرتكە بولغان باش سەۋەبچى ئەلۋەتتە يانفون.

ئۇيقۇ سۈپىتىنىڭ ناچار بولۇشى ئادەمنىڭ ئىممۇنىتىت كۈچىنىڭ ئاجىزلاپ، ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ تەڭپۇڭسىزلىشىپ، ماددا ئالمىشىشنىڭ قالايمىقانلىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇخلىغاندا ئاجرىلىپ چىقىدىغان ئورۇقلاشقا پايدىلىق ماددىلار ئازلاپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئورۇقلاش تېخىمۇ تەسكە توختايدۇ.

شۇڭا ساغلام بولۇشنى، ئورۇقلاشنى خالىسىڭىز، ئۆزىڭىزنى كونترول قىلىشنى بىلىڭ. كۈندە كەچتە يەتتە سائەت ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىڭ. يانفونىڭىز ئۇيقۇڭىزغا، سالامەتلىكىڭىزگە زىيان يەتكۈزمىسۇن.

نۇر تورىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۈنۇپكىسى