يېمەك-ئىچمەك

كۈز پەسلىدىكى ئوزۇقلىنىشتا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك

كۈز پەسلىدىكى ئوزۇقلىنىشتا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك

باش كۈزدە ھاۋا يەنىلا ئىسسىق بولۇپ، مۇشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، ئوزۇقلىنىشنى بارا-بارا تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، كۈز ۋە قىش كۈنلىرىدىكى سوغۇقنى كۈتۈۋېلىشقا ياخشى ئاساس سېلىش كېرەك.

* ھەسەل يەڭ، زەنجىۋىل يېمەڭ. ھەسەلنىڭ ئۆپكىنى سىلىقلاش ۋە ئاسراش رولى بار. ئاچچىق كاۋاپ تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى مەسىلەن، مۇچ، كاۋاۋىچىن، قوۋزاقدارچىن، زەنجىۋىل، غولپىياز ھەم ھاراق تۈرىدىكىلەرنى بولۇپمۇ زەنجىۋىلنى ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك.

كۈز پەسلىدىكى ئوزۇقلىنىشتا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك

بۇ يېمەكلىكلەرنىڭ تەبىئىتى ئىسسىق بولۇپ، پىشۇرۇش جەريانىدا سۇسىزلىنىپ، يېگەندىن كېيىن ئاسانلا ئىسسىقى ئېشىش، كۈز پەسلىدىكى قورغاقلىشىشنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان زىيىنىنى ئېغىرلاشتۇرىدۇ.

سەھەردە ئازراق تۇز سۈيى، كەچتە ھەسەل سۈيى ئىچىش ئەمەلىيەتتە بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىگە ماسلىشىدىغان بەدەن قۇۋۋەتلەش رېتسىپىدۇر. بۇ باش كۈزدە بەدەنگە تېخىمۇ ماسلىشىدىغان بولۇپ، ھۆسىن گۈزەللەشتۈرىدۇ، ئۈچەينى سىلىقلاپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ.

ھەسەلدىن سىرت، كۈنجۈت، ئۈرۈك مېغىزىدەك يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش كېرەك. بۇ تال-ئاشقازاننى قۇۋەتلەپ، ئۆپكىنى ياشارتىپ، ئۈچەينى سىلىقلاپ، كۈز پەسلىدىكى قورغاقلىشىشتىن پەيدا بولىدىغان قۇرۇق يۆتىلىش، كاناي ۋە ئېغىز قۇرغاقلىشىش، تېرە پارقىراقلىنى يوقىتىش، ئۈچەي قۇرغاقلىشىپ، قەۋزىيەت پەيدا بولۇش قاتارلىق بەدەندىكى بىئاراملىقلارنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

2. پىلەك تۈرىدىكى مېۋىلەرنىڭ كۆپىنچىسى سوغۇق تەبىئەتلىك كېلىدۇ. ياشانغانلار، بالىلار ۋە ئاشقازان-ئۈچىيى ناچارلار كۆپ يېسە ئاسانلا قورسىقى ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

كۈز پەسلىدىكى ئوزۇقلىنىشتا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك

كۈز پەسلىدە بەدەندىمۇ قورغاقلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئېغىز، كاناي قۇرغاقلىشىش، قۇرۇق يۆتىلىش، تېرە قۇرغاقلىشىش، قەۋزىيەت قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. شۇڭا تۆۋەندىكىدەك مېۋىلەرنى كۆپ يېيىش مۇۋاپىقتۇر:

نەشپۈت: ئۆپكىنى سىلىقلايدۇ. بەلغەم يوقىتىپ، يۆتەلنى توختىتىدۇ.

ئالما: تەركبىدە كۆپ خىل ۋىتامىن ۋە كالىي بولۇپ، يۈرەك، قان-تومۇر كېسەللىك بىمارلىرىغا پايدىلىق، يەنە ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ.

لۇڭيەن مېۋىسى: قۇۋەت تولۇقلايدۇ، كىشىنى كۈچلەندۈرىدۇ، نېرۋىنى تىنىچلاندۇرىدۇ، قان تولۇقلايدۇ. كېچىدە ئۇيقۇسى قاچىدىغان ياشانغانلار يەپ بەرسە پايدىلىق.

ئۈزۈم: ھارغىنلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. قان تولۇقلايدۇ، قوۋۇرغا-پەيلەرنى ياخشىلاپ، ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇپ، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرىدۇ.

بۇنىڭدىن سىرت، ئوزۇقلانغاندا بۇ ھالقىلارغا تېخىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك:

زىيادە كۆپ يەپ-ئىچىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

جۇڭيى تېبابىتىدە كۈز پەسلى بولسا ياز ۋە قىش ئىككى پەسىلنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئۆتكۈنچى مەزگىل بولۇپ، تېمپېراتۇرا ئىسسىقتىن سوغۇققا ئۆزگىرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا كىشىلەر ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئوزۇقلىنىشتا دىققەت قىلىشى زۆرۈردۇر. ئادەتتە كىشىلەر كۈز كىرىشى بىلەنلا تېمېپراتۇرىنىڭ بەدەنگە يېقىشلىق بولۇشى سەۋەبلىك، بىلىپ-بىلمەي كۆپ ئوزۇقلىنىۋالىدۇ، قوبۇللانغان ئېنېرگىيە ئارتىدۇ، بۇ ياغقا ئايلىنىپ بەدەنگە توپلىنىپ،، كىشىنى سەمىرىتىدۇ.

ئاچچىق، سوغۇق يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

كۈز پەسلىدە غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەرنى، ئاچچىق، قۇرغاق قىزىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش كېرەك. ھەرخىل ھۆل ئىسسىق يەلنىڭ بەدەنگە توپلىنىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. بۇنىڭدىن سىرت، كۈز پەسلىدە ھاۋارايى ئىسسىقتىن سوغۇققا ئۆزگىرىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئادەم بەدىنى بۇ خىل ئۆزگىرىشكە ماسلىشىش ئۈچۈن، فىزىئولوگىيىلىك ماددا ئالماشتۇرۇشتا ئۆزگىرىش كۆرۈلىدۇ. شۇڭا ئوزۇقلىنىشتا زىيادە سوغۇق يېمەكلىكلەرنى يېگەندە، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىشى ناچارلىشىش، ھەرخىل ھەزىم قىلىش يولى كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ.

زىيادە قۇرغاق يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

كۈز پەسلىدىكى ئوزۇقلىنىشتا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك

كۈز پەسلىدە كۆپ ساندىكى سوزۇلما خاراكتېرلىك نەپەسلىنىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرى قايتا قوزغىلىدۇ ۋە بارغانسېرى ئېغىرلايدۇ. شۇڭا مايدا قورۇلغان يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

ئوزۇقلىنىشنى قارىغۇلارچە تىزگىنلىمەسلىك كېرەك.

كۈز پەسلىدە كىشى ئاسانلا سەمىرىپ كېتىدۇ. بەزىلەر بەدەن ئېغىرلىقىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن، كۈز پەسلىدە پەقەت مېۋە-چېۋە، سەي كۆكتاتلارنىلا يەپ، ئاساسىي غىزا يېمەيدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل نامۇۋاپىقتۇر. مەيلى قايسى پەسىلدە بولسۇن، ئاساسىي غىزاغا سەل قاراش ئارقىلىق ئورۇقلاش ئۇسۇلى خاتا ئۇسۇلدۇر.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى