ساغلاملىق

ئورۇقلاش چولپانلىرىنىڭ سىرىنى بىلىۋېلىڭ، سىزگە چوقۇم ياردىمى بولىدۇ

ئورۇقلاش چولپانلىرىنىڭ سىرىنى بىلىۋېلىڭ، سىزگە چوقۇم ياردىمى بولىدۇ

ئورۇقلاش مەزگىلىدە، قانداق قىلغاندا ئورۇقلاش سۈرئىتىنى تېزلەتكىلى بولىدۇ؟ بۈگۈن كۆپچىلىك بىلەن ئورۇقلاش چولپانلىرىنىڭ ئورۇقلاش سىرىنى ئورتاقلاشماقچىمىز. بۇلارنىڭ ئورۇقلاۋاتقان دوستلارغا بەلگىلىك ياردىمى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئورۇقلاش چولپانلىرىنىڭ سىرىنى بىلىۋېلىڭ، سىزگە چوقۇم ياردىمى بولىدۇ

 

1. سەھەردە ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن، بىر ئىستاكان سۇ ئىچىش كېرەك.

ئەتىگەن تۇرۇپ سۇ ئىچىش بەدەنگە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغان بولۇپ، بۇ قان ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈچەي ۋە ئاشقازىنىڭىزنى نەملەشتۈرۈپ، ئىچكى ئەزالىرىڭىزنى ئويغىتىپ، بەدىنىڭىزدىكى ئارتۇقچە زەھەر ۋە قالدۇقلارنى چىقىرىپ تاشلاپ، بەدىنىڭىزدىكى زەھەرنى ھەيدەپ، روھىڭىزنى سەگىتىپ، بەدىنىڭىزنىڭ يۇقىرى ماددا ئالماشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ساقلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ.

ئورۇقلاش چولپانلىرىنىڭ سىرىنى بىلىۋېلىڭ، سىزگە چوقۇم ياردىمى بولىدۇ

2. ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان ناشتىلىق يېيىش كېرەك.

ناشتىغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىڭ، چۈنكى ئۇ بەدەن مېتابولىزمىنىڭ ئاچقۇچى. ھەر كۈنلۈك ناشتىدا ئوزۇقلۇقلار مول بولغاندىلا، ئاندىن بەدەننىڭ مېتابولىزمى ۋە ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى، ئاقسىل ۋە ئەلا سۈپەتلىك كاربون سۈيىنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ.

ئورۇقلاش چولپانلىرىنىڭ سىرىنى بىلىۋېلىڭ، سىزگە چوقۇم ياردىمى بولىدۇ

3. سەھەردە چوڭ تەرەت قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

يۇقىرىدا تىلغا ئالغان سەھەر تۇرۇپ سۇ ئىچىش ۋە مول بولغان ناشتىلىق يېيىش، بەدەندىكى زەھەرنى ھەيدەشكە پايدىلىق، بەدەندىكى چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرغاندىلا، ئاشقازان-ئۈچەيلىرىڭىز سىز قوبۇل قىلغان يېڭى ئوزۇقلۇقلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنالايدۇ.

سەھەر تۇرۇپ چوڭ تەرەت قىلىش ئادىتىنى داۋاملاشتۇرسىڭىز، ئاشقازان، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ۋە بەدەندىكى ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورۇقلاش سۈرئىتىڭىزنى تېزلەتكىلى بولىدۇ.

ئورۇقلاش چولپانلىرىنىڭ سىرىنى بىلىۋېلىڭ، سىزگە چوقۇم ياردىمى بولىدۇ

ئورۇقلاشتا بۇلاردىن ۋاز كېچىشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ.

1. ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى تاشلاش كېرەك.

ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى ھەممە ئادەم ياخشى كۆرىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر مەيلى ئىشقا بارسۇن ياكى ئۆگىنىش قىلسۇن، پەقەت يېنىدا بولسىلا، بىر نەرسە يېگۈسى كېلىدۇ. بەزى كىشىلەرنىڭ ئاغزى بىكار بولۇپ قالسىلا، بىر نەرسە يېگۈسى كېلىدۇ. ئادەتتە ھەممىسى ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى ئاساس قىلىدۇ، مەسىلەن، سىز ياخشى كۆرىدىغان پېچىنە، بەرەڭگە ياپراقچىسى، تورت ۋە ئەتكەن چاي قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك يېمەكلىكلەر بولۇپ، پەقەت بۇ يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك يېمەكلىكلەرنى تاشلىغاندىلا، ئاندىن ئورۇقلىيالايسىز.

ئورۇقلاش چولپانلىرىنىڭ سىرىنى بىلىۋېلىڭ، سىزگە چوقۇم ياردىمى بولىدۇ

2. كەمپۈت قاتارلىقلارنى تاشلاش كېرەك.

قەنتنىڭ قوبۇل قىلىنىشى زىيادە كۆپ بولۇپ كەتسە، بەدەننى سەمرىتىپلا قالماستىن، يەنە بەدەننىڭ قېرىشىنى تېزلىتىۋېتىدۇ. كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ تاتلىق يېمەكلىكلەرگە نىسبەتەن ھېچقانداق قارشىلىق كۈچى يوق، مەسىلەن، يازدا بىر چوڭ تاۋۇزنى قوشۇق بىلەن ئويۇپ يېسە بەك پەيزى بولىدۇ، ئەمما تاۋۇزنىڭ تەركىبىدىكى مېۋە شېكىرى ھەقىقەتەن يۇقىرى، تاۋۇزنى بەك كۆپ يېگەندە بەدەندىكى قەنت تەركىبى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىدۇ.

ئورۇقلاش چولپانلىرىنىڭ سىرىنى بىلىۋېلىڭ، سىزگە چوقۇم ياردىمى بولىدۇ

بۇ ئىككى ئىشنى قىلماسلىققا دىققەت قىلىش كېرەك.

1. تۈنىمەڭ

ھەممىمىز كەچ ئۇخلاش ۋە تۈنەشنىڭ سالامەتلىككە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلىمىز، لېكىن بۇ ئادەتنى يەنىلا ئۆزگەرتەلمەيمىز. ئەمەلىيەتتە، كەچتە قىلىدىغان ئىشلىرىڭىزنى سەھەر تۇرۇپ قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ.

ئەگەر دائىم تۈنىسىڭىز، ئورۇقلىمىقىڭىز ھەقىقەتەن بەك تەسكە توختايدۇ، قانداقلا بولمىسۇن، بۇنداق قىلسىڭىز بەدىنىڭىزدىكى ماددا ئالمىشىش چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئورۇقلىتىش ماددىسىنىڭ ئاجرىتىلىشى ئاز بولۇپ، ماينىڭ يىغىلىشىنى تېزلىتىدۇ.

ئورۇقلاش چولپانلىرىنىڭ سىرىنى بىلىۋېلىڭ، سىزگە چوقۇم ياردىمى بولىدۇ

2. ئۇزاق ئولتۇرماڭ

ئۇزۇن ۋاقىت ئولتۇرۇش بەدىنىمىزنى سەمرىتىۋەتكەندىن سىرت، يەنە بەدىنىمىزدە بەزى بىر قىسىم ساغلاملىق مەسىلىلىرىنىمۇ پەيدا قىلىدۇ. مەسىلەن، بەدەننىڭ تۆۋەنكى قىسمى سەمىرىپ كېتىش، بەل ئومۇرتقىسىغا بولغان بېسىم چوڭ بولۇش، قورساقتىكى ئارتۇقچە گۆش جىق بولۇش قاتارلىقلار،بۇلاردىن باشقا يەنە ئاسانلا يۇقىرى قان بېسىم قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ.

ئورۇقلاش چولپانلىرىنىڭ سىرىنى بىلىۋېلىڭ، سىزگە چوقۇم ياردىمى بولىدۇ

ئۇزاق ئولتۇرماسلىق تەن ساغلاملىقىڭىزنى ياخشىلايدۇ، يەنە ئاشقازان، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى تېزلىتىپ، بەدەننىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش ۋە سۈمۈرۈش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى