ساغلاملىق

ئورۇقلاشتىكى بىر قانچە مۇھىم ئامىل

بېيجىڭ شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزى سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ئورنىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، سېمىزلىك كۆپىنچە ھاللاردا قاندىكى ماي نورمالسىزلىقى، جىگەرنى ماي قاپلاش، يۇقىرى قان بېسىمى، تاجىسىمان ئارتېرىيىلىك يۈرەك كېسىلى، دىئابېت كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەر بىلەن بىرلا ۋاقىتتا يۈز بېرىدىكەن. يەنە سېمىزلىك ئۇيقۇلۇق ھالەتتە توسۇلۇش خاراكتېرلىك ۋاقىتلىق نەپەس توختاش، ئۆت كېسەللىكلىرى، يەللىك بوغۇم ئاغرىقى، سۆڭەك بوغۇم كېسىلى، ۋېنا قان نۆكچىسى، تۇغۇت ئىقتىدارى زىيانغا ئۇچراش ۋە بەزى راك قاتارلىق بىر قاتار ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن. سېمىزلىك بەلكىم بۇ ساغلاملىق مەسىلىلىرىنى پەيدا قىلغۇچى سەۋەب ۋە خەتەرلىك ئامىل بولۇشى، شۇنداقلا بۇ كېسەللىكلەر بىلەن ئورتاق كېسەللىك پەيدا قىلىش ئاساسى بولۇشى مۇمكىن.

ئورۇقلاشتىكى بىر قانچە مۇھىم ئامىل

چەت ئەللەردىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، سېمىزلىك ھەتتا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشىدىكى خەتەرلىك ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەن، بولۇپمۇ ياش بىمارلاردا تېخىمۇ شۇنداق بولىدىكەن. ئامېرىكا ۋە فىرانسىيەنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، يۇقۇم بىمارلىرى ئىچىدە سېمىزلىكى ئېشىپ كەتكەنلەرنىڭ دوختۇرخانىغا كىرىش ۋە كېسىلى ئېغىرلاش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن.

ئۇنداقتا باشقىلار شۇنچە ئورۇق، لېكىن سىز نېمىشقا بۇنچە سېمىز؟

بېيجىڭ شەھەرلىك ساغلاملىق تەربىيەسى ئورنىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئەمەلىيەتتە ئىنسانلار سېمىزلېكىنىڭ %70ى ئىرسىيەت ئامىلىغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. بىراق بىزدە روھىي، يېمەك-ئىچمەك ۋە مۇھىت قاتارلىق ئامىللار ئورتاق مەۋجۇت بولغاندىلا، سېمىزلىك ئاندىن ئاستا-ئاستا پەيدا بولىدىكەن. تۆۋەندىكى سېمىزلىكنى پەيدا قىلغۇچى يەتتە ئامىلغا قاراپ بېقىڭ، سىزدە بۇلاردىن قانچىسى باركەن؟

ئورۇقلاشتىكى بىر قانچە مۇھىم ئامىل

1.ئىرسىيەت ئامىلى

ئاتا-ئانا ئىككى تەرەپنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى نورمال بولسا، پەرزەنتلىرىنىڭ سېمىزلىك نىسبىتى پەقەت %8تىن %10كىچە بولىدۇ. ئەگەر ئاتا-ئانا ئىككى تەرەپنىڭ قايسى بىرىدە سېمىزلىك بولسا، پەرزەنتلىرىنىڭ سېمىزلىك نىسبىتى%50 بولىدۇ. ناۋادا ئاتا-ئانىنىڭ ئىككىلىسىدە سېمىزلىك بولسا، پەرزەنتلەرنىڭ سېمىزلىك نىسبىتى %80كە يېتىدىكەن.

ئورۇقلاشتىكى بىر قانچە مۇھىم ئامىل

2. روھىي ئامىل

ئادەم بەدىنىدىكى تۆۋەنكى دۆڭچە مېڭە ئىچىدە ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئاچلىق ۋە توقلۇقنى باشقۇرىدىغان ئىككى ئاساسى مەركەز بار. تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، روھىي جەھەتتىن زىيادە غىدىقلىنىش، ھاياجانلىنىش، كېسەللىك قاتارلىق ئامىللارنىڭ ھەممىسى بۇ ئىككى مەركىزىي نېرۋىنىڭ ئىقتىدارىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

3. ئىچكى ئاجراتما ئامىلى

نۇرغۇن ئامىللار ئىنسۇلىننىڭ تەسىرىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى ياكى ئاجرىلىشىنىڭ زىيادە كۆپ بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياغنىڭ بىرىكىشىنى ئاشۇرۇپ، سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئورۇقلاشتىكى بىر قانچە مۇھىم ئامىل

4. يېمەك-ئىچمەك ئامىلى

بىرىنچىدىن، زىيادە ئوزۇقلىنىش خاراكتېرلىك سېمىزلىك سېمىزلىكنىڭ ئاساسلىق تۈرى بولۇپ، قوبۇل قىلغان ئېنېرگىيە ئېھتىياجدىن ئېشىپ كەتكەندىن كېيىن ياغقا ئايلىنىپ بەدەندە ساقلىنىپ، سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، بەزىلەر تاتلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، شېكەر مىقدارىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، بەدەن ئېغىرلىقى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىش نىسبىتى بىلەن دىيابېت بولۇش نىسبىتى تەدرىجىي ئاشىدىكەن؛ ئۈچىنچىدىن، تاماق يېيىش قېتىم سانىدىكى نورمالسىزلىقمۇ سېمىزلىكنىڭ ئامىلى ئىكەن. تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، كۈندە ئىككى ۋاق تاماق يەيدىغان ئادەمدە سېمىزلىك، قەنت مېتابولىزمىنىڭ نورمالسىزلىقى، ياغ مېتابولىزمىنىڭ نورمالسىزلىقى، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى ئۈچ ۋاق يەيدىغان ئادەمگە قارىغاندا كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاساسىي ئوزۇقلۇقنى مۇۋاپىق چەكلەش، مېۋىنى تاماقنىڭ ئورنىدا كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا ئېنېرگىيەنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشىغا، ئىنسۇلىننىڭ ئۈنۈمى ۋە ماددا ئالمىشىشىغا پايدىلىق بولىدىكەن.

ئورۇقلاشتىكى بىر قانچە مۇھىم ئامىل

5. يېتەرلىك ھەرىكەت قىلماسلىق

شەھەرلىشىش مۇساپىسىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ ئاپتوموبىل ئىشلىتىش ئومۇملاشتى، بۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنىڭ ئەمەلىي پائالىيىتى ئازلاپ كەتتى. مەسىلەن، نۇرغۇن كىشىلەر كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئۆيدە ئولتۇرىدۇ ۋە كۈنبويى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇلار سىرتتىكى تۈرلۈك بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە قاتناشمايدۇ. بۇ شۈبھېسىزكى ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى ئازايتىپ، ئىنسۇلىننىڭ قارشىلىقى، قوبۇل قىلغۇچى تەنچىنىڭ قارشىلىقىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېنېرگىيە مېتابولىزمىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىدۇ.

ئورۇقلاشتىكى بىر قانچە مۇھىم ئامىل

6. سېزىم كەملىك ۋە بىيولوگىيەلىك سائەت قالايمىقانلىشىش

تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، ئۇخلاش ۋاقتى يەتتە سائەتكە يەتمەيدىغان بالىلارنىڭ سېمىزلىك نىسبىتى كۆرۈنەرلىك ئاشىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، كېچە-كۈندۈزلۈك رىتىممۇ ئادەم بەدىنىنىڭ ئېنېرگىيە مېتابولىزمى ۋە شېكەر مېتابولىزمىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئورۇقلاشتىكى بىر قانچە مۇھىم ئامىل

7. ناچار تۇرمۇش ئادىتى

گەرچە تاماكا چېكىشنىڭ بەدىنىنىڭ ئېغىرلىقىغا بولغان تەسىرى چوڭ بولمىسىمۇ، لېكىن تاماكا چېكىش ئىنسۇلىننىڭ قارشىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، دىئابېت كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىمى ۋە يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بىر تەرەپتىن ھاراق ئىچىپ، يەنە بىر تەرەپتىن يۇقىرى ئېنىرگىيەلىك يېمەكلىكلەرنى كۆپ مىقداردا يېگەندە سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئۇنداقتا ئورۇقلاشتا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ئورنىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، سېمىزلىك ياغنىڭ توپلىنىشىدىن باشلىنىدىغان بولۇپ، ياغنىڭ توپلىنىشىنىڭ سەۋەبى بولسا قوبۇل قىلغان ئېنېرگىيەنىڭ خورىغان ئېنېرگىيەدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىدە ئىكەن. بۇمۇ بىزنىڭ سېمىزلىككە تاقابىل تۇرۇشىمىزدىكى ئىككى يول بولۇپ، بىرى ئىسسىقلىقنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئازايتىش، يەنە بىرى ئىسسىقلىقنىڭ خورىشىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، «ئاز يەپ، كۆپ ھەرىكەت قىلىش» دېگەنلىكتۇر.

ئورۇقلاشتىكى بىر قانچە مۇھىم ئامىل

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئورۇقلاش تەكلىپى بولسا، ياغ ۋە شېكەرنى ئاز ئىستېمال قىلىش؛ مېۋە، كۆكتات ۋە پۇرچاق، دانلىق زىرائەت ۋە قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنىڭ ئىستېمال مىقدارىنى ئاشۇرۇش؛ قەرەللىك ھالدا جىسمانىي ھەرىكەت قىلىپ بېرىش (بالىلار ھەر كۈنى 60 مىنۇت، چوڭلار ھەر ھەپتىدە 150 مىنۇت ئەتراپىدا).

بۇنىڭدىن باشقا، بەدەن ئېغىرلىقىنى كېمەيتىشتە ئالدىراقسانلىق قىلىشقا بولمايدۇ. ئورۇقلاش سۈرئىتى بەك تېز بولۇپ كەتمەسلىكى، نىشان بەك يۇقىرى بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك. تۆۋەن ئېنېرگىيەلىك تاماق ۋە مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلغان ئەھۋالدا، ھەر ھەپتىدە 0.5 كىلوگرام ئورۇقلاش، بىر يىل ئىچىدە ئەسلىدىكى بەدەن ئېغىرلىقىدىن %5 تىن %10كىچە چۈشۈش سالامەتلىككە پايدىلىق. ئۇنىڭ ئۈستىگە، «فىگۇرا گۈزەللىكى»نى قوغلىشىش ئۈچۈن «ئورۇقلاش»تىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بەدەن ئېغىرلىقى كۆرسەتكۈچىنى نورمال سەۋىيەنى ساقلاش كېرەك.

ئورۇقلاشتىكى بىر قانچە مۇھىم ئامىل

ئەتىگەنلىك تاماقتىن بۇرۇن ئاچ قورساق بەدەن ئېغىرلىقىنى ئۆلچىسە بىر قەدەر ياخشى بولىدۇ.

تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن ئۆزىنى جىڭلاش، بىر ئىستاكان سۇ ئىچىپ ئۆزىنى جىڭلاش، ھەتتا ھاجەتخانىدىن كېلىپمۇ دەرھال ئۆزىنى ئورۇقلىغاندىمەنمۇ دەپ جىڭلاپ بېقىش، سىزمۇ شۇنداق قىلامسىز؟

ئەمەلىيەتتە، بەدەن ئېغىرلىقىنى ئۆلچەش قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى بولىۋەرمەيدۇ، ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم بەدەن ئېغىرلىقىنى ئۆلچەش بىر قەدەر كۆڭۈلدىكىدەك بولىدۇ. سوزۇلما كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش ئورنىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بەدەن ئېغىرلىقى بىر ھەپتە ئىچىدە بىر ئاز داۋالغۇپ تۇرىدىغان بولۇپ، بۇ نورمال ھادىسە ئىكەن. بەدەن ئېغىرلىقىنى ئۆلچەش قېتىم سانىنى ھەپتىدە بىر قېتىم مۇۋاپىق تۈردە ساقلاپ، بىر كىچىك دەۋرىيلىك ئېغىرلىق كېمىيىش نەتىجىسىنى ئۇنىۋېرسال باھالىسا نىسبەتەن توغرا بولىدىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، بەدەن ئېغىرلىقىنى ئۆلچەشتە مۇقىم ۋاقىتنى تاللاش كېرەك. ھەر قېتىم بەدەن ئېغىرلىقىنى ئۆلچەشتە ئوخشاش ۋاقىتتا ئوخشاش كىيىم كىيىپ، ئوخشاش مۇھىتتا ۋە سالامەتلىكتە چوڭ پەرق بولمىغاندا ئېلىپ بېرىش كېرەك. مەسىلەن، ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن، ناشتىدىن بۇرۇن ئاچ قورساق جىڭغا چۈشۈپ بېقىش بىر قەدەر ياخشى بولغان ئۆلچەش بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ئادەم تاماق ئامىلىنىڭ تەسىرىگە ئاز ئۇچرايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەدەن بىر كېچە ئارام ئالغاچقا بەدەن ئەھۋالى نىسبەتەن مۇقىم بولىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى