ساغلاملىق

كېچىلىك ئىسمېنا ئىشلەيدىغانلار چىرايى سارغىيىپ قالسا قانداق قىلىشى كېرەك؟

سېسترالار كېچىلىك ئىسمىنا ئىشلىگەنلىكتىن چىرايى سارغىيىپ قان ئازلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە قانداق قىلىدۇ؟

سېسترالار كېچىلىرى ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەشتىن قۇتۇلالمايدۇ. بەزىدە كېچە-كېچىلەپ ئۇخلىماسلىق ئۇلار ئۈچۈن ئادەتتىكى ئىش بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق بولغاندا مۇنداق بىر مەسىلە كۆرۈلىدۇ. تۈنەيدىغان ئادەملەرنىڭ كۆپىنچىسىدە تال، ئاشقازان ئاجىز بولۇش، بەدىنىنى ئاجىزلاپ چىراي سارغىيىپ كېتىن قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. بۇ چاغدا قانداق قىلىش كېرەك؟ تۆۋەندە كۆپچىلىككە بىر قانچە يۈرۈش سالامەتلىكنى ئاسراش شورپىلىرىنى تەۋسىيە قىلىمىز. بۇلارنى ئېتىشمۇ بەكلا ئاسان. ئادەتتە ئۆيىڭىزدىلا قىلالايسىز. مەنمۇ دائىم ئۆزۈم ئېتىپ ئىچىمەن. شۇڭا تۈنەيدىغان ئىش بولسىمۇ ئانچە قورقمايمەن. تۈنىگەن كۈنلەردىمۇ تېرەم ئۇنچە ناچارلاپ كەتمەي شۇنداق يۇمران، سىلىق تۇرىدۇ.

كېچىلىك ئىسمېنا ئىشلەيدىغانلار چىرايى سارغىيىپ قالسا قانداق قىلىشى كېرەك؟

1. ئاق مور قارا مور چىلان شورپىسى

خۇرۇچلار: بىر تۇتام قارا مور، ئاق مور مۇۋاپىق مىقداردا، چىلاندىن 10 نەچچە تال، ناۋات مۇۋاپىق مىقداردا

تەييارلاش ئۇسۇلى: قارا مور بىلەن ئاق مورنى سۇغا چىلاپ كۆپتۈرۈپ پاكىز يۇيىمىز. قازانغا مۇۋاپىق مىقداردا سۈزۈك سۇ قۇيۇپ ئاندىن ئاق مور، قارا مور، چىلان قاتارلىقلارنى سېلىپ ئوتنى كۈچلۈك قىلىمىز. قاينىغاندىن كېيىن ئوتنى كىچىكلىتىپ 40 مىنۇت ئەتراپىدا دۈملەيمىز. ۋاقىت توشاي دېگەندە مۇۋاپىق مىقداردا ناۋات سېلىپ داۋاملىق دۈملەپ، بىرقەدەر يېپىشقاق ھالەتكە كەلگەندە ئوتنى توختىتىپ قازاندىن ئالساق بولىدۇ.

كۆرسەتمە: ئاق مور نورمال باھالىق قارلىغاچ ئۇۋىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قارا مورمۇ سامەتلىككە ناھايىتى پايدىلىق. بۇ شورپىنى كۆپ ئىستېمال بەرگەندە چىرايى سارغىيىپ قېلىش ئەھۋاللىرىنى ياخشىلاپ چىراينى گۈزەللەشتۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.

كېچىلىك ئىسمېنا ئىشلەيدىغانلار چىرايى سارغىيىپ قالسا قانداق قىلىشى كېرەك؟

2. ئاق مور گۈلسامساق شەربىتى

خۇرۇچلار: ئاق مور مۇۋاپىق مىقداردا، گۈلسامساق بىر تۇتام، ئالقات مۇۋاپىق مىقداردا، ناۋات مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: ئاق مورنى سۇغا چىلاپ كۆپتۈرگەندىن كېيىن پاكىز يۇيۇپ تەييارلايمىز. قازانغا مۇۋاپىق مىقداردا سۈزۈك سۇ قۇيۇپ ئاق مور، گۈلسامساق، ئالقات قاتارلىقلارنى سېلىپ ئوتنى كۈچلۈك قىلىپ قاينىتىمىز. قاينىغاندىن كېيىن ئوتنى كىچىكلىتىپ 40 مىنۇت ئەتراپىدا دۈملەيمىز. ۋاقىت توشاي دېگەندە ناۋاتنى سېلىپ كىچىك ئوتتا 15 مىنۇت دۈملەپ ئوتنى ئۆچۈرىمىز.

كۆرسەتمە: بۇ خىل شورپىنى تەييارلاش بەك ئوڭاي، ھەم بەك ئىچشلىك. كېچىلىك ئىسمېنىدىن كېيىن كىچىك قازاندىلا دۈملەپ پىشۇرۇپ تەييارلاپ، ئۇخلاپ قوپقاندىن كېيىنلا ئىچىشكە تولىمۇ ئەپلىك.

كېچىلىك ئىسمېنا ئىشلەيدىغانلار چىرايى سارغىيىپ قالسا قانداق قىلىشى كېرەك؟

3. ئاق مور بېھى شورپىسى

خۇرۇچلار: مۇۋاپىق مىقداردا ئاق مور، كۇلى بېھېسى يېرىم تال، ناۋات مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: ئاق مورنى سۇغا چىلاپ كۆپتۈرگەندىن كېيىن پاكىز يۇيۇپ تەييارلايمىز. كۇلى بېھېسىنىڭ پوستىنى ئاقلاپ ئۇرۇقىنى ئېلىۋېتىپ توغراپ تەييارلايمىز. قازانغا مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇيۇپ تەييارلىۋالغان ئاق مور، كۇلى بېھېسى قاتارلىقلارنى قازانغا سېلىپ كۈچلۈك ئوتتا قاينىتىمىز. ئاندىن ئوتنى كىچىكلىتىپ 30 مىنۇت ئەتراپىدا دۈملەيمىز. ۋاقىت توشاي دېگەندە ناۋاتنى سېلىپ داۋاملىق 10 مىنۇت ئەتراپىدا دۈملىگەندىن كېيىن ئوتنى ئۆچۈرسەك بولىدۇ.

كۆرسەتمە: كۇلى بېھېسىنىڭ گۈزەللەشتۈرۈش ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، بۇنى ئاق مور بىلەن بىللا قاينىتىپ دۈملەپ پىشۇرغاندا چىراينى گۈزەللەشتۈرۈپ، نۇرلاندۇرغاندىن باشقا يەنە تالنى ياخشىلاپ ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدۇ.

كېچىلىك ئىسمېنا ئىشلەيدىغانلار چىرايى سارغىيىپ قالسا قانداق قىلىشى كېرەك؟

4. لوڭيەن مېۋىسى، نىلۇپەر تۇخۇم شورپىسى

خۇرۇچلار: لوڭيەن مېۋىسى مۇۋاپىق مىقداردا،نىلۇپەر مۇۋاپىق مىقداردا، تۇخۇم 2 تال، ھۆل زەنجىۋىل 2 پارچە، چىلان 10 تال.

تەييارلاش ئۇسۇلى: تۇخۇمنى پىشۇرغاندىن ئاقلايمىز. ئاندىن لوڭيەن مېۋىسى، نىلۇپەر، ھۆل زەنجىۋىل، چىلان قاتارلىقلارنىڭ ئۇرۇقىنى ئېلىۋېتىپ، يۇيىمىز. ئاندىن قۇم قازانغا تەييارلانغان خۇرۇچلارنى سېلىپ مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇيۇپ ئوتتۇرھال ئوتتا 2 سائەت دۈملەيمىز، ئاندىن ئازراق شېكەر قوشۇپ سوۋۇغاندىن كېيىن ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.

كۆرسەتمە: بۇ شورپا نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇپ كۆڭۈلگە خاتىرجەملىك بېغىشلايدۇ. قاننى قۇۋۋەتلەپ تېرىنى سىلىقلايدۇ. ئۇيقۇنى ياخشىلاپ بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ، تېرىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ئاشۇرىدۇ. كېچىلىرى تۈنەيدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن زۆرۈر ئوزۇقلۇقتۇر.

كېچىلىك ئىسمېنا ئىشلەيدىغانلار چىرايى سارغىيىپ قالسا قانداق قىلىشى كېرەك؟

5. ئادەمگىياھ چىلان شورپىسى

خۇرۇچلار: ئامېرىكا ئادەمگىياھى10 گرام، چىلان 10 تال، تەسۋى قوناق مۇۋاپىق مىقداردا .

تەييارلاش ئۇسۇلى: تەسۋى قوناقنى پاكىز يۇيۇپ ئىلمان سۇغا 10 مىنۇت چىلاپ قويىمىز. ئاندىن قۇم قازانغا مۇۋاپىق مىقداردا سۈزۈك سۇ قۇيۇپ تەييارلاپ قويغان خۇرۇچلارنىڭ ھەممىسىنى سالىمىز. كۈچلۈك ئوتتا قايناتقاندىن كېيىن ئوتنى كىچىكلىتىپ 20 مىنۇت دۈملەيمىز. ۋاقىت توشاي دېگەندە مۇۋاپىق مىقداردا ناۋات قوشۇپ داۋاملىق دۈملىسەكلا بولىدۇ. ۋاقىت توشقاندىن كېيىن سوۋۇتۇپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.

كۆرسەتمە: بۇ خىل شورپا چىراينى گۈزەللەشتۈرۈپ، قۇۋۋەت تولۇقلىغاندىن باشقا يەنە تېرىنى نۇرلاندۇرۇپ قاننى جانلاندۇرىدىغان رولىمۇ بار.

بۇ بىرقانچە خىل شورپىنى ئادەتتىمۇ ئىچىملىك ئورنىدا ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ. ئۆزىنى سۆيىدىغان گۈزەل خانىم-قىزلىرىمىزغا كۈچلۈك تەۋسىيە. تەن-ساغلاملىق ھەممىدىن مۇھىم. خىزمەتتىن بىكار بولغان ۋاقىتلىرىڭىزدا ئۆزىڭىزنىڭ سالامەتلىكىڭىزنى ۋە تېرىڭىزنى چوقۇم ئوبدان ئاسراڭ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى