قانداق كېسىلى بار ئاياللار ھامىلىدار بولۇشقا ماس كەلمەيدۇ؟
ئاياللار تۆۋەندىكى كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغاندا ھامىلىدار بولسا بولمايدۇ، كېسىلى ساقايغاندىن كېيىن ئاندىن ھامىلىدار بولۇشنى ئويلاشسا بولىدۇ. بولمىسا ھامىلىدار ئاياللار ھامىلىگە، ھەتتا بالىنىڭ كەلگۈسى ساغلاملىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ.
1. قان ئازلىق.
قان ئازلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئاياللار ھامىلىدار بولسا ئوزۇقلۇق يېتىشمەي، قان ئازلىق كېسىلى ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ، ھەتتا ھامىلىنىڭ بالىياتقۇدىكى يېتىلىشى ئاستا بولۇش، بالدۇر تۇغۇلۇش ياكى ئۆلۈك تۇغۇلۇش خەۋپى كېلىپ چىقىدۇ.
2. يۈرەك كېسىلى.
ھامىلىدار بولۇشتىن بۇرۇن يۈرەك كېسىلى بولۇپ، ئۈنۈملۈك داۋالانمىسا، ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن بويىدىن ئاجراش، بالدۇر تۇغۇپ قويۇش، بالا ھەمراھىنىڭ ئىقتىدارى تولۇق بولماسلىق قاتارلىقلار ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ.
3. جىگەر كېسىلى.
ئەگەر ھامىلىدار ئايالدا جىگەر كېسىلى بولسا، ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن بالىغا يۇقۇپ قېلىشى مۇمكىن.
4.بۆرەك-ئۆپكە كېسىلى.
ئەگەر ھامىلىدار ئايالدا بۆرەك-ئۆپكە كېسىلى بولسا، ھامىلىنىڭ يېتىلىشى ئاستا بولىدۇ، ئېغىر بولغاندا بويىدىن ئاجراپ كېتىش، بالدۇر تۇغۇپ قويۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
5. دىيابېت كېسىلى.
ئەگەر ھامىلىدار ئايالدا دىيابېت كېسىلى بولۇپ ياخشى كونتىرول قىلىنمىسا، بويىدىن ئاجراپ كېتىش، بالدۇر تۇغۇپ قويۇش، ھەتتا چوڭ بالا تۇغۇلۇپ قىلىشى مۇمكىن.
6. ئۆپكە تۇبېركۇليۇزى.
ئاسانلا بويىدىن ئاجراپ كېتىش، بالدۇر تۇغۇپ قويۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھامىلىدار ئاياللار تۇبېركۇليۇزىغا قارشى دورىلارنى ئىچسە، ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر يېتىدۇ.