قان ئازلىقنىڭ سەۋەبى ۋە قان تولۇقلايدىغان يېمەكلىكلەر
قان ئازلىق ئادەم بەدىنىنىڭ قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى سىغىمچانلىقىنىڭ ئازىيشى ۋە بىر خىل دائىم كۆرۈلىدىغان كلىنىكىلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشتا، قان ئازلىق كېسىلى بارلار ماڭدامدا بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ، قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەرمۇ ھەرخىل بولىدۇ. ئۇنداقتا، قان ئازلىق نېمە سەۋەبتىن كېلىپ چىققان؟ قانداق قىلغاندا ئەڭ تېز سۈرئەتتە قان تولۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ؟
قان ئازلىق نېمە سەۋەبتىن كېلىپ چىققان؟
1. ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك
ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك قان ئازلىقنىڭ دائىم كۆرۈلىدىغان سەۋەبلىرىنىڭ بىرى. ئەگەر سىز ھەر كۈنى پەقەت بىر قىسىم سۇدا پىشۇرۇلغان كۆكتاتلارنىلا ئىستېمال قىلسىڭىز ئاسانلا تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىق كېلىپ چىقىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن قان ئازلىق كېلىپ چىقىدۇ، ئۇزاق ۋاقىت بۇنداق بولغاندا، يەنە ئىشتىھاسى ياخشى بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر يۈز بېرىدۇ، ھەتتا بەزى كىشىلەردە قۇلاق غۇڭۇلداش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.
2. تۆمۈر كەملىك
تۆمۈر كەمچىل بولۇشنىڭ سەۋەبى ناھايىتى كۆپ، بۇنىڭ ئىچىدە ھەر كۈنى نورمىدىن ئارتۇق چاي ئىچىش ياكى قەھۋە ئىچىش قاتارلىقلار ئەڭ ئاساسلىق سەۋەپلەردۇر. قەھۋەنىڭ تەركىبىدە كاربولىك كىسلاتا بار بولۇپ، بەدەننىڭ تۆمۈر ماددىسىنى سۈمۈرۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
3. قانسىراش
قانسىراش قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، لېكىن جىددىي خاراكتېرلىك ۋە ئاستا خاراكتېرلىك دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ. ئاستا خاراكتېرلىك تۆمۈر كەملىكتىن كېلىپ چىققان قان ئازلىق. جىددىي خاراكتېرلىك بولسا ئادەم بەدىنىنىڭ زەخمىلىنىشى، قان تومۇرلارنىڭ يېرىلىپ كېتىشىدىن پەيدا بولغان كۆپ مىقداردىكى قاناشتىن كېلىپ چىققان قان ئازلىقنى كۆرسىتىدۇ.
4. قايتا ھاسىل قىلىش توسالغۇسى
ئەمەلىيەتتە بۇ دائىم كۆرۈلمەيدىغان قان ئازلىق ئالامىتى بولۇپ، ئاساسلىقى يىلىكنىڭ قان ئىشلەش ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ، بۇ خىل ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، ئۇزاق مۇددەت دورا ئىستېمال قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ياكى دائىم زىيانلىق ماددىلار بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرۇش، بولۇپمۇ خلورامفېنىكول دورا ۋە رادىئاتسىيە نۇرى قاتارلىقلار كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى پەيدا قىلىپ، ئېغىر بولغاندا ئاق قان كېسىلى ۋە جىگەر، بۆرەك كېسەللىكلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر قايتا ھاسىل قىلىش توسالغۇغا ئۇچراش خاراكتېرلىك قان ئازلىق كېلىپ چىقسا، ئادەتتە تېرە ئاستى ۋە شىللىق پەردىلەردىن قان چىقىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، بەزىدە قىزىپ قالىدۇ.
قايسى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلسا ئەڭ تېز سۈرئەتتە قان تولۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ؟
1. چاچسىمان كۆكتات
چاچسىمان كۆكتاتنىڭ رەڭگى ناھايىتى قارا بولۇپ، قارىماققا كۆرۈمسىز كۆرۈنسىمۇ، ئەمما چاچسىمان كۆكتاتنىڭ تەركىبىدە نۇرغۇن ئوزۇقلۇق ماددىلار بار، بۇنىڭدىكى تۆمۈر ماددىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، چاچسىمان كۆكتاتنى قاينىتىپ شورپا قىلىپ ئىچسە قان تولۇقلايدۇ، قان ئاز كىشىلەرنىڭ ئىستېمال قىلشىغا ماس كېلىدۇ.
2. لۇڭيەن
لۇڭيەن تەركىبىدە مول تۆمۈر ماددىسى بولغاندىن سىرت يەنە ۋىتامىن A، B، گلۇكوزا، ساخاروزا قاتارلىقلارمۇ بار. لۇڭيەننى كۆپ ئىستېمال قىلسا قان تولۇقلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۇنتۇغاقلىق، يۈرەك سىقىلىش، نېرۋا ئاجىزلىق ۋە ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىنى داۋالىغىلى بولىدۇ. لۇڭيەن شورپىسى، لۇڭيەن يېلىمى، لۇڭيەن ھارىقى قاتارلىقلارمۇ ناھايىتى ياخشى قان تولۇقلايدىغان يېمەكلىك.
3. سەۋزە
سەۋزىنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن B، C بار، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە كاروتىندىن ئىبارەت ئالاھىدە بىر خىل ئوزۇقلۇق ماددا بار، كاروتىن قان تولۇقلاشقا ئىنتايىن پايدىلىق، قان ئازلىق كېسىلى بار كىشىلەرنىڭ ئىستېمال قىلشىغا ماس كېلىدىغان يېمەكلىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە سەۋزە بىلەن شورپا قاينىتىپ ئىچسە، ياخشى بولغان قان تولۇقلاش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ.
4. پالەك
پالەكنىڭ تەركىبىدە كاروتىن مول بولغاچقا، پالەكنى قان تولۇقلايدىغان كۆكتاتلار ئىچىدىكى مۇھىم يېمەكلىك دېيىشكە بولىدۇ. ئەگەر سەۋزىنى ياخشى كۆرمىسىڭىز، كۆپرەك پالەك يەڭ.
كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا پەقەت توغرا ئىستېمال قىلالىساقلا، قان تولۇقلاشمۇ مەقسەتسىزلا ئەمەلگە ئاشىدۇ.