ساغلاملىق

ئەمەليەتتە سىزنىڭ كېسىلىڭىز يوق، پەقەتلا قېرىپ قالدىڭىز

ئەمەليەتتە سىزنىڭ كېسىلىڭىز يوق، پەقەتلا قېرىپ قالدىڭىز

ـــ ھەي! ئادەم قېرىسا كارغا كەلمەيدۇ، پۈتۈن بەدىنى كېسەل… » بەزى ياشانغانلار ئۇچرىغانلا ئادەمگە ئۆزىنىڭ سالامەتلېكىنىڭ ناچارلىقىدىن قاقشايدۇ.

بۇ «بىمار»لەرنىڭ ھەممىسى داۋالىنىۋاتقان بولۇپ، دورا ئىشلەتكەندە قان بېسىمى ئاساسىي جەھەتتىن نورمال، قان شېكىرىمۇ تۇراقلىق ئىكەن.

بىراق، بۇ «پۈتۈن بەدىنى كېسەل» ياشانغانلار سەھىيە مىنىستىرلىقى بېيجىڭ دوختۇرخانىسىنىڭ مۇدىر ۋىراچى ۋاڭ جيەنيېنىڭ قارىشىچە، ھەممىسى ساغلام ياشانغانلار ئىكەن.

ۋاڭ جيەنيې مۇنداق دېدى: ھازىر تۈزۈلىۋاتقان جۇڭگو ياشانغانلار ساغلاملىق ئۆلچىمىدە ياشانغانلارنىڭ بەزى سالامەتلىك تەكشۈرۈش كۆرسەتكۈچى نورمال ئەمەس، لېكىن داۋالانغاندىن كېيىن ئاساسىي جەھەتتىن نورمال سەۋىيەگە يەتكىلى بولىدۇ، يەنى ساغلام ياشانغانلار.

«مىسال ئالساق، ئەگەر بىر ياشانغان كىشىنىڭ قان بېسىمى يۇقىرى بولسا، ئەمما قان بېسىمىنى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلارنى ۋاقتىدا ئىستېمال قىلغاندا، قان بېسىمىنى 130/85 مىللىمېتىردا ياكى 140/90 مىللىمېتىردا كونترول قىلغىلى بولىدۇ. ياشانغانلار ئۆزىنىڭ قېرىشىغا توغرا يۈزلىنىشى، نورمال قېرىشنى كېسەل دەپ قارىماسلىقى كېرەك. ياشلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، نۇرغۇن « بىمار»لار ئەمەلىيەتتە كېسەل ئەمەس، بەلكى قېرىدى!

ئەمەليەتتە سىزنىڭ كېسىلىڭىز يوق، پەقەتلا قېرىپ قالدىڭىز

مىسال
لاۋجۇ بۇ يىل 73 ياش، پېنسىيەگە چىقىشتىن بۇرۇن بىر كەسپىي ئورۇندا خىزمەت قىلغان. ئىدارىنىڭ پاراۋانلىقى يامان ئەمەس، ھەر يىلى سالامەتلىك تەكشۈرتۈشكە تەشكىللەيدۇ. يېڭى سالامەتلىك تەكشۈرۈش دوكلاتى چىققاندىن كېيىن، لاۋجۇ ئەسلىدىكى سالامەتلىك تەكشۈرۈش دوكلاتىنى چىقىرىپ سېلىشتۇردى، سانلىق مەلۇماتنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى بۇرۇنقىدىن ئېشىپ كەتسە، سەل جىددىيلىشىپ قالاتتى.

كېيىن، لاۋجۇنىڭ نەۋرىسى خىزمەت ئورنىغا كىرىپ سالامەتلىك تەكشۈرتتى، لېكىن بۇ سالامەتلىك تەكشۈرۈش دوكلاتى لاۋجۇنى ئويلاندۇرۇپ قويدى، چۈنكى ئۇ نەۋرىسىنىڭ ساغلاملىق كۆرسەتكۈچىنىڭ ئىنتايىن ياخشى ئىكەنلىكىنى، ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن بىرمۇ تۈرنىڭ يوقلىقىنى بايقىدى.

لاۋجۇ كۈندە بەدەن چېنىقتۇرۇپ، ساغلام غىزالىنىۋاتاتتى، «نېمە ئۈچۈن مېنىڭ ساغلاملىق كۆرسەتكۈچۈم ياشلارنىڭ سەۋىيەسىگە يېتەلمەيدۇ؟ مۇتەخەسسىسلەر ئۇنى گۇماندىن خالاس قىلدى: ئادەم 25 ياشتىن باشلاپلا قېرىشقا باشلايدۇ، ياشلار بىلەن بەسلەشمەڭ.

بىر ئادەمنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى 25 ياش ۋاقتىدا ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يېتىدۇ. بۇ 25 ياشتىن باشلاپلا ئادەمنىڭ قېرىشقا باشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

قېرىش بىر خىل تەبىئىي قانۇنىيەت بولۇپ، گۈل ئېچىلىدۇ، توزۇيدۇ، كۈن چىقىدۇ، پاتىدۇ، بۇنىڭدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. «خۇددى بىر ماشىنىنىڭ مەشغۇلات ۋاقتى ئۇزۇن بولۇپ كەتسە، قېرىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانغا ئوخشاش، ئادەمنىڭ ھەر قايسى ئەزالىرى كۆپ يىل ئىشلەتكەندىن كېيىن، قېرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ» دېدى.

ياشانغانلار بىلەن ياشلارنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتلىرىدا پەرق بولۇشى نورمال ئەھۋال، ئەگەر ئادەم قېرىسا، لېكىن يەنىلا ياشلارغا ئوخشاش زېھنىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان بەدەن ساپاسىنى تەلەپ قىلىش مۇمكىن ئەمەس، ئادەم قانۇنىيەتكە ئەمەل قىلغاندىلا، ئاندىن تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ.

ۋاڭ جيەنيې مۇنداق دېدى: ياشانغانلارنىڭ «كېسىلى» ئەمەلىيەتتە كېسەل ئەمەس، بەلكى قېرىلىق يەتكەنلىكى.

مەسىلەن، بەزى كىشىلەر ياخشى ئۇخلىيالمىسا ياكى ئاز ئۇخلىسا، ئاجرىتىپ چىقارغان مېلاتونىن ئاز بولۇپ قېلىپ، بىر ئاز ئۇخلىسىلا ئويغىنىپ كېتىدۇ؛

بەزى كىشىلەر ئېغىز بوشلۇقى ئىقتىدارى چېكىنىپ كېتىش، چىشى ياخشى بولماسلىق ياكى ئاشقازان، ئۈچىيى چېكىنىپ كېتىش، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ كېتىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن تاماق يېيەلمەسلىكى مۇمكىن؛

بەزى ياشانغانلار دائىم نەپەس ئالالماي قالىدۇ، بۇ بەلكىم نەپەسلىنىش ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلاشقانلىقى ياكى يۈرەك ئىقتىدارىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىدىن بولۇشى مۇمكىن؛

ئەگەر ياشانغان كىشى ياشلارغا ئوخشاش سالامەتلىك تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىنى قوغلاشسا، ھەم ئۆزىنى تەڭلىكتە قويىدۇ، ھەم بۇنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. تەكشۈرۈش كۆرسەتكۈچى نورمال قىممەتكە ماس كەلمىگەن تەقدىردىمۇ، ئەمما مۇۋاپىق دورا ئىشلىتىپ تىزگىنلىگەندىن كېيىن، نورمال سەۋىيەنى ساقلىغىلى بولىدۇ، داۋالاش ئارقىلىق نورمال ئادەملەرگە ئوخشاش تۇرمۇش كەچۈرگىلى بولىدۇ، مانا بۇ ساغلام ياشانغانلاردۇر.

 

مىسال

لاۋدۇ بۇ يىل 70 ياشقا كىردى، سالامەتلىكى يامان ئەمەس. يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، ئۇ دائىم پات-پات سىيىدىغان بولۇپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بالنىتسىدا يېتىپ،كۆپىيىش سىستېمىسىنى بىر قېتىم تەكشۈرۈشنى قارار قىلدى. لاۋدۇ كۈندۈزى ئۆزىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغانلىقىنى، ئەمما كېچىدە كۆپ سىيىش ئۇنىڭ ئۇيقۇسىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ـــ ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، كەچتە بەش ـ ئالتە قېتىم ئورنۇمدىن تۇرىمەن» دېدى.

دۇ ۋېنبىن بېيجىڭ دوختۇرخانىسىدا يېتىپ، ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇپ بۇ مەسىلىنى ئۈزۈل-كېسىل ھەل قىلىشنى ئويلىدى. ئۇ مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى مەزى بېزى يوغىناشتىن سۈيدۈك چىقىرىش توسقۇنلۇققا ئۇچراش كېلىپ چىققان دەپ ئەڭ ئاخىرقى دىياگنوزنى قويدى.

لېكىن، دوختۇر ئوپېراتسىيە قىلىشنى تەۋسىيە قىلماي، « ئوپېراتسىيە قىلىشنىڭ ئەسلا ھاجىتى يوق، پەقەت ئازراق دورا ئىشلەتسەكلا ياخشىلىنىپ كېتىدۇ» دېدى.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكلىپى: ياشانغان ئەرلەردە مەزى بېزى يوغىناش كۆرۈلسە، ھەممىسىنى ئوپېراتسىيە قىلىش ھاجەتسىز.

ئەمەلىيەتتە، نۇرغۇن مەزى بېزى يوغىناۋاتقان ياشانغان بىمارلار دوختۇرخانىدا ياتقاندىن كېيىن، تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مەزى بېزىنىڭ يوغىناش دەرىجىسىنىڭ ئانچە ئېغىر ئەمەسلېكىنى، ئاساسلىقى بىمارنىڭ كۆپ ئويلىۋالىدىغانلىقىنى بايقىدى.

ئەمەلىيەتتە، مەزى بېزى چوڭايغان بىمارلار دورا ئىچكەندىن كېيىن، كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىدۇ. بولۇپمۇ ياخشى سۈپەتلىك مەزى بېزى يوغىناشقا گىرىپتار بولغان بىمارلار ئەمەلىيەتتە ئەزالىرى قېرىغان بولىدۇ، دىياگنوزى توغرا بولغاندىن كېيىن، ھەر كۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر تال دورا يەپ بەرسە، كېچىلىك سۈيدۈك قېتىم سانىنى بىر كېچە ئىككى قېتىمغا چۈشۈرۈپ، تۇرمۇشقا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.

ئەمەليەتتە سىزنىڭ كېسىلىڭىز يوق، پەقەتلا قېرىپ قالدىڭىز

ساغلاملىق پايدىلىنىش كۆرسەتكۈچى«ئالتۇن ئۆلچەم»دىكى بەزى كۆرسەتكۈچلەرنىڭ «ئېشىپ كېتىشى» ئەمەس، ۋاڭ جيەنيې مۇنداق تەكلىپ بەردى: ساغلام ياشانغانلار يىلدا بىر قېتىم سالامەتلىك تەكشۈرتۈشى كېرەك؛ ئاساسىي كېسىلى ياكى ساغلاملىق خەۋپ-خەتىرى بار ياشانغانلار دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، ھەر يېرىم يىل ياكى ئۈچ ئايدا بىر قېتىم سالامەتلىك تەكشۈرتسە، كېسەلنى بالدۇر بايقاپ بالدۇر داۋالىتىشى، سالامەتلېكىنى يۈك قىلىۋالماسلىقى كېرەك.

لېكىن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ئادەم ياشانغاندا، ئەزالارنىڭ ئىقتىدارى چېكىنىپ كېتىدۇ، نۇرغۇن ساغلاملىق پايدىلىنىش كۆرسەتكۈچلىرىدىمۇ ئۆزگىرىش بولىدۇ. ئەگەر ياشانغانلار ياشلارغا ئوخشاش سالامەتلىك تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىنى قوغلاشماقچى بولسا، ھەم ئۆزىنى تەڭلىكتە قويىدۇ، ھەم زۆرۈرىيىتى يوق. 40 ياشلىق ساغلام كىشىلەر بىلەن كېسەلچان ياشانغانلارنىڭ روھىي ھالىتى ئىنتايىن مۇھىم، ئوخشاشلا قېرىيدۇ، لېكىن ھەر بىر ئادەمنىڭ قېرىش جەريانى ۋە نەتىجىسى ئوخشاش بولمايدۇ، دېدى.

ئەمەليەتتە سىزنىڭ كېسىلىڭىز يوق، پەقەتلا قېرىپ قالدىڭىز

ئومۇمەن ئېيتقاندا، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، كۆپ ساندىكى كىشىلەردە نورمال فىزىئولوگىيىلىك ئۆزگىرىش بولىدۇ. كېسەللىك ئالامىتى يېنىك بولسا، ئۇنى نورمال قېرىش دەپ قاراپ، تۇرمۇشقا تەسىر يەتكۈزمەي، كېسەللىك ئالامىتى بىلەن تىنچلىقتا بىللە تۇرۇش كېرەك. ئەگەر ئىشتىھاسى ياخشى بولمىسا، ئاز-ئازدىن كۆپ قېتىم يېيىش، قارا ئاشلىق ۋە مايسىز يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش، ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق بەدىنىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىش، ئەگەر بۇ ۋاقىتتا قارىغۇلارچە داۋالاش ئۇسۇلى قوللىنىلسا ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىدۇ .

بىر قىسىم دائىم كۆرۈلىدىغان قېرىش ئالامەتلىرىگە قارىتا، ياشانغانلارنىڭ روھىي ھالىتى ئىنتايىن مۇھىم. بەدەن سەللا بىئارام بولسا زىيادە جىددىيلىشىپ كەتمەسلىك كېرەك، تىنچ تاقابىل تۇرسىلا ياخشى بولىدۇ، ئائىلە ئەزالىرى ۋە پەرزەنتلەرمۇ ياشانغانلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە غەمخورلۇق قىلىپ، ياشانغانلارنىڭ ئەھۋالنى چۈشەنمەسلىك سەۋەبىدىن مۇۋاپىق بولمىغان داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

ئەلۋەتتە، بارلىق كېسەللەرنى قېرىش دەپ قاراشقىمۇ بولمايدۇ، مۇھىمى دەرىجىسىگە قاراش كېرەك. ئەگەر ئېغىر دەرىجىدىكى سالامەتلىك مەسىلىسى كۆرۈلسە، ئاغرىق سېزىمى ئېغىر بولسا ياكى نورمال تۇرمۇشقا توسقۇنلۇق قىلسا، يەنىلا دوختۇرخانىغا بېرىپ مەسلىھەت سوراپ، دوختۇرنىڭ تەكلىپى بويىچە مۇۋاپىق داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك.

ئەمەليەتتە سىزنىڭ كېسىلىڭىز يوق، پەقەتلا قېرىپ قالدىڭىز

ئەزا قېرىشنىڭ چېكىنىش ۋاقىت جەدۋىلى

1. تېرە قېرىش: 19 ياش، ئاياللاردا 19 ياشتىن باشلاپ تۇنجى قورۇق پەيدا بولىدۇ، ئەرلەردە 35 ياشقا كىرگەندە يۈز تېرىسى قۇرغاقلىشىپ، يىرىكلىشىپ، بوشىشىپ كېتىدۇ، 25 ياشقا كىرگەندىن كېيىن، كوللاگېن ئاقسىلىنى سىنتېزلاش سۈرئىتى ئاستىلاپ، گىئالۇرونىدازا ئازلايدۇ، ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشسا، تېرىدە قورۇق پەيدا بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

لىكوپېن

شوخلا تەركىبىدە مول تەبىئىي كۈچلۈك ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى لىكوپېن بار بولۇپ، ھەر كۈنى 16 مىللىگىرام لىكوپېننى قوبۇل قىلغاندا، ئاپتاپتا كۆيۈپ زەخىملىنىشنىڭ خەتەرلىك كوئېففىتسېنتىنى% 40 تۆۋەنلىتىدۇ، قىزىل شوخلا قېرىش، ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، سېرىق شوخلىنىڭ تەركىبىدە تېخىمۇ كۆپ كاروتىن بولۇپ، تېرىنىڭ قۇرغاقلىشىشى، يىرىكلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

كاروتېن، ۋىتامىن C

گېرمانىيە «دۇنيا گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سەۋزىنى كۆپ يېسە ئادەمنى تېخىمۇ ياشارتىدىكەن، قورۇقنى ئازايتىدىكەن، يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتات ۋە سېرىق، ئاپېلسىن رەڭلىك مېۋە قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە كاروتېن بار بولۇپ، ۋىتامىن C نى مۇۋاپىق تولۇقلىسا، تېرىنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرىدىكەن.

2. ئۆپكە قېرىش: 20 ياش، ئادەمنىڭ ئۆپكە سىغىمچانلىقى 20 ياشتىن باشلاپ ئاستا-ئاستا تۆۋەنلەشكە باشلايدۇ، 30 ياشقا كىرگەندە، ئەرلەر ھەر قېتىم نەپەسلەنگەندە 946 مىللىلېتىر ھاۋانى سۈمۈرىدۇ، 70 ياشقا كىرگەندە، بۇ سان 473 مىللىلېتىر ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدۇ.

تاماكا چېكىش ئۆپكىنىڭ قېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەڭ چوڭ قاتىل، تاماكا تاشلاش ئەڭ ياخشى تاللاش، شۇنداقلا ئىككىلەمچى تاماكىدىن يىراق تۇرۇش كېرەك؛

كۆپ ھەرىكەت قىلىش، بولۇپمۇ ئۆپكە سىغىمچانلىقى جەھەتتىكى چېنىقىش، مەسىلەن، يۈگۈرۈش قاتارلىقلار؛

ھاۋاسى ساپ بولغان شەھەر ئەتراپى، ئوكسىگېن يېتەرلىك بولغان ئورمانلىقلارغا بېرىپ سەيلە قىلىش، ئۆپكىنى تازلاش؛

يېڭى كۆكتات، مېۋىلەرنى، مەسىلەن، ئاق رەڭلىك يېمەكلىكلەر ــ گۈلسامساق، ئىئوۋلېۋا مېغىزى، خۇەيشەن دورىسى، سۇلۇ، نېلۇپەر ئۇرۇقى، سۇ لەيلىسى، نېلۇپەر يىلتىزى، پۇرچاق ئۇيۇتمىسى، بېلىق پۈۋەكچىسى، ئاق مور، نەشپۈت، ھەسەل قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مەنپىيلىكنى يېتىلدۈرۈپ، ئۆپكىنى نەمدەش رولىغا ئىگە.

3. چوڭ مېڭە ۋە نېرۋا سىستېمىسى: 22 ياش، 22 ياشتىن باشلاپ، چوڭ مېڭىدىكى نېرۋا ھۈجەيرىلىرى ئاستا-ئاستا ئازىيىدۇ. 40 ياشتىن كېيىن، نېرۋا ھۈجەيرىلىرى كۈنىگە 10 مىڭ دانە سۈرئەت بىلەن ئازىيىپ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ۋە چوڭ مېڭە ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

 

فولىك كىسلاتاسى

تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 50 ياشتىن يۇقىرى ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار يوپۇرماق كىسلاتاسى تولۇقلىسا ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈپ، چوڭ مېڭە ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشىنى ئاستىلاتقىلى بولىدىكەن، پالەك ۋە كۆك پۇرچاق قاتارلىقلار تەركىبىدە يوپۇرماق كىسلاتاسى مول بولۇپ، يوپۇرماق كىسلاتاسى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە بولىدۇ.

 

تائۇرىن كىسلاتاسى

مۇۋاپىق مىقداردا تائۇرىن تولۇقلاش ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى ياخشىلاپلا قالماستىن، بەلكى نېرۋا سىستېمىسىنىڭ قېرىشقا قارشى تۇرۇشىغىمۇ بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، قىزىل دېڭىز يۈسۈنىنىڭ تائۇرىن كىسلاتاسى بەزى دېڭىز-ئوكيان ھايۋانلىرى تېنىدىكى مىقداردىن يۇقىرى بولۇپ، بېلىق دۈمبىسىنىڭ قارىدىغان قىسمىنىڭ مىقدارى ئاق رەڭلىك قىسمىنىڭ 5 ~ 10 ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدۇ.

فوسفاتىدىل سېرىن

چوڭ مېڭە ياشارتىش ماددىسى دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنى تەشكىل قىلىدىغان مۇھىم ماددا بولۇپ، نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ ناچار ئاقسىللارنىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە ياردەم بېرىپ، مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆلۈش ئېھتىماللىقىنى ئازايتىدۇ، مەسىلەن: دادۇر.

ئاتسېتىلخولىن

ئاتسېتىلخولىن مېڭىنى ساغلاملاشتۇرۇپ، ئەستە قالدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ھەر كۈنى ئىككى خىل كاپۇستا تۈرىدىكى كۆكتاتلارنى ئىستېمال قىلىپ بىرىش كېرەك. مەسىلەن، كاپۇستا، چېچەكسەي قاتارلىقلار ئادەم بەدىنىنىڭ بىلىش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەش سۈرئىتىنى% 40 ئاستىلىتىدۇ. لېكىن، بەك ئۇزاق قىزدۇرۇلسا، ئۈنۈملۈك تەركىبلەر بۇزۇلىدۇ.

ئەمەليەتتە سىزنىڭ كېسىلىڭىز يوق، پەقەتلا قېرىپ قالدىڭىز

4. چاچ: 30ياش، ئەرلەرنىڭ چېچى 30 ياشتىن كېيىن ئاقىرىشقا باشلايدۇ، ئاياللارنىڭ 35 ياش ئەتراپىدا بولىدۇ، 60 ياشتىن كېيىن تۈك خالتىسى ئازلاپ، چېچى شالاڭلىشىپ، كۆپ چۈشىدۇ.

باش تېرىسىنى ئۇۋۇلاش

ئادەم بەدىنىدىكى 14 تال جىڭلو پەللىسى، 365 تال تورسىمان تومۇردىكى يەل ۋە قان باش قىسمىغا يىغىلىدۇ، يۈرەك، جىگەر، تال، ئۆپكە، بۆرەكتىن ئىبارەت بۇ بەش ئەزانىڭ ھەممىسى پەللە ئارقىلىق باش بىلەن تۇتىشىدۇ، تارغاق بىلەن چاچ تاراش ياكى ئالقان، بارماق بىلەن باش تېرىسىنى ئۇۋۇلاپ بەرسە، بەش ئەزانى تەڭشەپ، چاچ ئاقىرىش ، دائىرىلىك چاچ چۈشۈش ۋە چاچ چۈشۈشنى داۋالايدۇ، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىپ، ئۇيقۇسىزلىق، باش قېيىش، باش ئاغرىشنى داۋالاپ، چوڭ مېڭىنىڭ چېكىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ.

مۇۋاپىق يېمەك-ئىچمەك

بۆرەكنى قۇۋەتلەش ئۈچۈن، ياڭاق، قارا كۈنجۈت قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش كېرەك، ئەمما خىشۇۋۋۇنى كۆپ ئىستىمال قىلسا ،جىگەرنىىڭ زەھەرلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، كەيپىياتنى خۇشال تۇتۇش، بېسىمنى يېنىكلىتىدۇ، شۇنداقلا چاچنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىلىق.

5. مۇسكۇل: 30ياش، 30 ياشتىن بۇرۇن مۇسكۇل ئىزچىل ئۆسۈش-زەئىپلىشىش-ئۆسۈش-زەئىپلىشىش ھالىتىدە تۇرىدۇ، 30 ياشتىن كېيىن، مۇسكۇلنىڭ زەئىپلىشىش سۈرئىتى ئۆسۈش سۈرئىتىدىن يۇقىرى بولىدۇ، 40 ياشتىن كېيىن، مۇسكۇل ھەر يىلى% 0.5 تىن% 2 كىچە بولغان سۈرئەت بىلەن ئازىيىشقا باشلايدۇ.

يېمەك-ئىچمەك + چېنىقىش

مۇسكۇلنىڭ قېرىشى مۇسكۇل ئاقسىلىنىڭ بىرىكىشى ۋە پارچىلىنىشىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ياشانغانلارغا نىسبەتەن، ھەر كۈنى چۈشتە بىر قېتىمدىلا كۈندىلىك ئاقسىل سۈپىتىنىڭ% 80 ىنى قوبۇل قىلىش مۇسكۇلدىكى ئاقسىلنىڭ بىرىكىشىگە تېخىمۇ پايدىلىق بولۇپ، غەيرىي ياغ توقۇلمىلىرىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇۋاپىق بەدەن چېنىقتۇرۇش، مۇسكۇللارنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرىدۇ.

6. سۆڭەك:35 ياش

25 ياشتىن ئىلگىرى سۆڭەكنىڭ زىچلىقى ئىزچىل ئېشىپ، 35 ياشتىن كېيىن سۆڭەك ماددىسى يوقىلىشقا باشلايدۇ، تەبىئىي قېرىش باسقۇچىغا كىرىپ، 80 ياشقا كىرگەندە بوي ئىگىزلىكى 5 سانتىمېتىر تۆۋەنلەيدۇ.

بېلىق، راك، كالا سۈتى، سۆڭەك شورپىسى، قارا ئاشلىق، يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتات قاتارلىق كالتسىي، فوسفور تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش؛

ئىلمىي تۇرمۇش ئۇسۇلىدا چىڭ تۇرۇش، بەدەن چېنىقتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، قۇياش نۇرى ئاستىدا مۇۋاپىق ئېغىرلىق كۆتۈرۈش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش ۋىتامىن D نىڭ بىرىكىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماستىن، يەنە سۆڭەكنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۆڭەكنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرىدۇ؛

50 ياشتىن كېيىن ئامال بار ھەر يىلى بىر قېتىم سۆڭەك زىچلىقىنى تەكشۈرتۈش كېرەك.

ئەمەليەتتە سىزنىڭ كېسىلىڭىز يوق، پەقەتلا قېرىپ قالدىڭىز

7. يۈرەك: 40 ياش

40 ياشتىن باشلاپ، بەدەننىڭ كۈنسېرى قېرىشىغا ئەگىشىپ، يۈرەكنىڭ پۈتۈن بەدەنگە قان يەتكۈزۈش ئۈنۈمى تۆۋەنلەشكە باشلايدۇ، 45 ياشتىن يۇقىرى ئەرلەر ۋە 55 ياشتىن يۇقىرى ئاياللارنىڭ يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ.

ھەرىكەت

ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ھەرىكەت يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، يۈرەكنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدىكەن، بۇ، يۈرەكنى قوغداپ پاتولوگىيەلىك ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە بەلگىلىك رول ئوينايدىكەن.

سەرەبىل

سەرەبىل تەركىبىدە فولىك كىسلاتاسى، كالىي قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار مول بولۇپ، يۇقىرى سىستېئىننى ئازايتىپ، يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدۇ، بېشى قاتتىق ھەم ئىغىر، يىلتىز قىسمىدىكى كەسكەن جاي قۇرىمىغان، غول قىسمى ئاسان ئېگىلىدىغان سەرەبىل ياخشىراق بولىدۇ.

8. چىش: 40 ياش

شۆلگەي سۇيۇقلىقىدىكى باكتېرىيەلەر ئازلايدۇ، 40 ياشتىن كېيىن قورامىغا يەتكەنلەرنىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىش مىقدارى ئازلايدۇ، شۆلگەي ئازلايدۇ، چىش ۋە چىش مىلىكى تېخىمۇ ئاسان چىرىيدۇ، چىش ئەتراپىدىكى چىش مىلىكى توقۇلمىلىرى ئازلىغاندىن كېيىن، چىش مىلىكى يىگىلەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئېغىز بوشلۇقىنى تازىلاش

توغرا بولغان چىش چوتكىلاش ئۇسۇلىنى ئىگىلەپ، ئەستايىدىل چىش چوتكىلاش، ئېغىز چايقاش سۈيى، چىش يىپى قاتارلىق قوشۇمچە چىش تازىلاش بويۇملىرىنىڭ ياردىمىدە، ئېغىز بوشلۇقىنىڭ ساغلاملىقىغا ئەھمىيەت بېرىش، ھەر يېرىم يىلدا بىر قېتىم چىش يۇيۇش، ئېغىز بوشلۇقى مەسىلىسى بىر قەدەر ئېغىر بولغاندا، قەرەللىك ھالدا ئېغىز بوشلۇقىنى تەكشۈرتۈش كېرەك.

ۋىتامىن C

نۇرغۇن چىش مىلىكى قاناشنىڭ مەنبەسى ۋىتامىن C كەمچىل بولۇشتۇر، مايمۇن شاپتۇلىنىڭ ۋىتامىن C تەركىبى مېۋىلەر ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، ئۇ چىش مىلېكىنىڭ قوغدىغۇچىسى، چىش ئەتراپى كېسەللىكلىرىنى ئۈنۈملۈك پەسەيتىپلا قالماي، يەنە ئېغىز بوشلۇقى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى% 50 تۆۋەنلىتىدۇ.

9. كۆز: 40 ياش

40 ياشتىن باشلاپ، يېقىن ئارىلىقتىن شەيئىلەرنى كۆزەتكەندە ناھايىتى كۆپ كۈچ سەرپ بولىدۇ، ئارقىدىنلا كۆزنىڭ ئوخشاش بولمىغان كۈچلۈك نۇرغا ماسلىشىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ، چاقنىغان نۇرغا تېخىمۇ سەزگۈر بولۇپ، كېچىدە ئاپتوموبىل ھەيدەشكە ماس كەلمەيدۇ.

ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددا

تۇخۇم سېرىقىدا كاروتېن، كىسانتوفىل، كۆممىقوناق سېرىق ماددىسى قاتارلىق ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددىلار بار بولۇپ، تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھەر كۈنى بىر تال تۇخۇم يەپ بەرسە، پەقەت بەش ھەپتە ئىچىدىلا ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولىدىكەن، مۇۋاپىق ھالدا كۆز ئاسراش گىمناستىكىسى ئويناپ، ۋاقتىدا ئارام ئالسا، كۆزنى ئاسراش ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدىكەن.

10. بۆرەك: 50 ياش

بۆرەكنىڭ سۈزۈلۈش نىسبىتى 50 ياشتىن باشلاپ ئازىيىپ، كېچىدە سۈيدۈكنى قىسىۋېلىش ئىقتىدارىنى يوقىتىدۇ، كۆپ قېتىم تازىلىق ئۆيىگە بېرىشقا توغرا كېلىدۇ، 75 ياشلىق ياشانغانلارنىڭ بۆرەكنىڭ سۈزۈلۈش نىسبىتى 30 ياشنىڭ يېرىمىغا توغرا كېلىدۇ.

سۇنى كۆپ ئىچىش، ھەر كۈنى يېتەرلىك سۇ ئىچىش، سۈيدۈكنى قىسىۋالماسلىق؛

مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش، ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭ بولۇش، مۇۋاپىق دەم ئېلىش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىش؛

بەدەننى كۆپرەك چېنىقتۇرۇپ، دورىنى ئاز يېيىش، ئانتىبىيوتىكلارنى قالايمىقان ئىشلەتمەسلىك بۆرەك ئىقتىدارىغا پايدىلىق؛

ئادەتتە بەلنى كۆپرەك ئۇۋۇلاپ بەرسىمۇ بولىدۇ.

11. مەزى بېزى:50 ياش

مەزى بېزى يوغىناش، پات-پات سىيىش قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، 50 ياشتىن ئاشقان ئەرلەرنىڭ يېرىمىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ، نورمال مەزى بېزىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ياڭاق چوڭلۇقىدا بولۇپ، ئۆسكەن مەزى بېزىدە بىر ئاپېلسىن چوڭلۇقىدا بولىدۇ.

سۇنى كۆپ ئىچىش، سۈيدۈكنى قىسىۋالماسلىق كېرەك.

پاكىزلىقنى ساقلاش، سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش، ئىمكانقەدەر ئۇزاق ئولتۇرماسلىق؛

ئامال بار تاماكا چەكمەسلىك، ھاراق ئىچمەسلىك، غىدىقلاشچانلىقى بەك كۈچلۈك بولغان ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش كېرەك.

12. ئاڭلاش ئىقتىدارى: 55 ياش

55 ياش ئەتراپىدا ئادەمنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارى تەدرىجىي ئاجىزلايدۇ، 60 ياشتىن ئاشقانلارنىڭ يېرىمى قېرىغانلىقتىن، ياشانغانلاردىكى گاسلىق كېلىپ چىقىدۇ، ياشانغانلارنىڭ قۇلاق يولى دىۋارى نېپىزلەپ، قۇلاق پەردىسى قېلىنلاپ، يۇقىرى چاستوتىلىق ئاۋازنى ئاڭلاشتا قىينىلىدۇ.

تىڭشىغۇچ ئىشلەتكەن ۋاقىت بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك، بىر سائەت ئەتراپىدا ئارام ئېلىپ، قۇلاقنىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك.

تەركىبىدە سىنك، تۆمۈر، كالتسىي مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا، قىل قان تومۇرلارنى كېڭەيتىپ، ئىچكى قۇلاقنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشىنى ياخشىلاپ، ئاڭلاش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

13. ئۈچەي: 55 ياش

ساغلام ئۈچەي يولى زىيانلىق ۋە پايدىلىق باكتېرىيەلەرنى تەڭپۇڭلاشتۇرالايدۇ، لېكىن 55 ياشتىن كېيىن، ئۈچەيدىكى پايدىلىق باكتېرىيەلەر زور دەرىجىدە ئازىيىشقا باشلايدۇ، بولۇپمۇ چوڭ ئۈچەي ئادەم بەدىنىنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۈچەي يولى كېسەللىكلىرىنىڭ خەتىرىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

ئەمەليەتتە سىزنىڭ كېسىلىڭىز يوق، پەقەتلا قېرىپ قالدىڭىز

يۇقىرى تالالىق يېمەكلىكلەر

يۇقىرى تالالىق يېمەكلىكلەر ئاشقازاننى ئاسراپ، ئاشقازان، ئۈچەينىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ. مەسىلەن، ئېچىتىلغان پۇرچاق بوتقىسى، ئېچىتىش ئارقىلىق تەييارلىنىدۇ، تەركىبىدە پايدىلىق باكتېرىيە بار بولۇپ، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ.

14. تىل ۋە بۇرۇن:60 ياش

ئۆمرىدە ئەڭ دەسلەپتە تىلغا تەخمىنەن 10 مىڭ دانە تەم سېزىش غۇنچىسى تارقالغان بولۇپ، 60 ياشتىن كېيىن بۇ ساننىڭ يېرىمى كېمىيىپ، تەم سەزگۈسى ۋە پۇراش سەزگۈسى تەدرىجىي ئاجىزلايدۇ، جۇڭگودا 40 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم رېئاكسىيە خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان.

ئامال بار تاماكا چەكمەسلىك، ھاراق ئىچمەسلىك پۇراش سېزىمى ۋە تەم سەزگۈسىنى قوغدايدۇ. ئۇزۇن يىل تاماكا چېكىش، بۇرۇن ياللۇغى قاتارلىق مەسىلىلەر پۇراش، تەم سەزگۈسىنىڭ زىيادە بالدۇر چېكىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛

ئاپتاپپەرەس ئۇرۇقى ۋىتامىن E تەركىبى ئەڭ مول يېمەكلىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ناھايىتى ياخشى ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى قوغداش رولىغا ئىگە. ھەر كۈنى 30 گىرام ئاپتاپپەرەس ئۇرۇقى يەپ بەرسە ئېھتىياجلىق ۋىتامىن E نىڭ% 46 ىنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ.

15. تېرە قېرىش: 65 ياش

65 ياشتىن باشلاپ، ئاۋاز يېنىك، ئىنچىكە چىقىدۇ، بارغانسېرى بوغۇق چىقىدۇ، بوغۇزىدىكى يۇمشاق توقۇلمىلار ئاجىزلاپ، ئاۋازنىڭ جاراڭلىق دەرىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئاياللارنىڭ ئاۋازى بارغانسېرى بوغۇق چىقىدۇ، ئاۋاز سۈپىتى بارغانسېرى تۆۋەنلەيدۇ، ئەرلەرنىڭ ئاۋازى بارغانسېرى ئاجىزلايدۇ، ئاۋاز سۈپىتى بارغانسېرى يۇقىرىلايدۇ.

ئۆي سىرتىدىكى پائالىيەتكە دىققەت قىلىپ، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، يۇتقۇنچاق ياللۇغى، كېكىردەك ياللۇغىنى ئازايتىش؛

يۇتقۇنچاق-كېكىردەكنىڭ تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. تاماقتىن بۇرۇن، تاماقتىن كېيىن يۇتقۇنچاققا سۇ قۇيۇپ، ئېغىز چايقاش، ئادەتتە كۆپرەك چاي ئىچىپ، يۇتقۇنچاقنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاش؛

تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك، بولمىسا يۇتقۇنچاق-كېكىردەك قىسمى كۈچىيىپ سوزۇلما خاراكتېرلىك ياللۇغ پەيدا بولىدۇ.

16. دوۋساق:65 ياش

65 ياشقا كىرگەندە، سۈيدۈككە بولغان كونتروللۇقنى يوقىتىشىمىز مۇمكىن، سۈيدۈك تېخى تولۇپ كەتمىگەن تەقدىردىمۇ، دوۋساق تۇيۇقسىز قورۇلۇپ، 30 ياشقا كىرگەندە دوۋساق ئىككى ئىستاكان سۈيدۈكنى سىغدۇرالايدۇ، 70 ياشقا كىرگەندە پەقەت بىر رومكىلا سىغىدۇ، دوۋساق مۇسكۇلىنىڭ سوزۇلۇشچانلىقى تۆۋەنلەپ، سۈيدۈكنى ئۈزۈل-كېسىل سىقىپ چىقىرالماي، ئاسانلا سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

سۈيدۈكنى قىسىۋالىدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرمەسلىك كېرەك.

مەزى بېزى يوغىنىغان بولغان بىمارلار بالدۇرراق دوختۇرغا كۆرۈنۈپ داۋالىنىشى، مەزى بېزى يوغىناش كەلتۈرۈپ چىقارغان دوۋساقنىڭ زەخىملىنىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.

17. جىگەر:70 ياش

جىگەر ئادەم بەدىنىدىكى قېرىشقا جەڭ ئېلان قىلىدىغان بىردىنبىر ئەزا بولۇپ، بۇ جىگەر ھۈجەيرىسىنىڭ قايتا ئۆسۈش ئىقتىدارىنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك بولغانلىقىدىن بولىدۇ، ئوپېراتسىيە قىلىپ بىر قىسىم جىگەرنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن، ئۈچ ئاي ئىچىدە ئۇ بىر مۇكەممەل جىگەرگە ئايلىنىدۇ، ئەگەر ھەدىيە قىلغۇچى ھاراق ئىچمىسە، زەھەر چەكمىسە، يۇقۇملۇق كېسەلگە گىرىپتار بولمىسا، 70 ياشلىق بوۋاينىڭ جىگىرىنىمۇ 20 ياشلىق ياشقا كۆچۈرسە بولىدۇ.

مايلىق، ئاچچىق، يۇقىرى مايلىق يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇش؛

دانلىق زىرائەت تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر، موگۇ، لامنارىيە، كۆك ئالما قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش؛

يېتەرلىك، يۇقىرى سۈپەتلىك ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش، مۇۋاپىق بولغان مەشغۇلات ۋاقتى؛

مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ، بەدەندىكى زەھەرنى تازلاش.

ئەسلىدە ئادەم قېرىغاندا، بارلىق« كېسەللىك» نىڭ ھەممىسى« كېسەللىك» ئەمەس، نۇرغۇنلىرى نورمال قېرىلىقنىڭ ئالامەتلىرى، جىددىيلىشىش ۋە ئەنسىرەش ھاجەتسىز! كۆرۈپ زور ئىلھام ئىلىڭ، چوقۇم ئەتراپىڭىزدىكى دوستلارغىمۇ ئەۋەتىپ بېرىڭ، ھەقىقەتەن بەك مۇھىم!

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى