ساغلاملىق

نېمە ئۈچۈن ئاياللارنىڭ قېرىشى ئەرلەرنىڭكىدىن تېز، ئەمما ئۆمرى ئۇزۇن؟

تۇرمۇشتا مۇنداق ھادىسىنى كۆپ ئۇچرىتىمىز: تەڭ ياشلاردىكى ئەر-ئايال 20 نەچچە ياش ۋاقىتلىرىدا تولىمۇ ماس كەلگەندەك كۆرۈنىدۇ، ئەمما 40 ياشلارغا بارغاندا، ئايال بەكرەك قېرىپ كەتكەندەك، ئەر بولسا يەنىلا سالاپەتلىك كۆرۈنىدۇ.

نېمە ئۈچۈن ئاياللارنىڭ قېرىشى ئەرلەرنىڭكىدىن تېز، ئەمما ئۆمرى ئۇزۇن؟

  1. ئاياللار نېمە ئۈچۈن ئەرلەردىن تېز قېرىيدۇ؟

بىرىنچىدىن، ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى كوللاگېن ئاقسىلىنىڭ خورىشى كۆپ بولىدۇ.

ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى كوللاگېن ئاقسىلىنىڭ خورىشى ئەرلەرنىڭكىدىن كۆپ، بۇ قېرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم ئامىل. ئاياللار ئۆزىدىكى تەبىئىي ئامىل تۈپەيلىدىن كوللاگېن ئاقسىلىنىڭ خورىشى سۈرئىتى تېز بولىدۇ، ھەيز مەزگىلىدە بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ ئاجرىلىپ چۈشۈشى، بالا تۇغۇشتىن كېلىپ چىققان بالىياتقۇنىڭ زەخىملىنىشى كۆپ مىقداردا كوللاگېن ئاقسىلىنى خورىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا كۆپ قىسىم ئاياللار بەدەن ئېغىرلىقىغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، شۇڭا يېمەك-ئىچمەكنى قاتتىق كونترول قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بەدەنگە قوبۇل قىلىنىدىغان ئاقسىلنىڭ مىقدارى ئازىيىپ، كوللاگېن ئاقسىلىنىڭ بىرىكىشىگە تەسىر يېتىدۇ.

نېمە ئۈچۈن ئاياللارنىڭ قېرىشى ئەرلەرنىڭكىدىن تېز، ئەمما ئۆمرى ئۇزۇن؟

ئىككىنچى، ئانىلىق ھورمونى ئازىيىدۇ.

ئاياللارنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىۋېتىدىغان يەنە بىر مۇھىم ئامىل بولسا ئانىلىق ھورمونى(雌激素) ۋە پىروگېستېرون(黄体酮) نىڭ ئازىيىپ كېتىشىدۇر. تەتقىقاتلاردىن ئايان بولۇشىچە، ئانىلىق ھورمونىنىڭ سەۋىيەسى يۇقىرى بولسا تېرىنىڭ قېرىش سۈرئىتى ئاستا بولىدۇ، ئەمما ئانىلىق ھورمونىنى كۆپەيتكۈچى دورىلارنى كۆپ ئىشلەتكەندە، بالىياتقۇ راكى ۋە سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى يۇقىرلىتىۋېتىدۇ.

نېمە ئۈچۈن ئاياللارنىڭ قېرىشى ئەرلەرنىڭكىدىن تېز، ئەمما ئۆمرى ئۇزۇن؟

ئەمما ئاياللارنىڭ قارىماققا قېرىپ كەتكەندەك كۆرۈنۈشى ئۇنىڭ ئۆمرىنىڭ قىسقا بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، ئادەمنىڭ ئۆمرى كۆپ خىل ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بەلكىم بىر غەلىتە ھادىسىنى بايقىشىمىز مۇمكىن. نۇرغۇن ئائىلىلەردە بوۋاي ئالەمدىن ئۆتكەن، موماي ھايات قالغان. جۇڭگودىلا ئەمەس، پۈتكۈل دۇنيادىمۇ مۇشۇنداق ئەھۋال مەۋجۇت. 2019-يىلى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئېلان قىلغان «2019-يىللىق دۇنيا سەھىيە ئىستاتىستىكىسى»دا: پۈتۈن دۇنيادىكى ئەرلەرنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 70.3 ياش، ئاياللارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 75.3 ياش بولغان، دېمەك ئاياللارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى ئەرلەرنىڭكىدىن توپتوغرا بەش ياش يۇقىرى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

نېمە ئۈچۈن ئاياللار ئەرلەردىن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ؟

بىرىنچى، ئاياللاردا تۇغما ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش گېنى بار.

تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بىيولوگىيە دەرسلىكىدە بىز ئادەم بەدىنىدە 23 جۈپ خروموسوم بولىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە 22 جۈپىنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى، بىر جۈپىنىڭ جىنىسنى بەلگىلەيدىغان خروموسوم بولۇپ، XY نىڭ ئەر، XX نىڭ ئايالغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى ئۆگەنگەنىدۇق. ئەمەلىيەتتە X خروموسومدا نۇرغۇن مۇھىم گېن بولىدۇ، بۇلار ئىچىدە بىر خىل گېن DNA نىڭ ئەسلىگە كېلىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئەمما Y خروموسومنىڭ جىنىسنى بەلگىلەشتىن باشقا ھېچقانداق رولى يوق.

نېمە ئۈچۈن ئاياللارنىڭ قېرىشى ئەرلەرنىڭكىدىن تېز، ئەمما ئۆمرى ئۇزۇن؟

ئىككىنچى، ئەرلەرنىڭ نۇرغۇن ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى بار.

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئەرلەرنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرى ئاياللارنىڭكىدىن ناچار، ئەرلەر تاماكا چېكىدۇ، ھاراق ئىچىدۇ.

جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ 2018-يىلى دۆلىتىمىزدىكى ئەرلەرنىڭ تاماكا چېكىش ئادىتىگە قارىتا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، 2018-يىلى دۆلىتىمىزدىكى 15 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەرنىڭ تاماكا چېكىش نىسبىتى %26.6 ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەرلەر %50.5 نى، ئاياللار %2.1 نى ئىگەللىگەن.

2016-يىلى 7-ئايدا ئېلان قىلىنغان «2010-ۋە 2012-يىللىق جۇڭگودىكى 15 ياشتىن يۇقىرى ئاھالىلەرنىڭ ھاراق ئىچىش ئەھۋالى» ناملىق ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، دۆلىتىمىزدىكى 15 ياشتىن يۇقىرى ئاھالىلەر ئىچىدە ھاراق ئىچىدىغان ئەرلەر %54.6، ئاياللار %13.3 بولغان.

يەنە كۆپلىگەن ئەرلەرنىڭ بولۇشىغا يەپ-ئىچىش، كېچىسى ئۇخلىماسلىق دېگەندەك يامان ئادەتلىرى بار ئىكەن.

نېمە ئۈچۈن ئاياللارنىڭ قېرىشى ئەرلەرنىڭكىدىن تېز، ئەمما ئۆمرى ئۇزۇن؟

ئۈچىنچى، ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا چېنىقىشقا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ.

ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا ئىنچىكە كېلىدۇ، شۇڭا بەدىنىدىكى ئازراق ئۆزگىرىشلەرگىمۇ دىققەت قىلىپ تۇرىدۇ. ئەرلەر بىپەرۋا بولغاچقا، بەدىنىدىكى چوڭ-كىچىك ئۆزگىرىشلەرگە ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن كېسەللىكلەرنى بالدۇر بايقاپ، بالدۇر داۋالاشقا تەسىر يېتىدۇ.

نېمە ئۈچۈن ئاياللارنىڭ قېرىشى ئەرلەرنىڭكىدىن تېز، ئەمما ئۆمرى ئۇزۇن؟

تۆتىنچى، ئاياللار كەيپىياتىنى تەڭشەشكە ماھىر كېلىدۇ.

ئەرلەر مەيلى قانداقلا ئىشقا دۇچ كەلسۇن ھەمىشە ئۆزىلا بىلىدۇ، دوستلىرى بىلەن ئورتاقلىشىپ، ھال-مۇڭ بولۇشمايدۇ. ئەمما ئاياللار ئۇنداق ئەمەس. ئەگەر كەيپىياتى ناچار ياكى كۆڭلى يېرىم بولسا، بىرەر يېقىن دوستىنى ئىزدەش، بازار ئايلىنىش ئارقىلىق ئىچىنى بوشىتىۋالىدۇ. ئەمەلىيەتتە كەيپىياتنىڭ ياخشى بولۇشى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە پايدىلىق.

 

نېمە ئۈچۈن ئاياللارنىڭ قېرىشى ئەرلەرنىڭكىدىن تېز، ئەمما ئۆمرى ئۇزۇن؟

يىنچاقلىغاندا، ھەركىم ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىگە ھەرۋاقىت كۆڭۈل بۆلۈپ، مۇۋاپىق رەۋىشتە چېنىقىش، ياخشى بولغان يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ۋە كەيپىياتىنى تەڭشەشكە ئەھمىيەت بەرسە، ساغلام ياشاپ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگىلى بولىدۇ.

 

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى