ساغلاملىق

تېرىنىڭ بالدۇر قېرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئۇسۇللار

بىز تەبىئىي قېرىش جەريانىنى ئۆزگەرتىشكە ئامالسىز. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، چىرايىمىزدا قورۇقلار پەيدا بولىدۇ، تەبىئىيلا ياشلىق باھارىمىزدىن ئايرىلىپ قالىمىز. تېرە بارغانسېرى نېپىزلەيدۇ، بارغانسېرى قۇرغاقلىشىدۇ. گېن بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈز بېرىشىنى زور دەرىجىدە كونترول قىلىدۇ. تېببىي ئاتالغۇلاردا بۇ «ئىچكى قېرىش» دەپ ئاتىلىدۇ.

لېكىن بىز تېرىمىزگە تەسىر كۆرسىتىدىغان يەنە بىر خىل ئۇسۇلنى تاللاش ئارقىلىق يەنى مۇھىت ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى توغرا تاللاش ئارقىلىق تېرىنىڭ قېرىشىنىڭ بەك بالدۇر بولۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايمىز. تېببىي ئاتالغۇلاردا بۇ «تاشقى قېرىش» دەپ ئاتىلىدۇ. بەزى ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش ئارقىلىق، بۇ خىل قېرىشنىڭ تېرىمىزگە بولغان تەسىرىنى ئازايتالايمىز.

تېرىنىڭ بالدۇر قېرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئۇسۇللار

قۇياش نۇرى بىزنىڭ تېرىمىزدىكى قېرىلىق ئالامەتلىرىنىڭ بەك بالدۇر بولۇپ كېتىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. بىز قىلغان بىر قىسىم خاتا ئىشلارمۇ تېرىمىزنى ئەسلىدىكىدىن تېخىمۇ تېز قېرىتىۋېتىدۇ. تېرىنىڭ بەك بالدۇر قېرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى تەكلىپلەرنى بېرىمىز:

تېرىنىڭ بالدۇر قېرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئۇسۇللار

تېرىڭىزنى ئاپتاپتا كۆيۈپ كېتىشتىن قوغداڭ.

مەيلى دېڭىز ساھىلىدا بىر كۈننى ئۆتكۈزگەن بولۇڭ ياكى سىرتقا چىقىپ ئىش بېجىرگەن بولۇڭ، تېرىنى ئاپتاپتىن ساقلاش خىزمىتىنى چوقۇم ياخشى قىلىشىڭىز كېرەك. سىز سايە چۈشۈرۈش قالپىقى، كۈنلۈك، ئاپتاپتىن ساقلىنىش مەلھىمى قاتارلىقلار ئارقىلىق تېرىڭىزنى قوغدىسىڭىز بولىدۇ. ھەر كۈنى بارلىق ئوچۇق قالغان تېرىڭىزگە ئاپتاپتىن ساقلىنىش مەلھىمى سۈرتىشىڭىز كېرەك.

ئەگەر قېنىق رەڭلىك تېرىنى ياخشى كۆرسىڭىز، شۇنداق رەڭدىكى يۈز مايلىرىنى تاللاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ، تېرىنى ئاپتاپقا قاقلاپ رەڭگىنى ئۆزگەرتىشتىن ساقلىنىڭ.

چۈنكى تېرە رەڭگىنى ئاپتاپقا قاقلىنىپ، قېنىقلاشتۇرماقچى بولغاندا، قۇياش نۇرىدىكى ئۇلترا بىنەپشە نۇر تېرىگە تەسىر قىلىپ، تېرىنىڭ بالدۇر قېرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

تېرىنىڭ بالدۇر قېرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئۇسۇللار

تاماكىنى ئاز چېكىڭ، ھاراقنى ئاز ئىچىڭ.

تاماكا چېكىش تېرىنىڭ قېرىش سۈرئىتىنى زور دەرىجىدە تېزلىتىپ، تېرىدە سۇس سېرىق رەڭنى پەيدا قىلىدۇ. ئىسپىرت تېرىنى يىرىكلەشتۈرۈۋېتىدۇ. ئۇ تېرىنى سۇسىزلاندۇرۇپ، تېرىگە زىيان يەتكۈزۈپ، تېرىنى تېخىمۇ تېز قېرىتىۋېتىدۇ.

ئوخشاش چىراي ئىپادىسىنى تەكرارلاشتىن ساقلىنىڭ.

سىز چىراي ئىپادىسى چىقارغاندا، يۈزىڭىزدىكى مۇسكۇللىرىڭىزنى ھەرىكەتلەندۈرىسىز. ئەگەر كۆپ يىللاردىن بۇيان ئوخشاش مۇسكۇللارنى ئۈزلۈكسىز ھەرىكەتلەندۈرۈپ تۇرغان بولسىڭىز، شۇ جايلاردا قورۇق پەيدا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا قارا كۆزەينەك تاقاش كۆزىنى تولا قىسىۋېلىشنى ئازايتىشقا پايدىلىق.

تېرىنىڭ بالدۇر قېرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئۇسۇللار

يېمەك-ئىچمىكىڭىز ساغلام، تەڭپۇڭ بولسۇن.

بىر قانچە تۈرلۈك تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، كۆپ مىقداردا يېڭى مېۋە ۋە كۆكتات يېگەندە تېرىنىڭ بەك بالدۇر زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردىمى بولىدىكەن. تەتقىقات نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تەركىبىدە كۆپ مىقداردا شېكەر ياكى باشقا ساپلاشتۇرۇلغان كاربون-سۇ بىرىكمىلىرى بولغان يېمەك-ئىچمەك تېرىنىڭ قېرىش سۈرئىتىنى تېزلەشتۈرۈۋېتىدىكەن.

ھەر ھەپتىدە مۇۋاپىق چېنىقىپ بېرىڭ.

بىر قانچە تۈرلۈك تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، مۇۋاپىق ھەرىكەت ئارقىلىق قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتكىلى بولىدىكەن. بۇ تېرىنى تېخىمۇ ياش كۆرسىتىدىكەن.

تېرىڭىزنى يېنىك تازىلاڭ.

تېرىنى كۈچەپ سۈرتۈش تېرىنى غىدىقلايدۇ، تېرىنى غىدىقلاش تېرىنىڭ قېرىش سۈرئىتىنى تېزلىتىۋېتىدۇ. نورمال بولغان تازىلاش گىرىم بۇيۇملىرى ۋە باشقا ماددىلاردىن بولغان بۇلغىنىشنى چىقىرىۋېتىشكە پايدىلىق بولۇپ، تېرىڭىزنى غىدىقلىمايدۇ.

تېرىنىڭ بالدۇر قېرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئۇسۇللار

ئېغىر تەرلىگەندىن كېيىن، يۈزىڭىزنى يۇيۇڭ.

تەر تېرىنى غىدىقلايدۇ، شۇڭا تەرلىگەندىن كېيىن تېزدىن يۈزىڭىزنى يۇيۇشىڭىز كېرەك.

ھەر كۈنى نەملىك ساقلاش مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىڭ.

بۇ سۇ تەركىبىنى قۇلۇپلاشقا ياردەم بېرىپ، تېرىمىزنى تېخىمۇ ياش كۆرسىتىدۇ، بۇ تېرىنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى ئازايتىشقا پايدىلىق.

تېرىنى بىئارام قىلغان تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىشنى توختىتىڭ.

تېرىڭىزنىڭ ئېچىشىشى ياكى سانجىپ ئاغرىشى ئۇنىڭ ئاچچىقلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. تېرىڭىزنى غىدىقلايدىغان نەرسىلەرنى ئىشلەتسىڭىز، ئۇنىڭ قېرىش سۈرئىتىنى تېزلىتىۋېتىسىز.

دىققەت: تېرە كېسەللىكلىرى دوختۇرى يېزىپ بەرگەن بەزى تېرىنىڭ قېرىشىغا قارشى تۇرىدىغان مەھسۇلاتلار تېرىنى ئېچىشتۇرىشى ياكى ئاغرىتىشى مۇمكىن. رېتسېپلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەتكەندە بۇنداق ئەھۋاللار كۆرۈلسە، دوختۇردىن مەسلىھەت سوراش كېرەك.

تېرىنىڭ بالدۇر قېرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئۇسۇللار

تېرە ئاسراش مەڭگۈ كېچىكمەيدۇ

تېرىسىدە ئاللىقاچان بالدۇر قېرىش ئالامەتلىرى پەيدا بولغان كىشىلەرمۇ تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن مەنپەئەتلىنەلەيدۇ. تېرىڭىزنى ئاپتاپتا كۆيۈپ كېتىشتىن قوغدىسىڭىز، ئۇنىڭغا ئەسلىگە كېلىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىسىز. تاماكا تاشلىغانلار تېرىسىنىڭ بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ ساغلام كۆرۈنىدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى بايقايدۇ.

ئومۇمەن ئېيتقاندا، قانۇنىيەتلىك ئارام ئالماسلىق ئادىتى تېرىدە ئاسانلا بالدۇر قېرىش ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىدىغان كۆپ ئۇچرايدىغان سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ياخشى ئۇيقۇ، ياخشى ئارامغا كاپالەتلىك قىلغاندا، تېرىنىڭ بالدۇر قېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىنى ئاسان ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئەگەر تېرىنىڭ بالدۇر قېرىش ئالامەتلىرى سىزنى بىئارام قىلسا، كەسپىي تېرە كېسەللىكلىرى دوختۇرىغا كۆرۈنۈپ بېقىڭ، مۇۋاپىق تېببىي ۋاسىتىمۇ تېرىنىڭ ياش ھالىتىنى تېخىمۇ ئۇزاققىچە ساقلاشقا ياردەم بېرىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى